ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 5
go

مۇقام

توردا
173سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
788 
تېما
93 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 11:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قۇدرەت قۇربان

نېمانچە مۇڭلۇق سەن، نېمانچە لەرزان،
سەندىدۇر پايانسىز مۇھەببەت، پىراق.
سېھىرلەپ ۋۇجۇدنى، ئۆرتەيسەن دىلنى،
چۆمدۈرۈپ خىيالغا ئۇزاقتىن – ئۇزاق.

نېمانچە مۇڭلۇق سەن، نېمانچە سىرلىق،
سەندىدۇر تۈگىمەس بىباھا ھېكمەت.
يۈرىكىم تارىغا ئۇرغاندەك زەخمەك،
سالىسەن قەلبىمگە ئۈمىدۋار ھەسرەت.

ئەسلىتەر ئۇنتۇلغان چاغلارنى سېھرىڭ،
كۆرۈنەر مۇڭلىرىڭ ئىچرە جانانىم.
يۈرىكىم سەن بىلەن بولىدۇ تەڭكەش،
تارايدۇ ئالەمگە يۈرەك سادايىم.

توردا
185سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
408 
تېما
35 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 15:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ نىمانداق ياخشى شىىئىر بۇ .

ئەسلىتەر ئۇنتۇلغان چاغلارنى سېھرىڭ،
كۆرۈنەر مۇڭلىرىڭ ئىچرە جانانىم.
يۈرىكىم سەن بىلەن بولىدۇ تەڭكەش،
تارايدۇ ئالەمگە يۈرەك سادايىم.
بۇ كۇبىلىتى ئادەمىنى بەك سۈيۈندۈردىكەن

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
540 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 18:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
82 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 20:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇ شۇنداق تارىخنىڭ دەلىل گۇۋاسى،چوڭ نەغمە،داستاندا ياڭرار ساداسى،مەرغۇلى،مەشرەپتە ئۇسۇل-ساماسى، جاھاندا تەڭداشسىز يوقتۇر باھاسى..... ئەگەر بىز بارنى بېسىپ يەۋەرسەك بىزنىڭ نەقىمىز چۈشۈپ كىتەرمىكىن......70يىلدىن بۇيان ھېچ مۇقام ئىجاد قىلىنمايدىغۇ تاڭ..لىكىن ۋختى ئۆتكەن گومىنداڭ پۇلىدەك ئىلگىركىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈۋاتىمىز...ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىمىز خوش قىلىپ....كەچۈرۈڭ...

توردا
173سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
788 
تېما
93 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-29 12:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش zorman نىڭ يازمىسى

دىگىنىڭىز ناھايىتى توغرا، بىراق بۇنىڭىغا بىر نەچىچە ئادەمىنىڭ كۈچىگىنى بىلەن ھەل بۇلىدىغان ئىش ئەمەسكەندە، ھازىر ھەممە شەخسىي مەنئەتتە، بۇ ئىشىلارنى ئويلايدىغانلار ساناقلىقىلا...

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
82 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-30 19:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلسىڭىز بىزنى تىلى چىقىشى بىلەن ناخشا ئېيتالايدۇ،ئايىغى چىقىش بىلەن ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ دىگەن گەپ بىزنى ماختىغىنى ئەمەستۇ؟ ھازىر قايسى سەنئىتىمىزدىن پەخىرلىنىمىز؟ ئاشۇ تۈرۈكىيە،ئۆزبېكىستانلادىن ئوغۇرلۇنۇپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن ناخشىلادىن پەخىرلىنەمدۇق؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز،سەنئىتىمىز،پەن-تېخنىكىمىز ، ھەممىسى[-]مىنوسقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ...........0بوپ قالايلا دىدى...........كەچۈرۈڭ ...شىئىرىڭىز ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ياخشى بوپتۇ لىكىن كىيىنكى ئەۋلاد لىرىمىز بىز قاتارلىق بىر دەۋىر كىشىلىرىنى نىمە ئىجات قىپتىكەن دىسە نىمىمۇ دەمىز........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:36

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.