نەدەدۇرسەن جان ئانا ئىڭەلەپ تۇغۇلدۇم ،زەب ئاچچىق بىلەن ، ياشلىرىم تۈكۈلگەن ئانا تۇپراققا . قۇياش چاشتىغۇ ،ئىللىق تەپتىنى ، قارا دىگەندەك كۆپ - كۆك ئۇپۇققا .
ئۈزۈمنى كۆردۈم ئۆتمىشىم شۇدۇر ، ئۆستۈممەن ئەركى بوپ ، ئۇشتۇم ھاۋاغا . قۇلاقمۇ ئېغىرلاپ گەپ كىرمەس بولدى ، كۈڭۈل دەپ قاچىتىممەن ،ھەردەم تالاغا .
نە ئىشنى قىلمىشىم ئۈزۈمگە توغرا ، دەپتىمەن چالۋاقاپ قەدىردانلارغا . ياشاشىنى مەن بىلمەي ھاڭۋېقىپ قالغان ، ئەخلاقنى ساپتىمەن زور گۇمانلارغا .
ئۇيقۇدىن ئويغانسام كۆردۈم ئۈزۈمنى ، ئەسكى زال ، مەينەت تام ، دۆڭ- داۋانلاردا . قۇپاي دەپ كۈچىندىم ، مەندە مادار يوق، چىقمىغىم تەس بولدى ،ئۇل باياۋاندا .
تىترىدىم ، زارلىدىم ، دەشتى سۇغوقتا ، تىنىمدە قالمىدى، ئىللىق ھارارەت . تىنىقىم توختاشقا ئارانلا قالدى ، ۋۇجۇدۇم سەكراتتا ، يۈرەك جاراھەت .
يېقىملىق بىر نىدا ئىللىتىتى مىنى ، بۇ قەلبىم شۇ گۈزەل قاينامغا چۈمدى . دىللىرىم يايرىدى ، ئالەمچە شادلىق ، گۇرۇستان مەجرۇخ بوپ ، يەرگە يىقىلدى .
خىتاپ قىپ دىدىممەن : بۇ قانداق بىر كۈچ ؟ ھېكىملەر دىدىغۇ : ئويلاپ باق يانا . زەپەردەس چوڭ بولۇپ ھىس قىلىغىنىمدا ، ئۇچتۇڭ سەن كۈزۈمدىن ، نەدە سەن ئانا ؟ ئەھمىدى . << شەيدائىي >> يازمام مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-29 01:27
|