ئىز مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلارغا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، «ئىز» تورى مۇنازىرە مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلار ياخشىمۇسىزلەر؟
«ئىز» تور بىكتى --- بەت قۇرۇلمىسى كۆركەم، سەھىپىللىرى جىق، مەزمۇنى مول، يېڭىلىنىشى ۋە تور سۈرئىتى تىز، تېخنىكا جەھەتتە كۈچلۈك، ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە ئۈنۋېرسال تور بىكەت.
«ئىز» تور بىكتى قۇرۇلغىنىغا گەرچە 1 يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، لېكىن تور بىكەت مەسئۇللىرىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆز-ئارا قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن خىلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئەڭ داڭلىق تور بىكەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
«ئىز» تورى بۇندىن كېين تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغۇسى~!
ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەك:
يېقىندىن بىرى، «ئىز» مۇنبىرىمىزدە مەلۇم بىر قىسىم تورداشلار بەكمۇ ئەھمىيەتسىز، پۈچەك تېما يوللاپ، ئەخلەت ئىنكاس يېزىپ، مۇنبەرنىڭ سۈپىتىگە، نام-ئابرۇيىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىۋاتقان ئەھۋاللار پەيدا بوپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن «ئىز» تور بىكتىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى، قابىل باشقۇرغۇچسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاشۇنداق ئەخلەت تېما، پۈچەك ئىنكاسلارنى تازلىۋەتتىم. بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىم ھەم مەسئۇلىيىتىم. لېكىن بۇنى بەزىلەر بىلمەي تۇرۇپ، چۈشەنمەي تۇرۇپ مەندىن ئورۇنسىز ئاغرىنغان، مېنىڭ يامان گىپىمنى قىلىپ تېما يوللىغانلار ۋە ئىنكاس يازغانلار بار. (بۇنداق قىلىش بىر ئەخمىقانلىق ۋە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن ئىبارەت.)
مېنڭچە، «ئىز» مۇنبىرىدىكى ھېچقانداق بىر باشقۇرغۇچى تورداشلارنىڭ يوللىغان تېمىسىنى، يازغان ئىنكاسلىرىنى سەۋەبسىزلا، خالىغانچە ئۆچۈرمەيدۇ. ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك تېما ۋە ئىنكاس دەپ قارالسا، چوقۇم ئۆچۈرۈش كېرەك. (شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن).
«ئىز» تور بىكتى مۇنازىرە مۇنبرىدىكى ھەر قانداق بىر تورداش باشقۇرغۇچىلار بىلەن باشقۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسدىكى ئىتتىپاقلىق، باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئەزالار ئوتتۇرسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئەزالار بىلەن ئەزلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق مۇناسىۋەتكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. قىسقىسى «ئىز» تورى مۇنازىرە مۇنبىردىكى كەڭ تورداشلار بىر-بىرنى قوللاپ، بىر-بىرنى توغرا چۈشىنىپ، قولىدىن كىلىشچە ياخشىلىق قىلىش، ياردەم بىرىش، بىر-بىرنى ھۆرمەتلەپ ياخشى ئۆتۈشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا مۇنبەرنىڭ نورمال تەرەققىياتىدىن، بىخەتەرلىكىدىن ئېغىز ئاچىقىلى بولىدۇ.
بىز «ئىز» تورىمىزغا قەدەم تەشىرىپ قىلغان، «ئىز» مۇنبىرىمىزگە تېزىملىتىپ ئەزا بولغان ھەر قانداق بىر تورداشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. كەڭ تورداشلىرىمىز، تور بىكەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغاندىن كېيىن، تور بىكەتتىكى ھەر قايسى سەھىپىلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرسە، مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا «ئىز» مۇنبىرىگە تېزىملىتىپ ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن، مۇنبەردە تېما يوللايدىغان، ئىنكاس يازىدىغان پائالىيەتلەرنى نورمال ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
ھەر قانداق تورداشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېما يوللاش، ئىنكاس يېزىش مەجبۇرىي ئەمەس، پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقىڭلاردىكى ئىش. ئەگەر تېما يوللاشنى، ئىنكاس يېزىشنى خالىسىڭىز يازىسىڭىز بولىدۇ. خالىمىسىڭىز يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىز ھەرگىز خاپا بولمايمىز. لېكىن تېما يوللىدىم، ئىنكاس يازدىم دەپلا، ئەھمىيەتسىز، قالايمىقان مەزمۇندىكى تېمىلارنى يوللىسىڭىز، ناچار، پۈچەك ئىنكاسلارنى يازسىڭىز شۇ ھامان ئۆچۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېما يوللىغاندا ۋە ئىنكاس يازغاندا مۇنبەر قائىدىسگە ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە، سىياسەتلىرىگە ئاڭلىق بويسۇنىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر يوللىغان تېمىسىنىڭ ئىملاسى ئېغىر دەرىجىدە خاتا بولسا؛ مەزمۇنى بەكلا كونا، بەكلا ئەھمىيەتسىز، پايدىلىنىش قىممىتى يوق بولسا؛ باشقىلار يوللاپ بولغان تېمىنى قايتا يوللىسا؛ باشقىلارنىڭ ۋە ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقىغا، ئىززەت-ھۆرمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان تېما بولسا؛ شەخسىنىڭ ھوقۇقىغا، غورۇرىغا تېگىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان، كەمسىتىدىغان، دەخىلى تەرۇز قىلىدىغان تېمىلار بولسا؛ خۇراپاتلىق، دىنىي، سىياسى تۈسنى ئالغان تېمىلار بولسا، كىلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس تېما بولسا، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قائىدە- قانۇن بەلگىلىمىلىرگە، تۈزۈملىرىگە خىلاپ بولسا قەتئىي ھالدا بىردەك ئۆچۈرلۈپ تاشلىنىدۇ. (ئەسكەرتىش: بۇنداق تېمىلار قەتئىي تەسىقلانمايدۇ. ئەگەر كىم تەستىقلىسا، كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە، جاۋابكارلىققا شۇ كىشى ئۆزى ئىگە بولىدۇ).
ئاخىرىدا كەڭ تورداشلارغا دەيدىغىنىم:
«ئىز» تورى مۇنازىرە مۇنبىرىنى --- ھەمىمىزنىڭ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بىلىم ئالىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىغان، تور ئەدەبىياتىمىزنى جانلاندۇردىغان، روھىي دۇنياسىمىزنى كېڭەيتىدىغان، مەنىۋىيتىمىزنى ئاشۇرۇىدىغان ئەڭ ياخشى ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
«ئىز» تور بىكتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى نورمال تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، كەڭ تورداشلارنىڭ ئەڭ نادىر، ئەڭ يېڭى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىنى، مەنىلىك، لوگىكىلىق ئىنكاسلارنى يېزىپ، «ئىز» مۇنبىرىنى ئۆزىنىڭكىدەك كۆرۈپ، كۆز قارچۇقىنى ئاسىرغاندەك ئاسىراپ، مۇنبەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىز تور بىكىتى باشقۇرۇش گورۇپپىسى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا menggutax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-21 23:43
|