مېھماننى ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئېلىش، قىزغىن ئەھۋال سوراش، مېھماننىڭ قولىدا نەرسە- كېرەكلەر بار بولسا دەرھال قولىدىن ئېلىش كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مېھمان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش، ئاندىن داستىخان سېلىپ چاي قۇيۇش، ئەگەر يىراق يەردىن كەلگەن مېھمان بولسا ئىسسىق سۇ تەييارلاپ قولىغا سۇ بېرىش، ئەگەر ئۆيدە كىرىسلو بار بولسا مېھماننى ھەرگىز ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر سۇپىغا باشلاش توغرا كەلسە مېھمانغا كۆرپە سېلىپ، ئاندىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش كېرەك. مېھمانغا چاي قۇيغاندا چاينى پەتنۇس بىلەن ياكى بولمىسا ئىككى قوللاپ ئۇزىتىش، چاينى ھەرگىز بەك لىق قۇيىۋەتمەسلىك كېرەك.
ئىز تورى www.iz.la
كەلگەن مېھمان ئۆزىدىن چوڭ بولسا، مېھمان بىلەن ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل ئولتۇرۇش، مېھماننىڭ گېپىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىش، مېھمان گەپ قىلىۋاتقاندا ئۇياق- بۇياقلارغا قارىماسلىق، سائەتكە قاراشتىن ئەسنەشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئەگەر ھەقىقەتەن تاماق تەييارلاش دېگەنگە ئوخشاش زۆرۈر ئىش بار بولۇپ مېھمان بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا، مېھمانغا ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ ئىزاھات بېرىش كېرەك.
مېھمان كەلگەندە ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىمۇ شۇ مەيداندا بولسا مېھمانغا تونۇشتۇرۇش، ئۆيدىكى ئىشىكلەرنى ئاستا يېپىش، ئىش قىلغاندا جابدۇقلارنى تاراقلاتماسلىق، پاراڭنى ئامال بار تۆۋەن ئاۋازدا قىلىش، بالىلارنى ئۇرۇپ، تىللىماسلىق، مېھمان ئولتۇرغاندا يەر سۈپۈرمەسلىك كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
يىراقتىن كەلگەن مېھمان بولسا ئامال بار تاماققا تۇتۇپ قېلىش، ياكى بولمىسا مەخسۇس تاماق ئېتىپ كۈتىۋېلىش، ئىمكانىيەت يار بەرسە قىزغىنلىق بىلەن قوندۇرۇپ قېلىش كېرەك.
مېھمان ئۈچۈن ئېلىپ چىققان نەرسىلەرنى ھەمدە مېھمان ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى مېھماننىڭ كۆز ئالدىدىلا يىغىشتۇرماسلىق كېرەك.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مېھمان خوشلاشقاندا ئىشىكتىن چىققىچە ئۇزىتىش، ئۇزاتقان ۋاقىتتا مېھماننىڭ كەينىدە مېڭىش، قېرى، ئاجىز، مېيىپ كىشىلەر بولسا يول يۈرۈشتە، پەلەمپەيدىن چىقىپ- چۈشكەندە يۆلىۋېلىش، مېھمان بىرئاز ئۇزىغىچە ئارقىدىن قاراپ تۇرۇش، مېھماننىڭ ئارقىدىن يۇندا ۋە ئەخلەت قاتارلىق نەرسە تۆكمەسلىك كېرەك.
مېھمان كۈتۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئىشلار ھەممىلا يەرگە ئورتاق بولسىمۇ، بىراق بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆرۈپ- ئادەت، تۇرمۇش شەكلى، مەدىنىيەت سەۋىيىسى قاتارلىقلار شۇ جاينىڭ مېھمان كۈتۈش ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئاياللار مېھمان كۈتۈشتە ھەر بىر جاينىڭ ئەمىلىيىتىگە يارىشا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىناقلىق ۋە ئەدەپ - ئەخلاقنى كۆزدە تۇتقان ھالدا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.