ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئاتۇش دېسەم...
كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 3
go

ئاتۇش دېسەم...

Rank: 8Rank: 8

توردا
352سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
428 
تېما
225 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 20:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاتۇش دېسەم...



ئاتۇش دېسەم دىلىم شوخلىنىپ،
ھاياجاندا ئويناپ كېتىدۇ،
مېھرىم گويا ئەزىم دەريادەك،
ئۆركەش ياساپ يايراپ كېتىدۇ.

چۈنكى ئاتۇش تۇغۇلغان يۇرتۇم،
كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن دىيار.
تۇغۇلدۇم، ئۆستۈم ئارسلاندەك،
سەندە بولغاچ قىش بولماس باھار.

ئاتۇش گويا «قىران دەريا» دەك،
دولقۇن يېرىپ ئالغا باسماقتا.
ھاللىق جەمئىيەت جەڭگاھلىرىدا،
نامىراتلىقتىن يىراقلاشماقتا.

مۇقىملىقتا، ئىناقلىقتا ئۇ،
پەرۋاز بىلەن ئالغا ئۇچماقتا.
سانائەت ۋە دېھقانچىلىقتا،
ئۆز ئەجىرىدىن زەپەر قۇچماقتا.

ئاتۇش ئەنجۈر، مەدەنىيەتنىڭ،
ئۇزۇن يىللىق ئالتۇن ماكانى.
ئىلىم- پەننىڭ نۇرى چاقنىغان،
ھۆنەر-سەنئەت مول-ھوسۇل كانى.

ئانا يۇرتۇم گۈزەل ئاتۇشۇم،
سېنىڭ ئوغلۇڭ سالامغا كەلدى.
قېنىپ سېنىڭ مېھرىڭگە تولۇق،
لىرىك تۇيغۇ ئىلھاملار ئالدى.

شۇڭا دىلدىن ساڭا كۆيۈنۈپ،
نەزمە يازدىم چىن ۋۇجۇدۇمدىن.
مەڭگۈ سېنى سېغىنىپ يۇرتۇم،
ئارتۇق كۆرەي ئېزىز جېنىمدىن.



(ئاپتورى: ھوشۇر ئەمەت)



مەنبە: قىزىلسۇ گېزىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 20:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دۇنيادا ئۆز يۇرىتىنى سۆيمىگەن كىشىنىڭ ، باشقىلار تەرپىدىن سۈيۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس . يۇرىت مۇھەببىتى بىباھار گۇھەر ... ياخشى يېزىلىپتۇ ... رەھمەت سىزگە ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
248سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
403 
تېما
39 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 20:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ شىئىر ياخشى يىزىلىپتۇ،...
مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن باشلاپ ئاتۇشنى تىجارەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ،قەھرىمان ئۇيغۇرلىرىمىز،ئالىملىرىمىز بىلەن مەشھۇر دەپ تونويمەن.
قەشقەر،خوتەن،ياركەنىت،ئاتۇش،ئلى،قۇمۇل،تۇرپان،كۇچا...بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز قىرىنداشلىرمىز،قەھرىمانلىرىمىز،بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭ سىماسى مەۋجۇت.شۇڭا مەن بۇ يۇرت ھەم بۇ يۇرتلاردا ياشاۋاتقان قىرىنداشلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ھۆرمەت بىلەن مۇئالىمە قىلىمەن.بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ئانا يۇرتۇم ...بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ قىرىنداشلىرىم ھەم تەقدىرداشلىرىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdukorax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-9 20:39

1.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت.2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
111 
تېما
15 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 20:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتۇش دىسەم كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. بەك ياخشى يېزىلغان شېئىرلارنى يوللاپ تۇرىسىز. يوللانمىڭىزغا رەھمەت !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-19 08:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.