ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر سۆيدى مۇھەببەت(فاتىمە)
كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 7
go

سۆيدى مۇھەببەت(فاتىمە)

Rank: 8Rank: 8

توردا
389سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
591 
تېما
113 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 19:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سۆيدى مۇھەببەت



بىخلانغان ئارمانلىرىم كۆكلىگەن چاغ،

روھىڭدىن تۈس ئالدى مىسكىن گۈزەللىك.

شاتلانغان كۆزلىرىم كۈلدى قاقاقلاپ،

بىغۇبار بۇ قەلبىم سەزدى شىرىنلىك.


تاڭ سەھەر چۈشلىرىمگە كىردى كۈلۈپ،

مىھرىدىن بىلىندى غورور ھەقىقەت.

بىخلانغان كۈچەتتەك نازۇك سىزىمدا،

كۆكلەمنىڭ ھىدىدەك سۆيدى مۇھەببەت.


مۇڭ لىرىك كۈيلەردەك ئاڭلانغان سادا،

ئۇيقۇلۇق قەلبىمنى سالدى لەرزىگە..

سەزدىم شۇ دەقىقە بىر خىل تۇيغۇنى،

ئالامچە خۇشاللىق تولدى قەلبىمگە.


بىلىندى ھەممە نەرسە شۇنچە گۈزەل،

يىقىملىق كۆرۈندى پۈتۈن مەۋجۇدات.

تۇغۇلدى ھاياتقا ئىشەنچ ئىرادە،

تاپتىم ھاياتتىن ھەقىقى مۇھەببەت.


خوش بولدۇم تۇرمۇشتىن شۇنداق سۈيۈنۈپ ،

جىسمىمدا كۈيىدۇ لاۋۇلداپ ئىستەك.

ئەتراپقا نەزەر سالدىم خۇشال كۈلۈپ،

كۆرۈندى كۆزۈمگە ھەممە يەر گۈلدەك.


مەنبە قەلىمىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-11 19:41

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەببەتلىك ھىس تۇيغۇللىرىڭىز تولىمۇ يارقىن چىقىپتۇ ... رەھمەت سىزگە ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
144سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
205 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن بۇ تىمىدا ھاياتقا بولغان مۇھەببەت تەسۋىرلىنىپتۇ ، بەك ياخشى چىقىپتۇ ، تىمىلىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ،.

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
53 
تېما
20 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەببەت لىرىكىڭىز شۇنداق جانلىق تەسىۋىرلىنىپتۇ.

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
238 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 23:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى يىزپىسز . قەلەم تۇلىپارىڭىز ھارمىسۈن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1533 
تېما
66 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 23:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شئىرنى بەك ياخشى يازىسىز، سىزگە تولىمۇ قايىلمەن، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا كىتاب چىقىرىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

Rank: 8Rank: 8

توردا
389سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
591 
تېما
113 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 00:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش mamatjan005 نىڭ يازمىسى

مەندە ئۇنچىلىك قابىلىيەت نىمىش قىلسۇن ئۇكام.

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
276 
تېما
27 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 12:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىرىنجى كوپىلىتتىكى بىرىنجى مىسرانىڭ چاغ دىگەننى چاغدا دىگەن بولسىڭىز تىخىمۇ ماسلىشاتتىكەن.رەخمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-19 08:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.