بۇ ئادەت قاچانمۇ روھىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەر؟ تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر باركى نۇمۇس قىلىشنى بىلمەي بىر-بىرسىگە قارا چاپلايدىغان،تۆھمەت قىلىدىغان ئادەت نى"كەسىپ" قىلىۋىلىپ،،پۇرسەت چىقسىلا ئۆز قېرىنداشلىرى، خىزمەتداشلىرى،ئەل-ئاغىينىلىرى ئارسىغا ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى چىچىپ جەميەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ
ھازىرقىجەميىتىمىزدە بۇلار كۆپۇيۇپ قالدى،مەيلى ئەرلىرىمىزدىن بولسۇن،ئاياللىرىمىزدىن
بولسۇن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار نى جىنىس ئايرىماي ئاتىساقمۇ
بولۇدۇ.بولۇپمۇئۇلار بىر يەرگە يىغىلغاندا ئەشۇنداق بىر قىسىم ئەرلىرىمىز بېشىغا ياغلىق
ئارتىۋالسلاسېپى ئۆزىدىن بىر خىل جىنىسلىققا ئايلانغان بولاتتى.
بىر كۈنى مەن دوستۇم بىلەن مۇشۇ تېما ئۈستىدە پاراڭلىشىپ قالدىم ئۇ مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەرگەن ئىدى:
«بىر خىزمەتدىشىم ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ، ئىدارىمىزغا ئورۇنلۇشۇپ ،ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقى،مۇلايىم، چىقىشقاقلىغى،خىزمەتتەئەستايىدىللىقى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە،تەشكىلنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولدى.ئۇ
ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ھەر قانداق خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ،كۆزگە كۇرۇنۇپ ئىدارىمىزنىڭ ئاساسلىق خادىملىرىدىن بولۇپقالدى.ئۇ ئون نەچچە يىلنى ھاردىم، ئاشتىم دىمەي ئۆتكۇزدى....دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ قەدىرلىك ئېىرى، تۇرمۇش مۇساپىسىدىكى كۇيۇمچان ھەمرايى ساقايماس كېسەلگە گىرىپدار بولۇپ. ئالامدىن ئۆتتى. بۇ بالا -قازا
ئۇنىڭ بىشىغا چاقماق چۇشكەندەك بولۇپ، رۇھى جەھەتتىن قاتتىق زەربە بولدى.لېكىن ئۇ
بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويماي،ئۇستىگە يۇكلەنگەن تۇرمۇش يۇكىنى قەيسەرلىك
بىلەن كۇتۇرۇشكە بەل باغلىدى، ئۇ ئەمدى 2 بالىنى يالغۇز بېقىپ قاتارغا قوشۇشى ھەم
خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك ئىدى.ئۇ تالادا ئەر، ئۆيدە ئايال بولدى،.ئۇ مۇشۇ يىللارداۋامىىدا قانچىلىغان تۇنلەرنى يالغۇز،تەنھالىق ئىلكىدە ئۆتكۇزمىدى؟،.دوسلىرىنىڭبەخىتلىك،خوشاللىققا تولغان ئائىلىسىنى ھەر بىر كۇرگىنىدە ھەسىرەتتىن ئىچىكۇيمىدى؟.... ئۇ شۇندىن تارتىپ خىزمەتتىن كېلىپ ،ھېلى باللىرنىڭ ئىشى ئۇچۇن چاپسا، ئاغرىپ قالسا كېچىنى- كېچە دىمەي يۇدۇپ دوختۇر خانىغا ئاپىرىپ داۋالىتاتى.مۇشۇنداقتۇرمۇش رېتىمى بىلەن خېلى يىللارئۆتۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيۇماي قالدى.رەھىمسىز تەغدىر ئۇنىڭئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمىدى،لىكىن ئۇ ئەشۇنداق تۇرمۇش بېسىمى ئاستىدا ئۇزنىڭ تۇرمۇشمەسىلىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى.دوسلىرى:<سەن يالغۇزتۇرمۇشتا قېينىلىسەن،
ياخشىراق بىرەر ئەرگە تېگىۋال ، سەن تېخى ياش، بۇ يۇكنى بىر ئۆمۇر كۇتۇرۇپ كېتەلمەيسەن>،
-دىسە مىيغىدا كۇلۇپ قوياتتى ۋە رەت قىلاتتى.چۇنكى سۇيۇملۇك ئېرىنىڭ كۇز يۇمۇدىغان چاغدا:
<بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەپ قاتارغا قوش، بۇئىش ساڭا قالدى،باللىرىم باشقىلار ئالدىدا بوينىنى قىسىپ قالمىسۇن....>،-دىگەنسۇزى ئالدى بىلەن بالىلارنى قاتارغا قوشۇشقا ئۇندەپ تۇراتتى. ئۇ كېچىلىرىچارچىغنىدا سۇيۇملۇك ئېرىنىڭ رەسىمىگە قاراپ:<سىز ماڭا پۇتۇن يۇكنى تاشلاپ قويۇپ كەتتىڭىز، تەغدىر نىمىشكە 2 بالىنى بىللە چوڭ قىلىشقا نىسىپ
قىلمىدى....>-،دەپ ئۆكسۇپ يىغلاپ كېتەتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئىقىۋاتقىنى يۈرۇگۈدىكى دەرت، ھەسىرەت ۋە پىغاننىڭ گۇۋاچىسى ئىدى.ئۇ تۇرمۇشتىكى ھوزۇر-ھالاۋات،خوشاللىقتىن، ئېرىنىڭ مۇھەبىتىدىن ،ئىللىق ئائىلە شادلىغىدىن مەھرۇمقالغان ئىدى. شۇنداقتىقمۇ باللىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئىشىنى بىر
ياققا قايرىپ قويدى.ئۇ ھەممە ئېغىرچىلىقىنى ئۈستىگە ئىلىپ قىشنى قىش، يازنى يازدىمەي باللىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ، ئەكىلىپ ئوقۇتتى،،ھەتتا ئاغرىپ يېتىپ قالغان كۈنلىرىمۇ ئورنىدىن ئاغرىققا چىداپ دەس تۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ ئاش-تامىقىنى ئىتىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،باللىرىنى ئالى مەكتەپكىچە باشقىلارغا يىلىنماي ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشتى،
ئائىلىدىكى ئىغىرچىلىقلار تۇپەيلىدىن خىزمىتىگە تەسىر يەركۇزۇدىغان ئىشنى قىلمىدى.ئۇنىڭ تۇرمۇش مۇساپىسىدە يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭ بىر تەرەپقىلىشىنى كۇتۇپ تۇراتتى. يەنى بالىلارنى ،خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇدىغان ئۆيلۇك-ئوچاقلىق قىلىدىغان.....دىگەندەك. ئۇ ئۆزنىڭ چارچاپ قالغىنىنى ئەمدى بىرەر ئەرگە تىگىپ بۇ يۇكنى يەڭگللىتىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.دىمىسىمۇئۇ ھەقىقەتەن چارچىغان ئىدى،يىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۇرمۇش بېسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئىدى.....ئەمما تۇرمۇش يۈكى ئۇنى بېسىپ چارچاتقان، ئۆزىگە يار يۆلەك بولىدىغان بىر ھەمىرا بولمىسا بولمايتى، شۇڭائەشۇ بالىلىرىغا ئۆگەي بولسىمۇ بىر دادىنىڭ،ئۆزىگە چوڭ بولسىمۇ كۇيۇمچان ئەرنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەنە قۇربانلىق بىرىش نىيىتىگە كېلىپ تۇي قىلىش نىيىتىگە كەلدى.........
"********" ئەرگە تېگىدىكەن. ئۆزىدىن چوڭ ئەرگە تېگىدىكەن،-دىگەن گەپ-سۆز بىردەمدىلائىدارە ئىچىدە
تارقىلىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ھەر خىل غەيۋەت شىكايەتلەرمۇ ئوتتۇرغاچىقىتى :"جاپانى تارتىپ باللىرىنىڭ ئېغىرى تۇگەپ، قاتارغا قوشۇلغاندا، نىمەقىلغىنى بىر قېرىغا تېگىپ ، ئەتە-ئۆگۈن ئۇ ئۆلۈپ تاتىپ قالىدىغان ئىش بولساپوق-سۈدۈك تازلاپ، يەنە تۇل قالىدۇ"،"ئەرگە تېگىدىغان ۋاقتىداتەگمەي،ئەمدى باللىرىنىڭ راھىتىنى كۆرۈدىغان چاغدا توي توي قىلىمەن دىگىچە نەۋرەبېقىپ راھەت كۆرسىچۇ؟"،"تۇل يۇرگەندە سىرتتا قىلغان ئىشلىرىنى يېپىش
ئۇچۇن قېرى بولسىمۇ تىگىۋالاي دەپتۇدە؟"،"ئۇ بىكارغە قېرىغاتەگمەيدۇ، ئۆلسە مال-دۇنياسى قالىدۇ، شۇنى كۆزلىگەن گەپ"،"ئۇنىڭغابىر جاينى مىراس قىلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا كۆزىگە ھىچ نىمەكۇرۇنمەۋاتىدۇ"،" راھەت ياشاي دوپتۇدە، ئۇمۇتۆت كۈنلۈك".......دىگەندەك پىتنە-پاساتلار يامىراپ كەتتى. بۇنى ، ئۇنى كۇرەلمەيدىغان، ئۇنىڭغا پەش تارتىپ تۇمشۇغىغا يىگەنلەر يېيىپ يۇرەتتى.ئۇ بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ،قىلچىمۇ ئىپادە بىلدۇرمەي ، ئۆز ئىشىنى قىلىپ
يۈرۈۋەردى.ئۇ:<خەقلەر نىمە دىسە دەۋەسۇن،ئۇلارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالغىنى بولمايدۇ. سۆزلەپ-سۆزلەپ بېسىقىپ قالىدۇ>
،< مەيلى چوڭ بولسا ماڭائازار بەرمىسىلا، باللىرىمنىڭ تويلىرىدا تۇرۇپ بەرسە ،ماڭا يار يۆلەك بولسىلا بولدى>،
دەيتى دوسلىرىغا. دىمىسىمۇ،ئۇ ئەشۇنداق ئېغىر مىجەزى بىلەن ئەشۇ يىللارنى ئۇندىمەي ئۇتكۈزگەن، جاپانى يالغۇز تارتقان ئىدى.ئەمدى بىر ئەرنىڭ پىشىنى تۇتۇپ شۇئەرنىڭ كۇيۇنىشىدىن بەھرىمان بولسا بولاتتى. ئۇ مۇندىن بۇرۇنمۇ ئەشۇنداق ئارقىسىدىن دىگەن سۇزلەرگە پىسەنت قىلماي ئۆتكەن ئىدى»..........
مۇنداق مىساللار ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن. ئەجىبا،مۇشۇنداق قەيسەر،ئىپپەتلىك ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆز بەختىنى ئىزدەش،تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىش ئەركىنلىگمۇ بولماسلىقى كېرەكمىدى؟بىز ئادەملەرنىمەدىگەن رەزىللىشىپ كەتكەندىمىز،؟ رەزىللىكىمىزدىن تۇل قالغان ئاياللارغا ئۆز
نەپسىمىزنى دەپ يىقىنچىلىق قىلىپ ،تەلىۋىمىزنى رەت قىلسا كەينىدىن تۆھمەت قىلىمىز. ئۇلارنى ئۆزىمىز يولدىن چىقىرىپ قۇربانلىققا ئايلاندۇرۇۋاتىمىز.ياكى ئۆزىنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىنى ساقلاپ پەرزەنتلىرىنى تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىن قوغداپ چوڭ قىلىشقاتېرىشىۋاتسىمۇ، ئۇلارنى قارىسىغىلا ناشايان ئىشلارنى قىلدى ، دەپ تۆھمەت چاپلاپ ئۆز ئوبرازىمىزنى
خۇنۇكلەشتۇرۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىمىزنىڭ ئاچا- سىڭىللىرى،بىر تۇققان -قېرىنداشلىرىمىزمۇ بارلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز.ئەشۇ مىھرىبان ئانىلاربالا دەردىنى ھارغىچە تارتىپ،ئەمدى ئۆزنىڭ بەختى ئۇستىدە ئويلانسا نۇمۇس قىلماي،دۇنيادىكى ئەسكى ئىللەتلەرنى چاپلايمىز.بىزنىڭ ئەنە شۇ ھەر قانداق ھاياسىز،پىتنە-پاسات،قارىسىغىلاتۆھمەت چاپلايدىغان ئاغزىمىز نىمىشكە يۇمۇلمايدىغاندۇ؟،كىشىنىڭ ھەققى،ھارام
مال-دۇنيا،قىلغان ئىشىمىزدىن ئارتۇق ئېلىۋاتقان مۇئاشلىرىمىز ئەشۇ يۇمۇلماس ئاغزىمىزدىن كىرىپ سىڭىپ كىتىپ بارىدۇيۇ، ئەشۇنداق ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازنى قەستەن خۇنۇكلەشتۇرۇدىغان ،قارىسىغىلا باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدىغان سۇزلەرئەشۇ تويماس قوسۇغىمىزغا سىڭىپ كەتمەيدىغاندۇ؟. قاچانمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز غاجاپ يۇرۇدىغان،بىر- بىرسىمىزنى كۇرەلمەي قارا چاپلايدىغان ئادەت روھىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەر؟ئەشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىغاكەلگەن قىسمەت ئەشۇنداق كىشىلەرنىىڭ ئاچا-سىڭىللىرى، قىزلىرىنىڭ بېشىغىمۇكەلمەيۋاتقاندىمۇ؟،....ئەمدى بولدى قىلايلى، ئەشۇ كولىغۇچنى تاشلىۋىتەيلى،قاچانغىچە ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى كۆزىمىزنى يۇمۇۋىلىپ قارلاپ ئۆتىمىز.ئەگەر سىز ھەقىقى ۋىژدانلىق ئادەم بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدە ئالى پەزىلەت يېتىلدۇرۇڭ،ھەر بىر قىلغان سۆزىڭىزنىڭ ۋەزنىگە دىققەت قىلىڭ، ھەر بىر ھەركىتىڭىزدە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا تېرىشىڭ. مومكىن بولسا ئەشۇنداق كۆيۈمچان. جاپاكەش ئانىلارغا پىتنە-ئېغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت چاپلايدىغان ئاۋۇ دوزاقنىڭ ئوتىمۇ كار قىلمايدىغان ئاغىزىمىزنى يۇمۇپ،ئۇلارغاياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ. مانا بۇ ئادىمىگەرچىلىكنىڭ يولى. شۇڭا بىز ھۇجۇدىمىزدىكى بۇخىل ناچار ئادەتنى تاشلىشىمىز،جەميەتتىكى بۇخىل ئىللەتنى توسۇشىمىز،ئەنە شۇنداق ئاياللىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا داغ چۇشۇرمەسلىگىمىز،ئۇلارغا قولۇمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ، كۈيۈنۈپ ،مەدەت بېرىشنى ،رىغبەتلەندۇرۇشىنى ئادىمىيلىك مەسئوليىتىم دەپ تونۇشىمىز كېرەك.
مەنبە:يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-10 00:45
|