ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز سىز قانداق قىلدىڭىز؟
كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 4
go

سىز قانداق قىلدىڭىز؟

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
477 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتا-ئانىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئورنىمىز
ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنى بېقىپ، تەربىيلەپ قاتارغا قوشقۇچە قانچىلىك جەۋىر-جاپا تارتقانلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىلەپ بولالمايمىز، پەقەت ئۆزىمىزئاتا ياكى ئانا بولغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ھىس قىلالايمىز، بۇنى ھىس قىلالمايدىغان ياكى ھىس قىلىشنى خالىمايدىغانلار توغرىسىدا توختالغۇم يوق. بىز بىرقانچە بالىمىز بولغاندا بۇ بىرقانچە بالىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولالىدۇقمۇ-يوق؟ « ئەسكىنىڭ ئوتى يامان» دىگەندەك بىز بالىلىرىمىزغا ئىمكانقەدەر ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىدىكەنمىز، بىراق بالىلارنىڭ مىجەز-خۇلقى ئوخشىمىغاچقا ، قىلغان ئىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن، نەتىجىدە بىز (ئاتا-ئانا بولغۇچىلار) نىڭ قەلبىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئورنىمۇ تەڭ بولماي قالىدىكەن.
ھازىرغۇ جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، بىراق، 80-يىللارنىڭ ئالدىدىكى ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىچۇ؟! ئۆزىمىزچە ئاتام (ئانام) مېنى ياقتۇرمايدۇ ،...قا ئامراق دەپ ئاغرىنىپ قويىمىز. بۇ نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئويلاپ باقىدىغانلار قانچىلىك؟ تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمىگۈدەك جاپاتارتقان پەدەرلىرىمىزنىڭ ھالىدىن بىز زادى قانچىلىك خەۋەر ئالالىدۇق؟ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالدۇقمۇ ياكى ... سىرتتا ئېسىل نازۇ-نىمەتلەر بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا ئاتا-ئانىلىرى ئېسىگە كېلىدىغانلار قانچىلىك؟ بالىلار خاپا قىلغاندا ئېسىگە ئالىدىغانلار قانچىلىك؟ راھەت كۆرگەندە ئەسلەيدىغانلارچۇ؟ جاپا تارتقاندا ئەسلەيدىغانلارچۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئادىمىيلىك ساپايىمىزغا باغلىق ئىش، بولمىسا جەمىيەتتە ئاتا-ئانىلارنى ئۇلۇغلاش، خىزمىتىنى قىلىش ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ شۇئار توۋلايدىغانلار ساماندەك، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلەر قانچىلىكتۇ؟ ئاشۇ تەشۋىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلىرىنى رازىي قىلغانمىدۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ئويلۇنۇش سۇئالىنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ... رەھمەت سىزگە ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
15سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
54 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇڭا دانالىرىمىز مەن كويەرمەن بالامغا ، بالام كويەر بالىسىغا دەپتىكەن ....

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
238 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئويلۇنۇشىقا تىگىشىلىك سۇئاللار ئىكەن .

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
477 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-8 22:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىممەتلىك پىكرىڭىزگە رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-19 08:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.