ئىز تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىز تورى ئەزالىرى،تورداشلار: تور بېكىتىمىز قۇرۇلغان 1 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ،ئىز تورىنى قوللاپ ،ئىز تورى ئۈچۈن ھاردىم تالدىم دېمەي ئۆز ئىجادىي ئەسەرلىرى، مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتى بولغان تېمىلارنى يوللاپ، ئىز تورىغا شۇنداقلا ئىز مۇنبىرىگەمەزمۇن قوشۇپ كېلىۋاتقان جاپاكەش مۇنبەر ئەزالىرى ،تور ىمىزغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان دوستلىرىمىزغا ئىز تورى نامىدىن تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق.ئىز مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.

ئەسەر تاللاش شەرتلىرى: 1.بىر ئادەم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئەسەر قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ،ئارتۇقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. 2-مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر چوقۇم ،ئىز مۇنبىرىنىڭ "ئىز تورىغا تەكلىپ "سەھىپىسىگەيوللىنىشى ھەمدەئاپتۇر ئەسەرنىڭ ئاستىغا "مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە" دەپ ئەسكەرتىش يېزىشى كېرەك. 3-قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەر ئەدەبىيات تۈرىنىڭ ھەرقانداق تۈرى بولسا بولىدۇ،ئۆزى لايھەلىگەن رەسىم،ياكى ئۆزى ئىجات قىلغان يۇمشاق دېتال ، تەرجىمە ماقالە، ئىلمىي ماقالە بولسىمۇبولىدۇ .(ئەسكەرتىش: ئىجادىي رەسىم، فىلىم بولسا مەنبە ھۆججىتى تەكشۈرلىدۇ، ئىجادىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئىمزاسى، ياكى ئىز تورىغا ياكى ئىز تورىدىكى مەھەللە ئادىرسىڭىزنى ئەسكەرتىڭ.يۇمشاق دىتال بولسا مەنبە كودى تەكشۈرلىدۇ.ياكى يۇمتالدا مۇئەييەن ئىسپات خاراكتىرلىق ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇڭ.) 4- قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئىملاسى توغرا ،مەزمۇنى ياخشى تاللانغان بولىشى كېرەك. 5- تېما چوقۇم يېڭى ئىجادىي تېما بولىشى كېرەك،باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكى بايقالسا چارە كۆرۈلىدۇ. ھەمدەبۇرۇن يوللانغان، باشقا تورلارغا يوللانغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. 6.مۇنەۋۋەر مەھەللىلەر تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. 7- ئەسەر يۇللاش ۋاقتى :2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە.بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتىن كېىين يوللانغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. 8-پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى3- ئاينىڭ 20- كۈنى يەنى "نوۋرۇز بايرىمى "نىڭ ھارپا كۈنى چىقىرىلىپ،مۇنبەردە ئېلان قىلىنىدۇ.4-ئاينىڭ1- كۈنىدىن بۇرۇن،بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇكاپات بۇيۈمى تارقىتىلىپ بولىدۇ.ھېچقانداق كىرا،ياكى باشقا ھەقلەر ئېلىنمايدۇ. 9- ئاخىرلىشمىغان،مەزمۇنى پۈچەك بولغان ھەرقانداق تېما بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. تاللىنىدىغان ئەسەر سانى، دەرىجىسى، مۇكاپات بۇيۇمى: ئالاھىدە مۇكاپات:1نەپەر، داڭلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائي يازغان ھۆسىنخەت (ساقلاش قىممتى بار) 
بىرىنجى دەرىجە:1 نەپەر،مۇكاپاتى:500يۇەن نەق پۇل

ئىككىنجى دەرجە:2 نەپەر، مۇكاپاتى: ئۇيغۇرچە سېستىملىق evd ئاپاراتى

ئۈچۈنچى دەرىجە:3 نەپەر، مۇكاپاتى: 100 يۇەن قىممىتىدىكى قىممەت تولۇقلاش كارتىسى

رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى:10 نەپەر ، مۇكاپاتى :نەرگىزە زەھەر تازلاش مېۋىسى (بىر كورۇپكا) 
مۇنەۋۋەر مەھەللە مۇكاپاتى:10 نەپەر، مۇكاپاتى: نەرگىزە زەھەر تازلاش مېۋىسى (بىر كورۇپكا) بارلىق ئەسەرلەر مەخسۇس كەسىپ ئەھلىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ سېلىشتۇرۇپ باھالىنىپ چىقىلىدۇ.
بۇ پائالىيەت تورداشلارنىڭ ئىجادىي قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش،ئىز تورى نادىر تېمىلىرنى تاللاپ چىقىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تورداشلارنىڭ يېقىنىدىن قوللاپ قىزغىن قاتنىشىشىنى، قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز، گەرچە مۇكاپاتلىرىمىزنىڭ قېممىتى تۆۋەن بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ كۆڭلىمىزنى قوبۇل قىلىشىڭلارنى سورايمىز. ھەمكارلاشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر داڭلىق خەتتات قۇربان روزى شەيدائي شىنجاڭ ئاق ئالماس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نەرگىز خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ مېيلەن كارخانا باشقۇرۇشتىن مەسھلەت بىرىش چەكىلىك شىركىتى قەشقەر ئەپچىل سودا چەكلىك شىركىتى ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن :قەشقەر پامىر تور پەن -تىخنكا چەكلىك شىركىتى 2011-يىلى1-ئاينىڭ 27-كۈنى
|