مەن جالاپ ئەمەس(راست ئىشلار خاتىرىسى)
مېنىڭ بەش يىلىم
ئاپتورى: نۇرئىمانگۈل ئابلىز
1. ياق، مەن جالاپ ئەمەس
- دادا، مېنى بارغىلى قويۇڭ، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرى مېنى ساقلاپ قالىدۇ. رۇخسەت بېرىڭە دادا.
ئۆتۈنۈپ قالاي.
- ئانا، دادامغا گەپ قىلىڭە، بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلىرىمنى كىچىدىن ئۇخلىماي تۈگەتكەندىكىن.
ـ ئانام لەۋلىرىنى مىدىرلىتاي دەپ تۇرۇشىغا دادامنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى يەنە ماڭا قادالدى.
- ياق، ھەرقانچە ناھىيىنىڭ ھاكىمى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ بۈگۈن ھېچيەرگە بارمايسەن.
دادامنىڭ ئەلپازى بەكلا قەتئىي ئىدى.
- بۈگۈن بارماقچى بولغان يىرىڭنىلا ئەمەس، قىلماقچى بولغان پۈتكۈل ئىشلىرىڭنى توختات. بۇ مېنىڭ ساڭا قىلغان بۇيرۇقۇم. نەچچە يىلدىن بېرى تىرىغان باش ئاغرىقىڭ يېتىپ ئاشىدۇ.
دادامنىڭ ئېيتقانلىرى دەرھەقىقەت، مېنىڭ ئۆيدىكىلەرگە سالغان خاپىلىقلىرىمنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.
- دادا، مەن ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى ياقىلايمەن دەپ سىلەرگە نۇرغۇن جاپا سالدىم. بىراق مەن خاتا ئىش قىلمىدىم.
- نېمە، يەنە مېنىڭ توغرا دەۋاتامسەن تېخى، دادامنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلدى، - سىرتتىكى پىتنە - ئىغۋالارغا قاراپ باقە. سەن ئۇياتمىغىنىڭ بىلەن مەن تۇرالمىدىم مۇشۇ مەھەللىدە. ھۇ نومۇسىنى بىلمەيدىغان رەسۋا.
دادامنىڭ رەسۋا دەپ چالۋاقىشى بىلەن تەڭ خۇددى قوقاس ئۈستىگە دەسسىۋالغان توخۇدەك ئىزىمدا تۇرالمايلا قالدىم.
- مېنىڭ بىر ۋاقلىقىم خەقنىڭ ئۆيىدە ئەمەس دادا. باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق. ئۆزۈمنىڭ قىلغىنى ئۆزۈمگە دۇرۇس بىلىنسىلا شۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمەن. بىر ياراتقان ئاللاھتىن قورقمىساق ئۇياتساق بولىدۇ، مېنىڭ يولۇمنى ھېچكىم توسالمايدۇ. كوچا - كويلاردا ئۆسەك سۆزلەرنىڭ بولۇشى ئۇ تەبىئىي ئەھۋال. مەن شۇنىڭدىن قورقۇپ سىرتقا چىقمامدىم. - مېنىڭمۇ ياشاش ئەركىنلىكىم بار، دېدىم مەن ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ.
- ھەي، ھايۋان. مەندىن بىر كۈن رۇخسەت سورىدىڭما سەھەردە چىقىپ كەتسەڭ، قاراڭغۇ چۈشمىگىچە ئۆينى تاپالمايسەن. نەگە بارغىنىڭنى كىم كۆرۈپتۇ. خەقنىڭمۇ كۆزى بار. شامال چىقمىسا دەرەخ تەۋرىمەيدۇ.
- دادا مەن خەقنىڭ ئىغىزىغا چىقىپ كۆزىگە چىلىققۇدەك قايسى ئىشنى خاتا قىلدىم؟ - يىغلاپ تۇرۇپ چىچىلدىم مەن.
- ئۆزۈڭ بىلىدىغانسەن نېمە قىلغىنىڭنى. ئىشقىلىپ بۈگۈن بىر ياققا بېرىشىڭغا رۇخسەت يوق.
مەن دادامغا يالۋۇرۇپ يىلىندىم، ئەھۋال چۈشەندۈردۈم، ئۆتۈمدۈم. بىراق دادام پەقەت گەپ يىمىدى. ئاخىرى دادامنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىمايلا گۈللۈكنىڭ پەشتىقىغا قويۇلغان سومكامنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقماقچى بولدۇم.
- بوسۇغا ئاتلايدىغان بولساڭ ئائىلە ئەزالىق تىزىملىكىدىن رەسمى ئۆچۈرىلىسەن. ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچى بولما!
مەن بىر ئىزىمدا خۇددى قېقىپ قيغان قوزۇقتەك تۇرۇپ گويا باش باھارنىڭ يامغۇرىدەك ياش تۆكتۈم. ئەتراپ جىمىپ قالدى.
- ئىختىيارىڭىز دادا، مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئەنە شۇنداق ئېغىر بىسىم، بۇيرۇق پەرمانلار مەندىن خالىي ئەمەس. سۇنى سىقسا ئالقاندا تۇرماپتۇ دېگەندەك شۇنداق تۇرۇپمۇ مەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتتىم. ئابرويلۇق ئائىلىنىڭ قىزى بولماق خويمۇ قىيىنكەن. ئۆزىڭىزنى ئاسرىغايسىز!
مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئىككى تەرىپىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈۋاتقان سۇۋادان تىرەكلەر مەھەللە يولىدا مەن ئۆزۈم تەنھا كېتىۋاتىمەن. ياز ئايلىرىنىڭ يىقىملىق شاماللىرى ياپيېشىل تەبىئەت مېنىڭ سۇلغۇن كەيپىياتىمغا تەسەللى قىلىۋاتقاندەك، كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. قەدەملىرىم شۇنچە مەيۇس، ئىچ - ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ئازابلىق كۆز ياشلىرىم ئاپئاق يۈزلىرىمنى چالا يۇيۇلغان ئالمىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. مېنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم ئازاپ ئوتىدا ئۆرتىنەتتى. چۈنكى مەن باش پاناھىم، مەدەتكارىم بولغان دادامغا گەپ ياندۇرۇپ ئۆيدىن يىنىپ چىقتىم ئەمەسمۇ. مېنى ئادەم دېگىلى بولاتتىمۇ. بۇ دادامنىڭ مېنى ئۈچىنچى قېتىم ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىشى. بىراق ئالدىنقى قېتىملىرىدا ئائىلە ئەزالىق نوپۇسىدىن ئۆچۈرۈلدۈڭ دەپ باقمىغان. بۇقېتىم يامان يىرىگە بېرىپ يەتتى. مەن ئەنە شۇنداق خىيال دەرياسى ئىچىدە ئەللەيلىنىپ يىزىمىزدىكى ماشىنا توختاش بېكىتىگە بېرىپ توختىدىم. سائىتىمگە قارىسام مەن دېيىشىۋالغان ۋاقىتقا يېرىم سائەتلا قاپتۇ. خېلى ساقلىغان بولساممۇ ھېچبىر ماشىنا كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئاخىرى تېلېفون بوتكىسىا بېرىپ ئانام تەرەپ تاغامغا تېلېفون قىلىپ ماشىنا ئېلىپ چىقىشنى ئېيتماقچى بولدۇم. تېلېفون ئۇلاندى، لېكىن ئېلىنمىدى. مەن جىددىيلەشكەن ھالدا تۆت تەرەپكە تەڭ قاراپ قانداقتۇر بىرەر ماشىنىنىڭ كېلىپ قىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدىم.
- ھە، ھازىر تېخى تېلېفون قىلغانما. ار ئۇ جالاپ. نېمىلىرى بولىدۇ ئۇ جالاپ.ـ تېلېفونچى قىزنىڭ قوپال تەلەپپۇزدا، قەستەن ماڭا ئاڭلىتىپ ۋارقىراپ سۆزلىشى مېنى ئۆزىگە قاراتتى. قارىسام ئۇ قىز قولىدا تېلېفوننى تۇتۇپ تۇراتتى.
- بۇ ماڭا كەلگەن تېلېفونمۇ نېمە؟ ھۇي نېمىشقا قويۇۋېتىسىز؟ سورىدىم مەن مەيۈس ھالەتتە.
- تېلېفون مېنىڭ بولغاندىكىن قانداق قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن، بولماپتىما، ھۇ بۇزۇق جالاپ.
- ۋېيەي، سىز كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ سورىدىم مەن.
- ۋاي قوۋۇرغام، قانداق قىلاي ئەينۇلىقىنى، ئالدىمدا كىم تۇرغان بولسا ئەلۋەتتە شۇنى دەيمەندە...
شۇ ئارىدا ئەتراپىمىزنى مىژژىدە ئادەملەر توپى ئورىۋېلىشتى، شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى چىقىپ، ئايىمگۈل بۇ قىز ئەخەت ئوسمان ھاجىمنىڭ نەۋرىسى نۇرئىمانگۈل ئەمەسمۇ، خاتا تونۇپ قالمىغانسىز - ھە؟
- ياق، ھەرگىز خاتا تونۇمىدىم. ھازىر ھاىملار ئائىلىسى جالاپلار ئائىلىسىگە ئايلىنىپ قالاي دېدى. ئۇزۇن كىيىم كىيىپ يۈرگىنى بىلەن ئايىغىنى ئوچۇق قويىدىغان جالاپ خىنىملارنىڭ ھالىغاۋاي. مۇشۇمۇ شۇ خىنىملارنىڭ بىرى. ئاچىسى ئاينۇر جالاپنىڭ سىڭلىسى نۇرئىمانگۈل جالاپ دەل ئۆزى شۇ. ئاينۇر جالاپنىڭ كاساپىتىدىن مېنىڭ ئىككى بالام يىتىم بولاي دەۋاتىدۇ. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىردەم بىر - بىرىگە قاراپ كۇسۇلداشسا، بىردەم مېنىڭ چىرايىمغا، ئۈستى - بېشىمغا تەكرار سەپسالاتتى.
بىرسىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ بىرنەرسە دېسەك بولمىغىدەك. قارىسا شۇنداق نەپىس كىنىۋاپتۇ بۇ قىز. ئىسلام كىيىملىرى ئىشرەتۋاز ئاياللارنىڭ ياخشى نىقابى بوپتۇغۇ ئەمدى.
ئوتتۇرا بوي، ئارا سىمىز بىر ئەركىشىنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ماڭا قادالغان كۆزلىرىدىن، كۇس - كۇس پاراڭلىرىدىن قاتتىق ئەلەم ۋە خورلۇق ھېس قىلدىم. نومۇسنىڭ كۈچىدىن ئۆلۈپ كەتمىدىم، باشقىسى بولدۇم. شۇ مىنۇتلاردا ئاسمانغا چىقىپ كېتەي دېسەم يىراق، يەرگە كىرىپ كېتەي دېسەم قاتتىق، شەلپەردەك قىزارغان يۈزلىرىمنى يەردىن كۆتۈرەلمەى ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەزەلدىن ئۇنداق كۆپ ئادەملەر، بولۇپمۇ ئەرلەر ئالدىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمايتتىم. تەلىيىمگە ماشىنىمۇ كېلىپ قالدى.
مەن جالاپما؟ ئۇلار مېنى ھاجىملار ئارىسىدىن چىققان جالاپ خېنىم دەيدىغۇ. ياق، مەن جالاپ ئەمەس. مەن دېگەن قارىھاجىمنىڭ نەۋرىسى، مەن جالاپلىق قىلمىغان تۇرسام ئۇلار مېنى نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ. زادى، مەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىتا گەپ قىلالمىدىم، ئۇلار مېنى تىللىدى، مەن تىللىيالمىدىم.
دېمەك مېنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا تىلىم كىسىك، جەمەتىمىز ئىچىدىن نەۋرە ئاچامنىڭ شۇنداق يولغا مىڭىپ قالغانلىقى دەرھەقىقەت. بىراق مېنىڭ قايتا - قايتا نەسىھەت قىلىشىم بىلەن ئاچام توغرا يولغا قايتىپ ئاشخانا ئاچتىغۇ. ھازىر ھالال كەسپى بىلەن كۈندارچىلىق قىلىۋاتىدىغۇ؟ ئەجىبا ئۇ بىر ئۆمۈر جالاپ دېگەن نام بىلەن ياشارمۇ؟ جەمئىيىتىمىز، نادان خەلقىم سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھىنى تونۇشىغا پۇرسەت بەرسەڭلار نېمە بولار!
شوپۇرنىڭ بېكەتكە كەلدۇق دېگەن ئاۋازى مېنىڭ خىيالىمنى بۆلدى. باشقىلار ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار مېنى «ھەي جالاپ، سەنمۇ چۈشە» دەپ قويۇپ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك شوپۇرمۇ مېنى «ھەي، جالاپ چۈشمەمسەن ماشىنامدىن» دەپ تىللاپ كېتىۋاتقاندەك دەرھال بېكەتتىن چىقىپ ماڭدىم. بىراق يول ئۈستىدە ماڭا يولۇققانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى جالاپ دەپ تىللايدىغاندەك، نەۋرە ئاچامنىڭ ئىشلىرىنى يۈزۈمگە سالىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. پۈتكۈل جاھان كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ ماڭىدىغان يولۇمنىمۇ ئايرىيالماي بېشىم قايغان تەرەپكە كېتىپ قاپتىمەن. توساتتىن بېسىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئاغرىق ئازاۋىغا بەرداشلىق بېرەلمەيلا قالدىم. گاللىرىم قۇرۇپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى، بېشىم گويا كۈچلۈك پالتىدا چىقىلىپ ئۇۋۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك سىقىراپ ئاغرىيتتى. كۆزۈمنى ئاچسام تۇرمۇش نەرسە - كېرەكلىرى ساتىدىغان ماگىزىننىڭ ئالدىدىكى كارىۋاتتا يىتىپتىمەن. ئاپئاق يۇمشاق بىر جۈپ قول چىكەمنى ئۇۋۇلاپ، يۇمۇلاق بىر جۈپ مېھرىبان كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپتۇ. «قايسى ئىشرەتخانىدىن كەلگەن جالاپسەن» دېگەن ئاۋاز قۇلۇقۇمغا ئاڭلانغاندەك بولدى. ۋارقىراپ كەتتىم.
- ياق، مەن جالاپ ئەمەس، مەن جالاپ ئەمەس، مەن دېگەن ھاجىمنىڭ نەۋرىسى، ئىشرەتخانىغا كىرىشىمدە سەۋەپ بار.
- كىم سىزنى جالاپ دېدى. ھېلىقى مېھرىبان چىراي يۈز - كۆزلىرىمنى سۈرتتى، توپىلىرىمنى قاقتى.
- سىزگە نېمە بولدى؟ ئىسمىڭىز كىم؟
- ئىسمىم نۇرئىمانگۈل.
- ئاۋۇ يەردە ئايلىنىپ يىتىپ قاپتىكەنسىز، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىزنى كۆتۈرۈپ بۇ يەرگە ئەكېلىپ ياتقۇزدۇم. سىزگە تاماق بۇيرۇتقان ئىدىم، قېنى ئىچىڭ، قىززىق ئاش ئادەمنىڭ زەھىرىنى ئالىدۇ.
ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايال مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قىززىق چۆچۈرە ئاشنى بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئىچۈردى. يەنە كېلىپ چۆچۈرە مېنىڭ ئەڭ ئامراق تامىقىم ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن بۇ ئايالنىڭ ماڭا قىلغان ھېسداشلىقىدىن سۆيۈنۈپ جاھاندا يەنىلا ياخشى ئادەملەر باركەنغۇ دەپ مەمنۇن بولۇپ ياش تۆكسەم، يەنە بىر تەرەپتىن تېخى نەچچە سائەت ئالدىدىلا ئائىلەمدە ۋە تېلېفون بوتكىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە مەن ئىشرەتخانىغا كىرىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھېلىقى قىزلارنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى خىيالىمنى ئەگىيتتى. جەمئىيىتىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق خاتا كۆزقاراشلىرى، پىتنە - ئىغۋالىرى نۇرغۇن قىزلارنى ھالاكەت يولىغا باشلاپ نابۇت قىلىۋاتىدىغۇ دېگەنلەرنى ئويلايتتىم - دە ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمنى تۆكەتتىم. ھېلىقى چۆچۈرە كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ ئىچىلىۋاتاتتى.
- بولدى، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ، بىرەر ئىشتىن خاپا بولۇپ قالغاندەك قىلىسىز.
مېنىڭ خاپا بولغانلىرىم بەك جىق، كىمدىن خاپا بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئويلاپ يېتەلمىدىم. مېنى بەكرەك خاپا قىلغىنى جەمئىيەت بىلەن نادان خەلقىمدەك قىلىدۇ.
قارىغاندا سىزنىڭ پىكرىڭىز باشقىچىرەك تۇرىدۇ. خېلى مەزمۇنلۇق سۆزلەيدىكەنسىز. خەلقىمدىن خاپا بولدۇم دەيسىزيۇ، نېمە ئۈچۈن خاپا بولغىنىڭىزنى دېمىدىڭىزغۇ. خەلق دېگەن شۇنچە جىق تۇرسا، كونكرېتراق دېمەمسىز.
جەمئىيىتىمىزدىكى خاتا چۈشەنچە، خەلقىمىزدىكى خاتا قاراش، پىتنە - ئىغۋا، ئۆسەك سۆزلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشرەتخانىدا دەپسەندىلىك، خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتسا مەن ئازابلانماي تۇرالايتتىممۇ.
- قارىغاندا، بىشىڭىزغا خىلى ئېغىر كۈنلەر كەلگەندەك تۇرىدۇ. شۇنداق يولدىن ئازغان قىزلار توغرۇلۇق مەلۇم چۈشىنىشىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟
- ھەئە، مەن شۇنداق قىزلارنى كۆرگەن، مۇڭداشقانمەن. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىە لايىق ئارزۇلىرى بار. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ. كۆيۈشكە، سۆيۈشكە، مېھرىبانلىققا ئېرىشسەم، ئىناق ئائىلىگە ئىرىشسەم دەيدۇ. ئېغىزدىن بەدبۇي ھارۈق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان، قىلىشلىرى شۇنچىلىك لاۋزا، شۇنچىلىك قوپال ئەرلەرنى كۈتۈشتىن ئۇلارمۇ سەسكىنىدۇ.
- ھوي گويا ئۇلار بىلەن تونۇشىدىغاندەكلا سۆزلەيسىزغۇ؟
- توغرا، مەن شۇنداق ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. چۈنكى مەن ئىشرەتخانىلارغا كىرگەن.
- نېمە، سىز تېخى شۇنداق جايلارغا كىردىڭىزما؟ قانداق سەۋەپ بىلەن شۇنداق جايلارغا كىردىڭىز؟ ئەمىسە بايامزە شۇنداق جايدىن چىقىپتىكەنسىز - دە.
- ياق، ياق، سىزمۇ مېنى خاتا چۈشەنگىلى تۇردىڭىز. ئۇنداق ئەمەس، مەن راستىنلا شۇنداق جايلارغا كىرگەنى، نېمىشقا دېسىڭىز جەمئىيىتىمىزدە شۇ يولدىكى قىزلارغا يىغىۋاتقا نەپرەتنىڭ كۆپلىكى، جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى «جالاپ، جالاپ» دەپ ھاقارەتلەشنىلا بىلىشى، لېكىن بۇلارنىڭ مۇشۇنداق يولغا كىرىشىگە زادى نېمە سەۋەب بولدى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەردى بولۇشى مۇمكىن دەيدىغانغا ئادەمنىڭ يوقلىقى...
مەن دەسلىۋىدە جەمەتىمىزنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداپ نەۋرە ئاچام ئاينۇرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن شۇنداق جايلارغا كىرگەنتىم. بەكلا ئىچكىرلەپ كىرىپ بەش يىل شۇ پاتقاق ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم. شۇ جەرياندا ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى پۈتكۈل قاۋاقخانىلارغا بىر قۇر كىرىپ چىقتىم. شۇ قىزلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم. شۇ جەرياندا قىمار قەرزىگە ھېسابلاپ ئۆز قىزىنى ئەرلەرنىڭ ھوجرىسىغا كىرگۈزۈپ بەرگەن، قىزىنىڭ لايىغى بىلەن تۆشەكتە يېتىپ قىزىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان، ئاي - كۈنى يىقىنلاپ قالغان كىلىننى خۇراپاتلىقنى ياقىلاپ، تەتۈر پىشانە دەپ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان، شۇنداقلا ئۆلۈم خەۋپىنى پەيدا قىلغان، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ نەچچە يىلنىڭزى سەرپ قىلىنغان چىقىملارنى تۆلەيسەن دەپ قىزىنى بىسىم ئاستىغا ئېلىپ، ھالاكەت يولىغا باشلىغان، قىزىنى كۆزلەپ ئانىسى بىلەن توي قىلىپ، ئانا - بالا ئىككىلىسىنى تەڭلا ئاياس ئاستى قىلغان، ھايۋان سۈپەت دادىلارنى، ئانىلار، قىيىنئاتا - قىيىنئانىلارنى، تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەس، ئىسلام تونىغا ئورۇنىۋېلىپ ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ بارغان بىچارە قىزلارنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنغان مىللى مۇناپىق ھاجىملارنى بايقىدىم... مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈممۇ يەتكىچە خورلۇق، دەرد ۋە ئەلەم تارتتىم. كۆرمىگىنىم قالمىدى. شۇنداق جايلاردا باش يىلدەك يۈرۈپ خىلى كۆپ قىزلارنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ، نەۋرە ئاچامنىمۇ تېپىپ ئىشلار ئوبدان يۈرۈشكەندە بولسا خەلقئالەم ئارىسىدا ئۆزۈم يامان ئاتاقلىق بولۇپ قالدىم. تېخى ئۆيدىن ھەيدەلدىم دەڭا.
- ئەستا، بۇ ئىشنى قارىڭە، بەش يىل جەريانىدا سىزگە باشقىچە قاراشتا بولمىغان ئاتا - ئانىڭىززە ئەمدى نېمىدەپ سىزنى ئۆيدىن قوغلىۋەتكەندۇ، ئەمدى.
- راستىنى ئېيتسام، بەش يىلدىن بېرى گەرچە ئۆزۈم شۇنداق جايلاردا تۇرۇپ، قىزلارنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى ئىشتىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشنىڭ چارە - ئاماللىرىنى ئىزدەۋاتقان چاغلىرىمدا ئاتا - ئانام قارشى تۇرغان بولسىمۇ لېكىن قولىغا چىققۇدەك يامان ئىللەتلىرىم بولمىغانلىقى سەۋەپلىك كۆڭلىدە بىلىپ، ھەرھالدا مېنى «قىزىم» دەپ يۈرگەنىدى. بىراق ئۇلارنىڭمۇ سەۋر - تاقىتى چەكلىك - ھە. مەھەللە كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن پىتنە - پاساتلار تۈپەيلىدىن توي ئىشىممۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم بۇزۇلۇپ كەتتى. يەنە كېلىپ مەن قىلىمەن دېگەنىمدە چىڭ تۇرۇپ كەلدىم، شۇڭا.
- بايام سىز نەۋرە ئاچامنىمۇ تاپتىم، ئىشلار خىلى ئوبدان بولدى، دېگەنتىڭىزيۇ، يەنە شۇنداق جايلارغا بارىدىغاندەكلا «دادام بىلەن قارشىلىشىپ، قىلىمەن دېگىنىمدە چىڭ تۇردۇم» دەيسىزغۇ؟ زادى چىڭ تۇرغۇدەك قانداق ئىشتى ئۇ.
- مېنىڭ تىككۈچىلىك ھۈنىرىم بار. شۇڭا مەن بەش يىلدىن بېرى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمدىن ئازراق بولسىمۇ خۇلاسە چىقىراي، خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇ قىزلىرى ئۈستىدە ئازراق ئويلۇناي دەپ ئويلۇدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن توپ - توغرا بەش يىل ئىزدەندىم. شۇ پاھىشە قىزلارنى چۈشەندىم، قۇدرىتىمنىڭ يىتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ھەق يولغا دالالەت قىلدىم. گەرچە جەمئىيەت مېنى توغرا چۈشەنمىگەن، قارىلانغان بولساممۇ لېكىن تەڭرى ئالدىدا، ئۆز ۋىجدانىم ئالدىدا پاك بىر قىزمەن. شۇڭا مەن بىر تىككۈچىلىك كەسپى سىنىپ ئېچىپ، شۇ سىنىپنى كارخانىلاشتۇرسام، ئىشسىز قىزلارنى ئازايتسام ئازراق بولسىمۇ شۇلارغا چىقىش يولى بىغىشلىيالىسام بولاتتى دېگەن غەرەزدە ئازراق ئىش قىلغان ئىدىم. بۈگۈن شۇ ئىش ئۈچۈن دادام بىلەن تىكلىشىپ قالدىم. قارىسام مەن ئىشرەتخانىغا كىرىپ سۆھبەتلەشكەن قىزلارنىڭ %70 %80 سەھرا قىزلىرى ئىكەن. شۇڭا مەن ئىشنى سەھرادىن باشلىماقچى ئىدىم.
- قىلالىشىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟
ـجىنىم تىنىمدە بولسىلا چوقۇم قىلالايمەن. مەن مۇشۇ ئارقىلىق ساددا، نادان سەھرا قىزلىرىنىمۇ ھەقىقى بىر ياشاشقا كۆندۈرمەكچىمەن. ئويلاپ باقسام شەھەر قىزلىرى بىلەن سەھرا قىزلىرى ئارىسىدا خىلى ئوبدانلا پەرق باركەن. شەھەر قىزلىرى بولسا تولۇقسىزنى ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىن تارتىپ جەمئىيەتنى ئازراق بولسىمۇ بىلىدىكەن، پايپاق ياكى ئوسما بولسىمۇ ئېلىپ ساتىدىكە. ۋەزىيەتمۇ شۇنىڭغا قىستايدىكەن، چۈنكى ئىككى موچەن بولمىسا ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ. بىراق سەھرا قىزلىرى ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. سەھرا قانچىلىك گۈزەل بولسا سەھرا قىزلىرىمۇ شۇنچىلىك تەبىئىي، شۇنداق گۈزەل. ئۇلار ياسالمىلىقتىن، ساختىلىقتىن ىالىي تەبىئىي مۇھىت ئىچىدە ياشىغاچقىمۇ بەكلا ئاق كۆڭۈل ھەم ساددا، باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ. سەھرا قىزلىرى خوراز چىللاش بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ، قۇياش پاتقانغا قەدەر ئېتىزدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەجىر - مېھنىتىدىن پۈتكۈل كائىنات بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، شۇنداق ئەجىر ئىگىلىرى بىر ئۆمۈر ئېتىۋارسىز ھالەتتە ياشايدۇ. سەھرا قىزلىرىدا قىلچە ئەركىنلىك يوق. ئۇلار قىلىمەن دېگىنىنى قىلىپ، ئارزۇلىرىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇلارنى قوللايدىغانلار، چۈشىنىدىغانلار يوق. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلار ئاسانلا ئىرادىسىنى يوقۇتىدۇ.
مەسىلەن ئالايلى: شائىرە مەلىكە ئاماننىسا خېنىممۇ سەھرا قىزى. ئۇ گۈزەل جامالى ۋە ئىستىبداتى بىلەن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننى كۆيدۈرەلىگەن. ئاماننىساخاننى ئوردىغا خانىش قىلىپ يۆتكەيدىغان چاغدا «سەھرا قىزى» بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئوردىدا نۇرغۇن پىكىر، ئىختىلاپلىرى بولغانغۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ئاماننىساخان سۇلتاننىڭ ياخشى كۆرۈپ قوللىشى بىلەن 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقتى. ئۇ رەتلەپ چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقى مانا ھازىر پۈتۈن دۇنياغا قەدەر تونۇلدىغۇ. مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى بىرەر شەھەر يىگىتى سەھرا قىزىنى تويلاپ ئەكىرمەكچى بولسا، شەھەر قىزى بىلەن سەھرا قىزى ئوتتۇرىسىدىكى توي مىلى ياكى تويلىق پۇل پەرقى، ھازىرقى ئەھۋالدا مىڭ يۈەندىن 3 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىغان گەپكەن. بۇنداق ئەھۋاللار دېگەن جىق. تولۇقسىزنى پۈتتۈرە - پۈتتۈرمەيلا ھېلىغۇ ئالىي مەكتەپكەن، شەھەردىكى بىرەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىنمۇ ئاتلىيالمايۋاتقان نۇرغۇن سەھرا قىزلىرى بار. بۇنداق ئىشلارنى ئويلىسام يۈرىگۈم بىگىز سانجىغاندەك ئاغرىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈم بىر سەھرا قىزلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ باقاي دەپ شۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم. مەن گويا ئۇزۇن يىل سولاقتا يېتىپ ئادەم قارىسىنى كۆرمىگەن، بىرەر بىر ئادەم چىرايىغا تەشنا بولغان كىشىدەك ئالدىمدىكى ئاق يۈزلۈك، يۇمۇلاق كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالغا قارىغىنىچە توختىماي سۆزلەپ كەتكەنىدىم.
مەن گويا ئۇزۇن يىل سولاقتا يېتىپ ئادەم قارىسىنى كۆرمىگەن، بىرەر بىر ئادەم چىرايىغا تەشنا كىشىدەك ئالدىمدىكى ئاق يۈزلۈك، يۇمۇلاق كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالغا قارىغىنىمچە توختىماي سۆزلەپ كەتكەنىدىم.
- بەكلا ھاسىراپ كېتىۋاتىسىز، دورا بولسىمۇ ئىچىۋالاتتىڭىز، دورا ئەكېلىپ بېرەيمۇ - يا مەن؟
ئالدىمدىكى بۇ بىر جۈپ كۆز يەنە ماڭا قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن ھېسداشلىق ئارىلاشقان نەزەردە تىكىلىپ تۇراتتى.
- رەھمەت بولدى. مېنىڭ ئۆزۈمدە دورام بار.
مەن ئېسىمنى يىغىپ سومكامنى ئالدىم ۋە ئىچىدىكى دورىنى چىقاردىم.
- ئەكېلىڭە كۆرۈپ باقاي، قانداق دورا بۇ. ئۇكام بۇ دورىنى نېرۋىنى تېنچلاندۇرىدۇ، خاتىرىسىنى يوقاتقانلارغا ئۈنۈم بېرىدۇ، دەپتۇ. سىزنىڭ مىڭىڭىزدە ئۇنداق ئېغىر زەخىملىنىش بولمىغاندۇ؟
- مېنىڭ بۇ كىسىلىم ئانچە يەڭگىل ئەمەس. تېخى بۇ دورىمۇ ئۈنۈم بېرەلمەيۋاتىدۇ. مەن بىرقانچە قېتىم ئىشرەتخانا خوجايىنلىرى تەرىپىدىن، جەمئىيەت داشقاللىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلدۇم. ئاخىرى بۇ ئەھۋال كېلىپ چىقتى.
يول بويىغا قاراڭغۇلۇق سايە تاشلىغىلىۋاتاتتى. مەن ئالدىمدىكى بۇ ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قارىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە قاراپ بار - يوق ئەھۋاللارنى بىرقانچە قېتىم ئۇرۇلۇش جەريانىمنى، ئىشرەتخانا خوجايىنىنىڭ مېنى ئۇرغۇزۇپ بولۇپ، ئۆزى چىقىملىرىمنى تۆلەپ داۋالاتقانلىقلىرىنى، ئالدىنقى ئايدا تەكشۈرتكەندە مەىڭە ئۆسمىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى ئارتۇق داۋالانغۇدەك دەرمانىمنىڭمۇ يوقلىقىنى ئىزىلىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بەردىم. بۇ ئايالمۇ بۈگۈن گويا مەن ئۈچۈنلا سىرتقا چىققاندەك جىمجىت ئولتۇرۇپ سۆزلىرىمنى تىڭشىماقتا ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئەگىشىپ، مەن كىرگەن ئىشرەتخانىلاردىكى ئەرلەرنىڭ، خوجايىنلارنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتى، يۇمران غۇنچىدەك قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق، پاجىئەلىك ھاياتى خىيالىمنى ئەگىشكە باشلىدى. ئەتىگەن تېخى ئۆز مەھەللەم ئالدىدا «جالاپ» دېگەن ھاقارەتلىك نام بىلەن بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمەي ماڭغان تۇرسام، تېخى ئۆز دادام تەرىپىدىن «ئائىلە تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلدۈم»... خىيالىم گىچماچلىشىپ كەتتى. كوچا چىراغلىرى يىنىپ قاراڭغۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق چاغلاردا بىرگە چىنار دەرىخىنى يەنە بىرگە قاننى كۆرسەم نېرۋام كاردىن چىقىدۇ. چۈنكى مەن تۇنجى قېتىمدا چىنار دەرىخىگە ئېسىلىپ ئۇرۇلغان...
ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتىمەن. ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ دېيىشىچە توختىماي «مەن جالاپ ئەمەس، مەن جالاپ ئەمەس» دەپ تەكرارلايدىكەنمەن. ئاخىرى ئۇ خانىم مېنى يۆلەپ يۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى مەن بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشىش ئارقىلىق دادامغا بەزى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ مېنى ئۆيۈمگە ئەچىقىپ قويماقچى بولدى. ماڭا نۇرغۇن ياخشى سۆزلەر بىلەن تەسەللى ۋە ئىلھام مەدەتلەرنى بەردى. شۇ خانىمنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن، بەش يىل جەريانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمنى ئەينەن بايان قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.
2. ئانا مېھرىگە قانمىغان بوۋاق
1998 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى (چارشەنبە) جەمەتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى. ئۇ كۈنى ئۇستازىم، يولباشچىم، جەمەتىمىز مۆتىۋىرى بوۋام ئەخەت ئوسمان ھاجىم بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قۇشنا جامائەت بىلەن بىرگە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئۇزاتتۇق. جەمەتىمىزگە كەلگەن كۈلپەت بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ قالمىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى. ئەخەت ئوسمان ھاجىم جەمەتىنىڭ چوڭ كىچىك ئەزالىرى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان، ھاشاردا، ئېتىز ئەمگەك باشلىرىدا يۈرگەن بولسىمۇ يۈزى يەرگە قادىلىپ بېشىنى ئۈستۈن قىلالمىغىدەك ھالدا ئابرويىمىز تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ھەر قەدەمدە بىر ئېغىر ھاقارەت، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ساماننىڭ تىگىگە سۇ قويۇپ قىلغان غۇت - غۇت سۆزلىرى جەمەتىمىزنىڭ يۈرەك - يۈرەكلىرىنى يارا قىلاتتى.
ئىلگىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇددەرىسى بولغان، ئىلىم - مەرىپەت نۇرىنى تارقاتقان، مەھەللە كويدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمغا باشچىلىق قىلىپ ئەلنى شەرىئەت بىلىملىرى بىلەن تونۇتۇپ يۈرگەن خەلپىتىم، ھاجىم جەمەتىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى مېنى يېنىش - يېنىش ئويغا سالاتتى. بوۋام قازا قىلغاندىن كېيىن جەمەت باشچىلىق ۋەزىپىسى دادامغا قالدى. داداممۇ ئىچ - ئىچىدىن خۇرسىناتتى. چوڭ - چوڭ نەپەس ئالاتتى. بوغۇلۇق بوپ بولغان تۇرسا خۇرسىنماي ئەمدى نېمىمۇ قىلالىسۇن. چۈنكى خەلپىتىم ھاجىم ئائىلىسىنىڭ 5 - نەۋرىسى ئاينۇر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئىشتا بىز باشقىلارغا بوزەك قىلىنىپ ياشىدۇق. نېنىمىزنى جايلاپ يەيمىز دېگەن ھامان نەۋرە ئاچام ئاينۇرنىڭ قىلمىشى پىشانىمىزگە دوققىدە ئۇرۇلاتتى. ھەتتا جەمەتىمىز ئىچىدىن مەزىنلىك، ئىماملىق قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ سۆزلىرى بۇرمىلىنىدىغان، چەتكە قىقىلىدىغان بولدى. دادام بىرقانچە قېتىم تاغامغا «ئاينۇرنى ياندرۇپ چىقىڭ» دېسە، تاغامنىڭ ئۆيىدىكىلەر «بار يېرىنى بىلمەيمىز» دېگەننى بانا قىلىپ، سەل قاراپ تۇرىۋەردى. ئاخىرى دەرغەزەپ بولغان دادام بىزنى تاغامنىڭ ئۆيىگە چىقىشتىن چەكلىدى. مەقسىدى: تاغام ئائىلىسىنى مەخپى يوسۇندا خىجىل قىلىپ، قىزىنى تېپىشقا قىستاش ئىدى. بىراق ئىشلار ئويلىغاننىڭ دەل ئەكسىچە بولدى. تاغام ئائىلىسى بىلەن ئائىلىمىز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئاداۋەت كۈنسىرى كۈچىيىۋەردى. بىز بىر - بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاياغ بېسىش ئۇياقتا تۇرسۇن يول بويلىرىدا دوقۇرۇشۇپ قالساقمۇ تەتۈر قارىشىدىغان ھالغا يەتتۇق. جەمەتىمىز پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغاننەۋرە ئاچامغا ئىچ - ئىچىمدىن ئۆچ بولۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ جۇغۇلداپ كېتەتتى. ئۇخلىساممۇ ئۇنى تىللاپ چۈش كۆرەتتىم. كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى. مەن گەرچە ئۇنىڭغا ئۆلگۈدەك ئۆچ بولساممۇ ئۇنىڭ نەۋرە ئاچام ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى يوقىتىۋېتەلمەيتتىم. گەرچە ئۇ جەمەتىمىزنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان، يۈزىمىزنى تۆككەن بولسىمۇ يەنىلا بىر دەرەخنىڭ غولى ئىدۇق. ئۇنىڭغا قادالغان مىخ ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى سىقىرىتاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولساممۇ، كەينىدىن تىللاپ يۈرسەم، ئەمەلىيەتتە ئۆز جەمەتىمنى، ئاتا - ئانا، تاغا - ھاممىلىرىمنى تىللىغان بولمامدىمەن دەپ ئويلىدىمدە ئۇنى خۇپىيانە ئىزدەش نىيىتىگە كەلدىم. كۈندە ھۈنەر قىلغىلى بارغاچ - كەلگەچ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «بارمىش كېتىپ بارىمىش» دېگەندەك ئىنىقسىز يىپ ئۇچىغا ئىرىشتىم. مىش - مىش خەۋەرلەردە ئاڭلىغان ئاينۇرنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى مېنىڭ ئۆتەر يولۇمنىڭ ئارقا كوچىسىدا ئىكەن. شۇ خەۋەردىن كېيىن مەن كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن چوڭ يولدىن ماڭىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ پىيادە ئارقا كوچا بىلەن مىڭىپ، قەستەن كەچرەك ياكى بەكلا سەھەر مىڭىشنى ئادەت قىلدىم. مەقسىدىم ھەممىگە ئايان نەۋرە ئاچامنىڭ دېرىكىنى ئېلىش، جەمەتىمنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداش.
مېنىڭ ئۆتەر يولۇمدا كۈندە دېگۈدەك تەكرارلىنىۋاتقان بىر ئەھۋال ماڭا تولىمۇ غەيرى ھەم بىمەنە بىلىندى. مەن ئۆمرۈمگە كېلىپ تۇنجى يولۇقتۇرغان بۇ ئەھۋالدىن تولىمۇ ئەجەبلەندىم. يەنى بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەجدادى ۋە بۈيۈك نەسەبى ماڭغان يولدىن يىراقلاپ گويا ناسارالاردەك كىيىنىپ ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ تىل سەسكىنىدىغان لاۋزا سۆزلەر بىلەن قاۋاقخانا ئالدىدا تۇرۇپ ئىچكىرىسىگە مېھمان چاقىراتتى.
«ھەي ئۇيغۇر قىزلىرى! قېنى سىلەردىكى شەرمى - ھايا، قىزلارغا ىاس سۈپەت، ئەدەپ - ئەخلاقچۇ. ئەجىبا سىلەر مۇشۇ كەسىپنى قىلىپ باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراشقىلا يارالغانمۇ» دەيتتىم ئۆز - ئۆزۈمگە. دەسلىۋىدە ئۇ قىزلارغانەپرەت ئوقۇدۇم. شۇلارنىڭ كاساپىتىدىن نۇرغۇن ئائىلە بۇزۇلۇپ، سەبىي بالىلار يىتىم بولىۋاتىدۇ. قانچىلىك جازالانسا ئازلىق كېلىدۇ بۇلارغا دەپ ئويلۇدۇم. كېيىنچە بولسا «ياق، ئالدىراپ ئۇنداق يەكۈن چىقارماي، مېنىڭ نەۋرە ئاچام ئاينۇرمۇ مشۇ يولدا كېتىۋاتىدۇ. ئۇمۇ شۇنداق ياخشى بىر ئائىلىنىڭ قىزى ئىدىغۇ؟ تۇرمۇش تراگېدىيىسى ئۇنى مۇشۇ يولغا قىستىدى. بەلكىم مۇشۇ پاھىشە قىزلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەردى بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىسام يەنە بىر تەرەپتىن «بۇلارنىڭ زادى بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوقمىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىزدەنمەي بوشاڭلىق قىلامدۇ - يە!» دەپ ئويلايتتىم. مەن ئەنە شۇنداق ئوي خىياللىرىم بىلەن يەنىلا شۇ ئارقا يولنى بويلايتتىم. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گويا شۇ ئارقا كوچىغا بىر خىل رىشتىم باغلانغاندەك بىر خىل مېھرىم چۈشۈپ قالدى. زېمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى ئۇدا ئىككى ھەپتە توختىماي ياغقان قاريەر يۈزىگە ئىككى - ئۈچ غىرىچچە (50cm) بېسىلغان بولۇپ قاتتىق سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. مەن كۈندىكى ئادىتىم بويىچە شۇ ئارقا يولدا يىگانە كېتىپ باراتتىم. قاش قارىيىپ، كۆز باغلىناي دېگەن مەزگىل، بىر قاۋاقخانا ئالدىدىكى تالاش - تارتىش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋازلىرى مېنىڭ دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى. مەن تازا دىققىتىم بىلەن كۆزەتسەم بۇ ئىش ئەسلى 22 ياشلار ئەتراپىدىكى، نازاكەتلىك بىر قىز بىلەن 45 ياشلار ئەتراپىدىكى يۈزلىرى چوقۇر يوغان قورساق دۇكان خوجايىنى ئوتتۇرىسىدىكى غەۋغا ئىكەن.
قىزنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياشلار تۆكۈلەتتى. ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ چىققاچقا ئانچە ئىلغا قىلالمىدىم. ئارىدىن 20 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى. ئاقىۋەت ھېلىقى دۇكان خوجايىنى قىزنىڭ قولىدىكى بوقچا قاتارلىق نەرسە - كېرەكلىرىنى تارتىۋېلىپ، قىزنىڭ يالۋۇرۇشىغا پىسەنتمۇ قىلماي قىزنى قۇرۇق قول ياندۇردى. مەن قىزغا ئەگەشتىم، قىز خىلى يول يۈرگەندىن كېيىن يول بويىدا توختىدى ۋە يول بويىدىكى دەرەخكە ئېسىلىپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى شۇنچىلىك سوغۇق ۋە شۇنچىلىك ئازابلىق ئىدى. ئۇ ھەتتا مېنىڭ يىنىدا تۇرغانلىقىمنىمۇ سەزمىدى. خۇددى ھىلىلا سەھنىگە چىقىدىغان ئەرتىستەك ياسىنىۋالغان بۇ قىزنىڭ ئۈستى - بېشى بەكلا يىلىڭ ئىكەن. مەن پەلتۇيۇمنى سىلىپ قىزنىڭ ئۇچىسىغا ياپتىم. قىز چۆچۈپ كەتتى ۋە ئەجەبلىنىش نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى.
- قارىسام توڭلاپ كەتكەندەك قىلىسىز. شۇڭلاشقا... باشقا غەرىزىم يوق.
قىزنىڭ مىخدەك قادالغان كۆزلىرى مەندىن ئاستا يىراقلىدى.
ـ تۇرىڭە، ماڭايلى. بۇنداق تۇرىۋەرسەك توڭلاپ كېتىدىكەنمىز، دېدىم مەن قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ قولۇم سىلكىۋېتىلدى.
- ئوھۇش، نېە كارىڭىزتى مەن بىلەن. ئىشىڭىزنى قىلىڭە. قىزنىڭ مۇئامىلىسى ناھايىتى سوغاق ئىدى.
- مەن خاتا سۆز قىلمىغاندىمەن. سىزگە دوستانە قىياپەتتە ھېسداشلىق قىلىۋاتىمەن، دېدىم مەن.
- ۋاي قوۋۇرغام قانداق قىلاي. ماۋۇ خىنىمنىڭ ھېسداشلىقىنى قانداقسىگە ھېسداشلىقىڭىز تۇتۇپ قالدى؟
كۆز ياشلىرىڭىزغا قاراپچۇ. ھەرگىز ئارتۇق ئويلىماڭ.
- سىز ھەممىنى كۆردىڭىزما؟ ئەسكى يەردە تۇرغىنىمنىمۇ؟
- توغرا، مەن ھەممىنى كۆردۈم.
- مېنىڭ پاھىشە قىز ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلدىڭىز؟
- تېخى ئېنىق جەزملەشتۈرەلمىدىم.
- بىلمىگەن بولسىڭىز ئېنىق بىلىۋېلىڭ. مەن بولسام بىر پاھىشە قىز، سىلەردەكنىڭ ھېسداشلىقىغا، دوستلۇقىغا ھەرگىز ئەرزىمەيمىز، دېدى قىز تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ تۇرۇپ.
- ئىسمىڭىز نېمە؟ سورىدىم مەن.
- ھۆرىگۈل.
- سىز ئۆزىڭىزنى پاھىشەمەن دەپ ئىتىراپ قىلىدىكەنسىز - يۇ، يەنە نېمىشقا شۇ ئىشنى قىلىسىز؟
- نېمە كارىڭىز مەن بىلەن. مەن يا جالاپلىقىمنى سىزگە يۈكلەپ قويمىغاندىمەن. سىزگە زىيىنى يەتتىمۇ يە! ھۆرىگۈل شالىنى چېچىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى.
- ماڭىغۇ زىيىنىڭىز يەتمىدى، يەتكەن ھالەتتىمۇ سىزنى يەنىلا دوستۇم دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز بىر مىللەت، بىر دىندىن. يەنە كېلىپ ھەر ئىككىلىمىز قىز بالا ئەمەسمۇ. يەنە بىر ئىشنىمۇ سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، ئەگەر سىز مۇشۇنداق كېتىۋەرسىڭىز ماڭىلا ئەمەس پۈتۈن جەمئىيەتكە زىيىنىڭىز يېتىشى مۇمكىن، بۇ دەل ھەقىقەت.
- توختاڭ، مېنىڭ سۆزۈمنى بۆلدى ھۆرىگۈل. جەمئىيەتتىن ئېغىز ئېچىپ قالدىڭىز، مېنى مۇشۇ يولغا كىرىشكە مەجبۇرلىغان دەل ئاشۇ جەمئىيەت. جەمئىيەتتىكى ئەڭ يىقىن ئادەملىرىم. بېشىمغا شۇ ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە ئەڭ يىقىن ئادەملىرىممۇ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلماي ماڭا ئازراق ھېسداشلىق قىلىپ، ياردەم قولىنى سوزغان بولسا مەن بۇ كۈنگە قالماس ئىدىم.
- بېشىڭىزغا كەلگەن قانداق ئېغىر كۈن ئىدى ئۇ؟ يەڭگىلى بولمايدىغان.
- ...
- قايسى يېقىن تۇققانلىرىڭىز ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلدى؟
- ئاساسلىقى مومام، تاغام، ھاممىلىرىم، ئاندىن قالسا يۇرتداشلىرىم بولمامدۇ.
تەپسىلىرەك سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟
ـ ھۆرىگۈل بېشىنى تۆۋەن سالدى. چىرايىدىن ماقۇل بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى. ھۆرىگۈل سۆز باشلىدى.
- مەن تولۇقسىزنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. سىڭلىم بىلەن ىككىمىز ئەمدىلا مەكتەپتىن كېلىپ تۇرۇشىمىزغا تولىمۇ قايغۇلۇق بىر شۇم خەۋەر يېتىپ كەلدى. ئاي - كۈنى يېقىنلاپ قالغان ئانام بىلەن سىڭلىم ئۈچىمىز نەخ مەيدانغا بارساق، پاختا زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان دادام خىزمەت ئۈستىدە تاسادىبىي ھادىسە سەۋەبىدىن بەكمۇ ئىچىنىشلىق ھالدا قازا قىپتۇ. ئالەمچە قايغۇ ئىچىدە دادامنىڭ مىيىتىنى ئۇزاتتۇق. ئويلىمىغان يەردىن مومام مۇسىبەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپل ئانامنى كۆرگەنلا يەردە «ئوغلۇمنىڭ بېشىغا چىققان تەتۈر پىشانە خوتۇن» دەپ تىللاپ قارغاپ يۈرەتتى. ئارىدىن 15 كۈنمۇ ئۆتمەي تۇرۇپ بىر كۈنى كېچىدە ئانامنىڭ قورسىقى ئاغرىپ، تولغىقى قىستاپ، تۇغۇتى قىيىنلىشىپ كەتتى. ئانامنى دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپارمىساق بولمايتتى. تاغامدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن مومامنىڭ ئۆيىگە چىقتىم. تاغام چىش يېرىپ بىر نېمە دەپ بولغىچە مومامنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى. «ئاناڭ دېگەن بەدبەخ، داداڭنىڭمۇ بېشىنى يىدى، نېمە كۆرسە ئازلىق قىلىدۇ» دەپ ياردەم ئورنىغا گەپ بېرىپ، تاغامنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ مېنى ئۆيدىن توغلاپ چىقاردى. ئۆيگە كىرسەم ئانام تېخىچە قاتتىق ۋايجانلاپ يېتىپتۇ. ئاخىرى ئېشەك ھارۋىنى جابدۇپ ئانامنى ھارۋىغا سېلىپ، سىڭلىم بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدۇق. تۈن كېچە، ئەتراپ زۇلمەت قاراڭغۇ، ئۆيىمىز بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىقى 4 كىلومېتىرچە كېلەتتى. يول يېرىملىشاي دېگەندە ئېشەك كاتاڭغا چۈشۈپ، ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭغان 13 ياشلىق سىڭلىمنىڭ بوينى قاتلىشىپ، يۇلۇن ئۈزۈلۈپ، نەق مەيداندا قازا قىلدى. بىر يېنىمدا سىڭلىمنىڭ جەسىدى، يەنە بىر يېنىمدا ئانام ئاچچىق تولغاق ئازاۋىدا سىڭلىمنىڭ جەسىدىگىمۇ قارىغىدەك ھالى يوق ۋايجانلاپ ياتىدۇ. مەن ئۆزۈم يالغۇز، تۇرغان يېرىمىز جاڭگاللىق بولغاچقىمۇ مېنى سۈر بېسىپ قورققۇم كېلىپ تۇراتتى. بىر قىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق قاتتىق كۈن بولماس. ھۆرىگۈل سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگندە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. مەن راستىنى دېسەم بۇنداق قاتتىق كۆز - يېشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭغا ئۈزۈلدۈرمەي تەسەللىي قىلدىم. يېشىنى سۈرتتىم.
- كېيىن قانداق بولدى؟ ئانىڭىزچۇ؟ ھازىر نەدە؟
ـ ھۆرىگۈل تىنىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋام ئەتتى.
شۇ تەرىقىدە قىينىلىپ، بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىشى بىلەن تەڭ ئانامنىڭ كۆزى يورۇدى. ئىنىم دۇنياغا كۆز ئاچتى. بامدات نامىزىغا ماڭغان كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە تۇغۇتىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ، مەھەللىگە قايتىپ كەلدۇق. سىڭلىمنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىكىگە قويدۇق. بىر ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئائىلىمىزگە ئىككەيلەننىڭ ئارقا - ئارقىدىن قازا قىلىشى، چوڭلارنىڭ بىزنى تەلۋىلەرچە ھاقارەتلىشى تولىمۇ ئېغىر كەلدى. بۇنى ئاز دەپ يېڭى تۇغۇتلۇق ئانام قىرقى توشمايلا غەلىتە بىرخىل كېسەلگە گىرىپتار بولدى. دەسلىپىدە ئېپى - مەھەللە، قۇلۇم - قوشنىلار كۆكسىگە قوقاق تۇرۇپ قاپتۇ دەپ قوقاق تېشى سۈرۈشنى، يەرلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سوپۇنى بىلەن سۈرتۈشنى ئېيتتى. قۇلاق ئاڭلىغان، كۆز كۆرگەننىڭ ھەممىسىنى قىلغان بولساقمۇ ھېچ نەتىجىسى بولمىدى. كېيىنچە ئانامنىڭ ھەربىر كۆكسى خىمىر چەيلەيدىغان داستەك يوغىناپ كېتىپ ئەركىن نەپەس ئالمىقى خېلى بىر گەپ بولۇپ قالدى. ئاقىۋەت 47 كۈنلۈك بولغان ئېنىمنى دادامنىڭ يېقىن دوستىغا ۋە شۇ كىشىنىڭ ئايالىغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ، ئانامنى ئۈرۈمچىگە ئاپاردۇق. نەتىجىدە ئانامنىڭ كۆكسىنى ئاپىراتسىيە قىلىپ، ھەربىر كۆكسىدىن بىر كىلوگىرامدىن قان - يىرىڭ ئارىلاش سۇ تارتتى. ئانام كارىۋاتتىن چۈشكىدەك بولغاندا ئېلىپ بارغان پۇل تۈگەپ ئامالسىز يۇرتقا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇق، دادامغا بەرگەن ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى مومام «داداڭ مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم، ئۇ مېنى ۋە باشقا ئېنى - سىڭىللىرىنى بېقىشى كېرەك ئىدى» دەپ بىر پۇڭنىمۇ بىزگە تۇتقازمىدى. ئانامنى داۋالىتىش ئۈچۈن قەرز ئالغان قەرز ئىگىلىرى قەرزنى سۈيلەپ كېلىۋەردى. ئۆيىمىزدە ئېنىمغا سۈت پاراشوكى ئالغىدەكمۇ پۇل قالمىغان. ئاخىرى قورۇ جايىمنى سېتىپ، قەرزنى قايتۇرۇپ، ئېشىپ قالغان پۇل بىلەن ئۆيدىكىلەر شەھەرگە كۆچۈپ كىردۇق. تاغا - ھاممىلىرىممۇ بىزنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئورنىغا تىرىلغۇ يەر ۋە باش - ۋارانلىرىمىزنى ئىگىلەشكە ئاران ئۈلگۈردى. مومام ۋە تاغا - ھاممىلىرىمنىڭ تاپا - تەنىلىرىدىن قېچىپ شەھەرگە كىرىۋالدۇق. شەھەردە ئىقتىسادىي بېسىمغا ئاسانلا تۇتۇلدۇق. ئۆي ئىجارىسى، توك، سۇ پۇلى، تۇغۇلۇپ تېخى دادا يۈزى كۆرمىگەن ئىنىم تېخى كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتقان، ئانامنىڭ كېسىلى يەنە ئەدىۋالدى. مەن باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىدىم. ئۈچ چاقلىق ھارۋىدا كىراكەشلىك قىلدىم. بىراق ئائىلەمنىڭ چىقىملىرىغا چىقىنالمىدىم. ئاقىۋەت مۇشۇ يولغا مېڭىشقا مەقبۇر بولدۇم.
- سىزنىڭ شۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ياشىشىڭىزغا سەۋەپچى بولغان، ھەم قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان قايسى يېزىنىڭ خەلقى ئۇ. سىزنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىڭىز نەدە؟ سورىدۇم مەن، ھۆرىگۈل سوئالىمغا جاۋاب بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى بولغاي «مېنىڭ شۇ مەھەللىنى تىلغا ئالغۇم يوق » دەپلا گېپىنى ئۈزىۋەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىدىن گۇمانلانغاندەك تەلەپپۇزدا سورىدىم ئۇنىڭدىن:
- بۇ مۇمكىنما؟ ھۆرىگۈل، كېلىشمەسلىكنىڭ ئارقا - ئارقىدىن كېلىشى، شۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالامدۇ؟
- سىز مۇمكىن دېسىڭىز مۇمكىن، مۇمكىن ئەمەس دېسىڭىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مەن دېگەن جەمئىيەتتە ئەخلەت بولۇپ ياشاۋاتقان، ئېتىبارسىز بىر قىزمەن. ئېتىۋارسىز ئادەمنىڭ سەمىمىيلىكىمۇ يالغان دەپ قارىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. بىزنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىمىز ئاۋۇ كوچىدا. پەس كۆرمىسىڭىز يۈرۈڭ، كىرىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ.
ـ ھۆرىگۈل مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست، يالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، پۇرسەتنى ئەۋزەل بىلىپ قىلچە تارتىنمايلا ئۇ باشلىغان ئۆيگە قەدەم باستىم. دەرۋەقە ھۆرىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئىكەن. ھۆرىگۈلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھېلىقى بوۋاق بەش ياشقا كىرىپتۇ. ھۆرىگۈل مېنى تۆرگە باشلاپ بىر پىيالە چاي تۇتۇپ تۇرۇشىغا:
- قىزىم مەن بۇيرىغان ئىش قانداق بولدى؟ دەپ سورىدى كېسەل ئانا.
ـ ئەتىلىككە چوقۇم ھەل بولىدىغان بولدى، ئانا ،- دەپ جاۋاب بەردى ھۆرىگۈل كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ.
- مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ، ئاخىرى جەسىتىم تالادا قالىدۇ، دېگىنىچە يىغيتتى ئانا. ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆكسىنىڭ ئۇچى ھېلىھەم شەلۋەرەپ تۇراتتى. ئۆيدىن چىقىپ تۇرغان غىرىپلىق، نامراتلىق سادالىرى مېنى ئۇزۇن تۇرۇشقا تاقەتسىزلەندۈرۈپ قويدى. يىنىمدىكى 15 يۈەن پۇلنى ھۆرىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ بېشىدا قويۇپ خوشلاشتىم. ھۆرىگۈل مېنى ئۇزۇتۇپ چىقتى.
- ئانىڭىز سىزگە قايسى ئىشنى ھاۋالە قىلغانىدى؟
- نېمىش بولماقچىتى. يېزىدا دادام بىلەن سىڭلىم قويۇلغان قەبرىستانلىقتا، ئۇلارنىڭ قەۋرىسىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىشىلىك ئورۇن بار ئىدى. ئانام بىر يىل ئاۋال بۇرنۇمغا ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدۇ، ئۆلگەندە بولسىمۇ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە ياتاي دەپ مېنى مەھەللىگە چىقارتقانىدى. ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن مەھەللىدىكىلەر «قىزىنى ساتقان بۇ بۇزۇقنى بۇ مازار قوبۇل قىلالمايدۇ» دەپ چالۋاقاشتى. غەۋغاچىلارنىڭ بېشى يەنىلا مېنىڭ شۇ تاغىلىرىم بولدى. شەھەر ئىچىدىكى بىرەر مازادىن بىر كىشىلىك ئاخىرەتلىك يەرلىك ئالاي دېۋىدىم، كۆچمە نوپۇس بولۇپ كەلگەنلەرگە ئۈچ مىڭ يۈەندىن كەم بولسا يەرلىك سېتىۋالغىلى بولمايدىكەن. پۇل بولغان ھالەتتىمۇ ئارقا ئىشىك، مۇناسىۋەت بولمىسا ھېچئىشنى قىلغىلى بولمايدىكەن. ئۈچ ئايدىن بېرى شۇ ئىش بىلەن مېڭىۋاتىمەن. ھېچ بىر ھەل بولىدىغاندەك ئەمەس. مەن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم، ئەمدى قانداق قىلاي. دادامغۇ بىزنى بىر تالاي كۈلپەتكە تاشلاپ قويۇپ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. بىچارە سىڭلىممۇ كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە قازا قىلدى.
ھۆرىگۈلنىڭ سۆزلىرى ۋە ئائىلىسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار كۆزىنى ياشلاپ تۇرغان بىچارە ھالىتى ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ يۈرەك - باغرىنى ئىزەتتى. مەن نەۋرە ئاچام ئاينۇرنىڭ دېرىكىنى قىلماقچى بولۇپ ئۇ يەرگە يېقىنقى بىرەر يىل ئىچىدە يېزىدىن كىرگەن پالانى رەڭلىك قىز بارمۇ؟ دەپ ئاينۇرنىڭ چىراي تۇرقىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بەردىم. ھۆرىگۈل ماڭا ئىسمىنى ئارزىگۈل دەپ ئاتىۋالغان بىر قىزنىڭ بارلىقىنى، بەكلا ياۋاش بولغاچقا باشقا دۇكانغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇ قىزنىڭ خوجايىن بىلەن تازا دېگەندەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ھېلىقى ئارزىگۈل ئىسىملىك قىزنىڭ ھازىرقى ئورنىنى ئېنىقلىۋېلىپ ھۆرىگۈلگە يېنىش - يېنىش تەسەللى ئېيتىپ، ئۈمىدۋار بولۇشقا ئۈندەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
ئەتىسى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ بۈگۈن ئاينۇرنى تاپىدىغان بولدۇم دەپ ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بىر ئەر كەسىپدىشىمنىڭ ياردىمىدە غەيرەتلىك ھالدا تۇنجى بولۇپ «يىگىت جاسارىتى» قاۋاقخانىسىغا كەلدىم. ئۇ يەرگە كىرىش ماڭا ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى. مەنمۇ ھېلىقى كەسىپدىشىمغا ئوخشاشلا ئەرەنچە ياسانغان ئىدىم، ئۇزۇن چېچىمنىڭ ئۇچى ئەرەنچە تۇماقتىن چىقىپ قىلىپ تاسلا قالدىم چانغىلى، تۇيدۇرمايلا ئوڭشىۋالدىم.
ئۇ يەرگە كىرىپلا ئۇچراتقان ھەسسىلەپ ئازاپ، ئىچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر بايامقى خۇشاللىقىمنى نەلەرگىدۇر ئېلىپ قاچقانىدى. بۇ يەردە شەرمى - ھايا، ئەدەپ - ئەخلاق دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىشقۇ مۇمكىن ئەمەس، ھايۋان كەبى قىلمىشلارغا كۆز يۇمۇپ تۇرماقتىن بۆلەك چارە يوق.
بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز، ئاياللىرىمىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىما؟ بىر شىشە ھاراق ۋە بىرنەچچە خىل قورۇمىغا پۇل چىقىرالايدىغان ئەرلەرنىڭ گېپى شۇنچىلىك چوڭمىدۇ؟ ئاجىز قىزلار خۇددى پادىشانىڭ پەرمانىغا بوي سۇنغان بىچارە قۇللاردەك، ئەرلەر نېمىنى قىل دېسە شۇنى قىلىشى، قانداق ئىشقا مەجبۇرلىسا كۆنىشى كېرەككەن. ئەگەر قارشىلاشسا تاياق يەيدىكەن ياكى خوجايىنغا توغۇرلىنىدىكەن. بىز كىرىپ 15 مىنۇتلاردىن كېيىن بىر كۈچكۈچى ھاراق ۋە تاماق تىزىملىكىنى كۆتۈرۈپ كىردى - دە سورىدى.
- سىلەرگە قىز كېرەكمۇ؟
ـ ھەئە دەپ جاۋاب بەردى كەسىپدىشىم.
كۈتكۈچى قىز بىردەمدىلا ئىككى قىزنى باشلاپ كىرىپ يىنىمىزدا ھەمراھلىققا قويدى. مېنىڭ ھېلىقى كەسىپدىشىم ھاراق تاماكا تىزىملىكىگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۆزى بىلمەيدىغان بىرقانچە خىل ھاراقنىڭ قانداق ھاراق ئىكەنلىكىنى سورىدى، كۈتكۈچى قىز:
- شۇنىمۇ بىلمەمسىز؟ بۇ دېگەن ئەڭ ئېسىل ھاراق. ھېسسىياتنى كۈچەيتىدۇ. ئاياللار ئىچسە تېخى ياخشى، بۇيرۇتامسىز، يېنىڭىزدىكى قىزلارنىڭ تېنى ساغلام كۆتۈرەلەيدۇ.
كەسىپدىشىم ئۇ ھاراقنى بۇيرۇتمىغانتى، كۈتكۈچى قىز ۋە يىنىمىزدىكى ھېلىقى ئىككى قىز بىزنى ئالەمچە مەسخىرە قىلىشتى. يىرىم سائەتلەردىن كېيىن كەسىپدىشىم ھېلىقى ئارزىگۈل ئىسىملىك قىزنى سۈرۈشتۈرۈپ يېنىمىزغا چاقىرتتى. ئۇ مەن ئىزدىگەن نەۋرە ئاچام ئاينۇر ئەمەسكەن. ھۆرىگۈل ئېيتقاندەك تەققى - تۇرقى، تاشقى قىياپىتىدىنلا ئۇ قىزنىڭ ياۋاشلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. بىز خوجايىن بىلەن ھېسابلىشىپ ھېلىقى قىزنىڭ بىر كىچىلىكىنى سىتىۋېلىپ، بۇ مەينەتچىلىكتىن ئايرىلدۇق. مەن ئۇ قىزنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىپ سۆھبەتلەشتىم. ئۇ بىچارە ئۆگەي دادىسىنىڭ خورلىشى ۋە دەپسەندە قىلىشىغا چىدىماي مۇشۇ يولغا ماڭغان ئىكەن. بۇ قىزمۇ كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش ئېقىتىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەرمۇ مەن تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان ھۆرىگۈلنىڭكىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەن. بۇ كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتتى. ئەتىسى سەھەردە مەن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قىزنى ھېلىقى قاۋاقخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردىم. يېنىمدا بار 30 يۈەن پۇلنى قىزنىڭ قولىغا تۇتقازدىم - دە، ئۇكام مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ئامال قىلىپ سىزنى ئېلىپ چىقىمەن دەپ قىز بىلەن خوشلاشتىم. قىز ياشلانغان كۆزلىرىنى مەندىن ئۈزەلمەي قالدى.
داۋامى بار... |