ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار قان تىپى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن بولغان ...

      

كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 5
go

قان تىپى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
904 
تېما
149 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-23 17:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قان تپى بىلەن كېسەللىكىلەر ئوتتۇرسىدىكى( ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق)مۇناسىۋەت، ئالىملار يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە. شۇنداقلا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى تەتقىقاتلار ئىچىدىكى قىزىق نوقتا ھېسابلىنىدۇ.مۆلچەرلىنىشچە، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلىۋالغاندا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتلەردە پايدىسى ناھايىتى زور بولىدىكەن.
ئاۋالAقان تىپى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى؛AB،O،B،Aقان تىپىلىرى ئىچىدە Aقان تىپتىكى كىشىلەرنىڭ تەغدىرى ئەڭ ئېچىنىشلىق بولىدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ راك،سەكتە قاتارلىق خەۋپى چوڭ كېسەللىكىلەرگە گىرىپتار بۇلۇش نىسىبتى بىر قەدەر يوقىرى بولىدىكەن.تەتقىقات ماتىرىياللىرىدىن قارىغاندىمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ 1\3قىسىمى Aقان تىپلىق بۇلۇپ چىقىدىكەن.ئەكسىچە Oقان تىپىدىكى كىشىلەردە راك كېسىلىنىڭ پەيدا بۇلۇش نىسىبىتى Aقان تپىدىكى كىشلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئاز بولىدىكەن، ئۇندىن باشقا يەڭگىلىرەك بولغاندامىيىپ قىلىپ قويىدىكەن، ئېغىر بولغاندا جاننى ئالىدىغان سەكتىمۇAقان تىپىدىكى كىشىلەردە كۆپ بولىدىكەن.
بۇنداق بولۇشدىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ خىل قان تىپىدىكى كىشلەرنىڭ قېندا قان ئۇيۇتقۇچى ئامىل ... گە مۇناسىۋەتلىك تالالىق ئاقسىل ئاساسى، خولېستېرىن، ترى نىتروگلىتسېرىن قاتارلىقىلارنىڭ مىقىدارى يۇقىرى، تالالىق ئاقسىل ئاساسى ۋە قان ئويۇتقۇچى ئامىللار قاننى يۇقىرى ئۇيۇش ھالىتىدە ساقلايدۇ، قان نۆكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ، خولېستېرىن، ترى نىترو گلىتىسېرىنلار بولسا ئارتېرىيىلەرنى قاتۇردىدىغان ئامىللار، شۇڭا Aقان تىپىدىكى كىشىلەردە سەكتىنىڭ پەيدا بۇلۇشى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.
ABقان تىپىدىكى كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ راك ۋە سەكتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئىنىسانلارنىڭ(بىرنىچى دەرىجىلىك قاتىلى)دەپ نام ئالغان تاخىسىمان ئارتېرىيە بوتقىدەك قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسىبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك سەل زەربىگە ئۇچرسىلا ئالامەتلىرى نىسبەتەن ئېغىر بولىدىكەن،يۈرەك مۇسكۇل تىقىلىمىسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسىبتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن.
B قان تىپىدىكى كىشىلەردە سەكتە، تاخىسىمان ئارتېرىيە بوتقىدەك قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكىلىرىنىڭ پەيدا بۇلۇش نىسىبىتى A ۋە ABقان تىپىدىكى كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر بەدەندىكى مەلۇم ئەزانى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە ،Bقان تىپىدىكى كىشىلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسىپىتى ئىنىتايىن تۆۋەن بولىدىكەن.مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ABقان تىپىدىكى كىشىلەردە كۆچۈرۈلىگەن ئەزانى يەكلەش نىسىبىتى باشقا قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىككى ھەسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسىبىتى %25بولىدىكەن، بۇ Aقان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ 3ھەسىسىگە، Oقان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ 4ھەسىسىگە باراۋەر ئىكەن.
Oقان تىپىدىكى كىشىلەردە راك،يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىلرى نىسىبەتەن ئاز بولىدىكەن. لېكىنOقان تىپىدىكىلەرنىڭ قېنىدا قان ئۇيۇتقۇچى ئامىل... نىسىبەن ئاز بولغاچقا ، يارا ۋە قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىكىلەر Aقان تىپىدىكى كىشىلەردىن %20يۇقىرى بولىدىكەن.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشىقا بولىدىكى، ئۆزىمىزىنىڭ قان تىپىنى ھەم قان تىپىغا مۇناسىپ ئالاھىدىكىلەرنى بىلۋالساق مەيلى يېمەك-ئىچىمەك ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن، تېگىشىلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئېغىر كېسەللىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. بۇ،ساقلىقىنى ساقلاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق.
مەنبە؛ساقلىقىنى ساقلاش (قوش ئايلىق ژۇرنىلى)دىن ئېلىنىدى

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-23 18:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي خۇدايىم مېنىڭ قان تىپىم Bئىدى. ئاللاھ پاناھىدە ساقلىغايسەن

توردا
47سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
55 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-23 19:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خېلى ئاساسى بار جۇمۇ ...............

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 13:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنAقان تىپىلىق ئىدىم . بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولدى .

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 21:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ئا قان تىپلىق ئىدىم، ئەجەپ بىر خىل بولۇپ قالدىما، خۇددى ھازىرلا راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك.......

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-24 23:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كېسەل بىر كۇندە پەيدا بولمايدۇ،ئاۋال يىمەكلىككە ئاندىن تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلساق كېسەللىكتىن غەم قىلىش بىھاجەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:23

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.