ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز قىزچاق ھايالىق بۇلۇڭ.
كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 8
go

قىزچاق ھايالىق بۇلۇڭ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
389سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
591 
تېما
113 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 21:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قىزچاق ھايالىق بۇلۇڭ


ھازىر جەميەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ توي كۆينەكلىرمۇ سەرخىللىشىپ زامانىيلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. جەميەتنىڭ تەرەققى قىلشى

ياخشى ئىش لېكىن مىللى ئۆرۈپ ئادىتىمىزنىڭ كۆندىن-كۈنگە سۇسلىشىپ يۇقلىش ھالىتىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنى قېرىنداشلىرمىزنى ئويغا سالماي تۇرالمايدۇ.


يىقىندا بىر يىقىن تۇنىشىمىزنىڭ تويغا قاتنىشىپ قالدىم. بۇ قىز شۇنداق ئۇماق چىرايلىق قىز ئىدى. ئېچىمدە بۇ قىزنى توي كۈنى قانچە چىرايلىق بۇلۇپ ئېچىلىپ كىتەر دەپ ئويلايىتتىم. چۈنكى تويدىن بۇرۇن بۇ قىز ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادىتى بۇيچە ئەتلەستىن كۆڭلەڭ بېشىمغا چىمەن دۇپپا كىيمەن دېگەن ئىدى.بىزمۇ بۇ گىپىدىن شۇنداق سۈيۈنگەن ئىدۇق.

تويغا كەلگەنلەر ھەممىمىز مەرىكە زالىغا يىغىلىپ قىز بىلەن يىگىتنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇق قىز بىلەن يىگىت كەلدى دەپ داقا دۇمباق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە زالغا كىرىپ كەلدى. ئولتۇرغان چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن بۇيۇنلىرنى سۇزۇشۇپ قىز-يىگىتكە قاراپ بەخىت تىلەشتى.قىز بىلەن يىگىت تەييارلاپ قويغان ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى.


تاماق تارتىلىپ بىر قۇر يىيىشكەندىن كىيىن قىز-يىگىت رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ھەر بىر ئۈستەل قېشىغا كەلگەندە قاراپ شۇنداق ھەيران قالدىم. قىز-يىگىت زالغا كىرگەندە بەك دىققەت قىلماپتىكەنمەن.يېنىمغا كەلگەندە قىزنىڭ كىيۋالغان توي كۆڭلىكىگە قاراپ ئەرۋاھىم ئۇچتى. قىزنىڭ كىيگەن كۆينىكى ئاپپاق ياۋرۇپا پاسۇندا تىكىلگەن بەكلا ئۇچۇق ئىدى.بەدەنلىرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇچۇق بۇلۇپ نازۇك يەرلىرى ناھايىتى روشەن كۆرنۈپ تۇراتتى. قىز-يىگىت يېنىمىزدىن كەتكەندە،بۇ ئۈستەلدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى خېلى ئۇزۇنغىچە گەپ سۆزسىز سۈكۈتكە چۈمدى. نۇرغۇن تويلارغا بارغان بولساممۇ بۈگۈنكىدەك ھەيران قالمىغان ئىدىم. توي دېگەن ئىنسان ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم خۇشاللىق ئىش.تۇرسا تۇيى بولغان قىز شۇنچىۋىلامۇ ئۇچۇق كېيگەن بارمۇ؟ ئىچ-ئىچىمدىن ئويغا پاتقان ئىدىم. شۇ ئەسنادا مۇزىكا باشلىنىپ قىزنىڭ يۈزىنى قېينى ئاپىسى ئاچتى. مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا بەخىت تىلەپ دۇئا قىلدىم.


بىردەمدىن كىيىن قىز يىگىتنىڭ دوسلىرى مۇزىكا ساداسى ئىچىدە قىز بىلەن يىگىنى بىر-بىرىگە چېتىپ باغلاپ قويدى.مىنىڭ دىققىتىمنى قىزنىڭ توي كۆڭلىكى بەكلا تارىتقاچقا ئۇلاردىن كۈزۈمنى ئۈزمىگەن ئىدىم. شۇ ئەسنادا بۇ قىز يەنە ھايا پەدىشەپنى ئۇنتۇپ يىگىتنىڭ بۇينىغا ئېسلىپ لىۋىگە-لىۋىنى يېقىپ سۆيدى. مەن بۇ كۆرنۈشتىن كۈزۈمنى ئەپقاچتىم.ئەتراپتىكى قىز-يىگىتنىڭ دوسلىرمۇ ھەيران قالدى. بۇ قىزنىڭ مۇشۇنداق ئەدەپسىز قىلىقلىرغا بۇ يىگىت ھىزاراپ يول قۇيۇپ قاراپ تۇراتتى. ئىچىمدە بۇ يىگىتكىمۇ نالەت ئۇقۇدۇم. مۇشۇنداق ئۇچۇق توي كۆينىكىنى ئەپ بەرگەن .يەنە ئاتا-ئانىسى دوسلىرى بىر مۇنچە مىھمانلار ئىچىدە،ھايا-پەدىشەپنى ئۇنتۇپ يالىشىپ يۈرگەن. ئىسىت سەنمۇ بىر ئۇغۇل بالا بۇلۇپ قاپسەن.

قىز شۇنداق ئۇچۇق كىيىم كىيمەن دېگەندە نىمىشقا توسمايسەن؟قىزغا نىمە ئۈچۈن <<سىنىڭ پۈتۈن جىسمىڭ مەن ئۈچۈن مەن كۆرۈشكە بۇلىدېغان يەرلىرىڭنى باشقىلارغا كۆرسەتمە>>دىيەلمەيسەن ،ھەم شۇنچە مىھمانلار ئالدىدا بىئەدەپلىك قىلسا تەڭ ماسلىشىپ ئايالىڭنىڭ قىلىقلىردىن پەخىرلىنىپ بىرسەن؟ سەن شۇ كۆڭلەكنى كېيمە دېسەڭ قىز كىيىشكە پېتىنالامدۇ؟

بىئەدەپلىك قىلغاندا تەنقىت -تەربىيە قىلساڭ سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلىماي تۇرالامدۇ؟ ئىچىم ئاچچىق بىلەن تۇلۇپ يەنە ئولتۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدى.


ھازىرقى بەزى قىزلارغا نىمە بولدى. مۇدا-مۇدا دەپ ياۋرۇپانىڭ توي كۆينەكلىرنى قانچىلىك قىممەت بۇلشىغا قارماي

ئېلىشقان. ئەجىبا ئۆزمىزنىڭ شۇنداق چىرايلىق ئەتلەس كۆينەكلىرمىز بارغۇ؟ شۇنى كىيسە گۈلدەك ئېچىلىپ تېخىمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كىتىدۇ. يىگىتلەرمۇ قىزلارنىڭ رايىغا بېقىپ نىمە دېسە ماقۇل دەۋەرمەي ئۆزىڭلارمۇ ياخشى ئويلىشىپ بېقىڭلار؟ سىلەر قىزلارغا ئۇنداق كىيىمنى كېيمە دېسەڭلار قىزلارمۇ كېيمەيدۇ. يەنە بەزى ھاياسىزلىققا يول قويۇپ پەخرلىنىپ خۇشال بولماي تەنقىت-تەربىيە قىلساڭلار بەزى شەرمىي ھاياسىز قىزلارمۇ ئۇڭشىلىدۇ. مۇھەببەت دېگەن يۇشۇرۇن ھايا-پەدىشەپ بىلەن بولسا ئاندىن شىرىن بۇلىدۇ.


توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىزلارغا ئەتلەستىن توي كۆينىكى سوۋغا قىلاي.يارسا تۇيۇڭلاردا مۇشۇنداق مىللى ئەنئەنە بۇيچە ئەتلەستىن توي كۆينىكى چىمەن دوپپا كىيەرسىلەر.


مەنبە قەلىمىم ئىزدەش تورى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-9 22:35

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 22:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى تېمىنى يوللاپسىز ... ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ھەقىقەتەن بۇ جەمئىيىتىمىزدىكى شۇنداق ياشلىرىمىزغا قارىتا ئىبرەت بولغۇسى ... سىزگە كۆپ تەشەككۈر ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
182سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
255 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 01:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىڭىزغا ئوقۇپ مەنمۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم . تىمىدىكى « مودا» لارنى جەمىيىتىمىزدە تويلاردا ، ئولتۇرۇش قاتارلىق سورۇنلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ . بىزنىڭ «ئۇيغۇر» قىز - ئاياللىرىمىزمۇ «مودا» ،«شاش» لىقنى بىر - بىرىدىن تالىشىپ دىگۈدەك قىلىدىكەن . ئۇنداق تالىشىپ ئۇ «مودا» نى تالاشمىسىمۇ ئۆز مىللىتىمىزنىڭمۇ شۇنداق ئىسىل توي-مۇراسىم كىيىملىرى تۇرسا . ھەقىچان ئۇلار ئۇ كىيىملەرنى چەتئەلنىڭ دەپلا بەك چوڭ بىلىدىغان ئوخشايدۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
259سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
631 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 01:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىمىسىمۇ ھازىر ‹مودا›قوغلىشىدىغان قىزلىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى،قانچە قىممەت بولىشىغا قارىماي شۇنداق ‹ مودا›توي كىيىمىنى كىيىپ ئۆزىنى بازارغا سالغاندەك‹كەچۈرۈڭلار،ئەدەپسىز سۆز قىلىپ سالدىم›ئولتۇرۇپ كىتىشلىرى، بەزى لاتا ئوغۇللىرىمىزمۇ جۆرىسىنىڭ شۇنداق كىيىنىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك مەغرۇر ئولتۇرۇشلىرى ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ~~!

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
420 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 17:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىڭىزنى ئوقۇپ شۇنىداق خىجالەت ئىچىدە تەسىرلەنىدىم . بەك ياخىشى يىزىپىسز .

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
540 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 19:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى تېمىنى يوللاپسىز

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
238 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 23:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى تىما يوللاپىسز . ئاللا ئەجىرڭىزنى بەرسۈن .

توردا
18سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
78 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 00:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى تېمىنى يوللاپسىز بىراق شۇ ئۇ رەسىملەرگە قارسا ئادەمنىڭ يۇرگى ئېچىشىدىكەن

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
247 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 12:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەبۇ ھەسەن ئەلى ئىبنى سىنا ‹‹ئىنساننىڭ لاتاپىتى ھايادۇر››دىگەن ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلىمىسە ئۆزگىلەر قانداقمۇ قەدىرلىسۇن ھەي.............
ئىشقلىپ ھازىر ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىچىشتۇرىدىغان ئىشلار بەك كۆپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-19 08:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.