ئاشىق بولساڭ ئاداققىچە بول، قىزىلگۈلگە كۆيگەندەك بۇلبۇل. ئاشىق دىگەن ئىشىقسىز بولماس، مۇھەببەتنى ئازدۇرمىسۇن پۇل.
دەردى تولا دىلبىرى يوقنىڭ، ئۈزۈپ قىسقان گۈللىرى يوقنىڭ. بۇ دۇنيانىڭ قىززىقى ، بىلسەڭ، سۆيگۈسىدە ئاشىق-مەشۇقنىڭ.
ئاشىقلارغا ئالتۇن سۆز ئىكەن؛ <<ساداقەتنى گۆھەر بىل>> دېگەن. ئىيتىڭلارچۇ،ساداقەت بولماي، سۆيگۈ بىغى قاچان گۈللىگەن؟
چىداش كېرەك مۇشەققەتلەرگە، ۋاپا كىرەك مۇھەببەتلەرگە. مەشۇقىڭنى سۆيەلمىسەڭمۇ، يىغلىمىغىن تارىتقان دەرىتلەرگە.
2004-يىلى 20-ئاۋغۇسىت. مۇھەممەتجان راشىدىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muslimahinim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-3 18:25
|