ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار...
كۆرۈش: 84|ئىنكاس: 4
go

مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار...

توردا
173سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
788 
تېما
93 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 12:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مۇھەممەد غۇلام


ۋاقىتتىن تۇلۇق پايدىلىنالايدىغانلار . ئىلىم - پەن پىشىۋاسى ئېينىشتىيىن :<< كىشىلەردىكى پەرق ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا >> دىگەنىدى . ئاپتوموبىل سېتىش پىشىۋاسى جوۋ گىرراردنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىمۇ ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن تۇلۇق پايدىلانغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ . گىرارد : << مەن ئۆز ئۇسۇلۇمدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن >> دىگەن . ئۇنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى دەل ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىش - مەيلى قانداق ئۇرۇن ، قانداق ۋاقىتتا بولسۇن ، ئۆزىنى << بازاغا سېلىش >> ، ھەتتا تاماق يەپ پۇل تۆلەۋاتقان ، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتىمۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ جوۋ گىررارد ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك .
كىتاب ئۇقۇيدىغانلار. بىلىم - مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پەلەمپىيى . بىلىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى - كىتاپ ئۇقۇش . 3 - خىل قان ھۈجەيرىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىققان كانادالىق مېدىتسىنا ئالىمى ئوسېل ئالدىراش خىزمەت جەريانىدا كىتاپ ئۇقۇشقا ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم 15 مىنىۇت كىتاپ ئۇقۇشتىن ئىبارەت قائىدە بەلگىلىگەن ھەمدە بۇ قائىدىگە توپتوغرا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئەمەل قىلغان . جەمئىي 782350000 خەت ، 1098 پارچە كىتاپ ئۇقۇپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىردا يەنە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسىغا ئايلانغان . شاڭگاڭلىق لى جياچېڭ ئەپەندىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمۇ ئۇنىڭ مىنۇت - سېكىنۇتنى قولدىن بەرمەي كىتاپ ئۇقۇغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
كەسىپنى قەدىرلەيدىغانلار. كەسىپنى قەدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش - قىممەت يارىتىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى . ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنى سۆيمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا قىلچە قىزىقمايدىغان كىشىلەرنىڭ پائال تۆھپە قوشالىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن . كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ، كەسىپنى قەدىرلەش - شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپنى سۆيۈش ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ . دائىم شاختىن - شاخقا سەكرەپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ كەسپنى قەدىرلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . ، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشمۇ قىيىن .
مۇستەقىل قاراشقا ئىگىلەر . ھەممە ئىشتا يوليورۇق سورايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىجادكارلىق ئېڭى كەمچىل بولىدۇ . ئۇلارنىڭ بىرەر ئىجادىي ئىشىنى قىلالىشىمۇ تەس. ئىگىلىك تىكلەش ياكى تىجارەت قىلىشتا مۇستەقىل قاراشقا ئىگە بولغان ، قارار قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر كىشىلەرلا كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن .
مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا ئۆزىنى سەگەك تۇتالايدىغانلار . ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈرەش مۇساپىسىدە بەزىدە مۇۋەپپەقىيەتمۇ بولىدۇ ، مۇۋەپپەقىيەت - ئىشلىرىمىزدىكى تۇنجى قەدەم . ھالبۇكى ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە مۇۋەپپىقىيىدىن مەستخۇش بولۇپ ، ھەتتا كاللىسى قىززىىپ كىتىدۇ . نەتىجىدە ، ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ .
مۇۋەپپەقىيەت ئالدىدا ئۆزىنى سەگەك تۇتالايدىغان كىشىلەرلا ئۈمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ .
باشقىلارنىڭ پىكىر ۋە تەنقىدىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالالايدىغانلار . بىر ئادەمنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل پاراسىتى بەرىبىر چەكلىك بولىدۇ . باشقىلارنىڭ پىكىر ، تەكلىپ ، ھەتتا تەنقىدلىرىگە داۋاملىق قۇلاق سېلىپ تۇرۇش كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا پايدىلىق .
ئۆزىنى چۈشىنىدىغانلار . ئۆزىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر دەل ئۆزىنى بىلىدىغان دانا كىشىلەردىن ئىبارەت . ئۆزىگە ئوبېكتىپ باھا بېرىش ، ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ، نېمە قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلىش ، ئۆزىنىڭ قابىلىيەت تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىقلىرىنى ۋە پۇت تىرەپ تۇرۇش نۇقتىسىنى تۇنۇش ، ئۆز ئاجىزلىقىنىمۇ بىلىش ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش ، چامى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلماسلىق - مانا بۇلارمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ .
ئاخىرقى بىر مىنۇتقىچىمۇ بەل قويۇۋەتمەيدىغانلار . بۇ ئەڭ ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇش دىگەنلىك بولۇپ ، بۇ دېمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن قىلماق تەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەپكارى ئاخىرقى مېنۇتقىچە چىڭ تۇرالماسلىقتا . << شالغاتلاشتۇرۇلغان شال ئاتىسى >> دەپ نام ئالغان يۈەن لۇڭپىڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىدىكى ئاچقۇچ - ئۇنىڭ بوشاشماي چىڭ تۇرۇشتەك چىدامچانلىقىدا ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرغانلىقىدا ..
(ئاپتور شىنجاڭ مالىيە ئىنىستۇتى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى )

توردا
231سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
992 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 14:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ، رەخمەت سىزگە

توردا
116سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
381 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 18:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت . مەزىمۇنى بە ك ياخىشى ئىكەن . ھارمىغايىسز

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 03:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇنچېۋالا كىتابنى ئوقۇماق راسىتلا ئاسان ئەمەس جىمۇ ، بەك يامانكەن ئۇ كىشى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2593 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 09:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يازمىڭىز ئارقىلىق مەندىكى ئىرادىنى يەنە بىر قېتىم قوزغۇتۇپ قويدىڭىز ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:34

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.