دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق (ئۆگەنگۈچى)

كۆزنى چاقار چىراقلار ، قۇلاق يارار دومباقلار ،
مەس-ئەلەستۇر ئەركەكلەر، ئۈيقۇسىزدۇر جۇۋانلار،
ئەر ئەمەستۇر غىتمەكلەر ، قىز ئەمەستۇر نايناقلار،
مەرەپ تۇرار ئوچكىلەر ، تىپچىكلەيدۇ تايچاقلار ،
مەن بولدۇم بۇگۇن بىكار، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق.

كۆڭۇل ئاچماق بۇ نىشان ، ساراڭلىققا ئېپ بېلەت،
مۇڭدىشاركەن بوپ مىھمان،باشلاپ يەنە سۆز -غەيۋەت،
ئول نازىن كۆرگەن ھامان، كۆزلىرىدە بار شەھۋەت،
بوز يىگىتكە تەلمۇرگەن ، قىزچاق چەكتى زەپ ھەسرەت،
كىرمەك ساڭا ئىختىيار ، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق.

ئادەملىكتىن بىر چېنىپ ، بىزمۇ ھايۋان بولمامدۇق ،
ھايات دىگەن مۇشۇ دەپ ، ئۆزنى ئالداپ كۈلمەمدۇق،
قىزلار كەتسە ئوينۈشۇپ ، كۆز چەكچەيتىپ قالمامدۇق،
تىرناق تاتلاپ يالۋۇرۇپ ، ئۆزدىن چەتنەپ كەتمەمدۇق،
ھەممە ئىشنىڭ ئىگىسى بار،دىبا كۇرۇپ كەلمەمدۇق .

پۇل بىلەنلا كۆڭۇل خوش ،بىرەر كۈنلۇك ،ۋاقىتلىق ،
كۈرۇپ ئۇندا شىرىن چۇش، چەتنەپ كەتتى رىياللىق،
تالىشىپ قاپقان قۇرۇش ، قۇربان بولدى ئىناقلىق ،
ئۇرۇپ يۈزنى ھەم ئاداش ، ئارىغا چۇشتى سوغاقلىق،
يانچۇغۇڭدا پۇلۇڭ بار ، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق.

دىبا دىگەن مۇشداق جاي ،دىمەس سېنى ھىچكىم ھاي،
كەچتىڭ پاتقاق ئاياق لاي ، بۇ دەرىتكە قانداق قىلاي،
ياتار جايىڭ بولار ساي ،ئويناپ بىردەم ناي،ناي-ناي،
دوسمۇ كەچتى ھاي،ھاي-ھاي،كىرگەندىكىن مەن چىداي،
ماڭغانسىرى يۈلۇڭ تار ، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق.

دىبا كۈرۇپ شاتلانما ، ۋاز كەچكىن خىيالىڭدىن،
ھاراق ئىچىپ قاتلاشما ، چاي ئىچكىن پىيا لەڭدىن،
ئۆز-ئۆزەڭدىن ياتلاشما ،كەچمە ئىنساپ ھايادىن ،
مەدىنيەتكە<پۇتلاشما> ،ھىس قىل چوقان-سادا دىن،
سەندەك ئەرمۇ تېخى بار، دىبا كۆرۇپ كەلمەمدۇق .

مەنبە: ئۆگەنگۈچى قەلىمى. ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ .(رەھمەت)
2011-يىل 10- يانىۋار. كۈسەندە يىزىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oganguqi88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-10 16:04
|