قەشقەرلىكلەرنىڭ قىززىق گەپلىرى(داۋامى) سانتانا قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماشىنا توختىتىلغان ئىكەن
. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگرۈپ چىقىپ ماشىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ:
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماشىنىدىن ساقاللىق تەمبەل بىرسى چۈشۈپتىكەن
. تاڭجاڭ دەرھاللا دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتتى؟.....
چاپان سودىسى
"بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم
. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى
. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
- ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم.
ئاشپۇزۇلدا
بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: " ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدا ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟
تەنە گەپ
ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، "بۈگۈن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!؟" دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالمايھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى "تەرجىمە" قىلىپ دەپتۇ: "ھەي، ھەي،ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ"، شۇندىلاخوجايىننىڭ كاللىسى "تىرىڭ" قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ.
سەي بازىرىدا
ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان،بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققائىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي
- لازاقانچە پۇل؟
- xx كوي
...
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي
xx مو
يىگىت كۆڭلىدەباشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغاھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟
ئىشەك بولسىمۇ بولىدۇ
تىببى ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا قەشقەرلىق ئاغىنەم بىلەن ئىككىمىز بىر ئىش بىلەن قوشنا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق،ئاغىنەم "ئاداش ئىشىكنى ئىچىڭلار دىسە ياتاقتىكى بالا قەستەنگە چاقچاق قىلىپ "ياتاقتا ئادەم يوق "دىگەنتى .ئاغىنەم تۇرۇپ كىتىپ ئەمىسە ئىشەك بولسىمۇبولىدۇ دىمەمدا...نەتىجىدە ئىشىك ئىچىلىپ ئۇلار ئۇرشۇپ قاپتى ئاران ياراشتۇردۇم......
يول سوراش
ئۆتكەن يىل 8- ئايدا ئىدارىدكىلەرنى قەشقەرگە ساياھەتكە ئېلىپ بارغاندىكى قىزىقئىش ئىسىمگە كەپقالدى : ھېيتگاھ بازىرى ئەتراپىدىن ياتاق ئېلىپ ئورۇنلاشقان ئەتىسى كەچتە بىر ياتاققا بىللەن ئورۇنلاشقان خىزمەتدىشىم ئىككىمىز ھېتگاھ ئەتراپىنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن پەسكە چۈشتۇق ، بىزنى ئېلىپ كەلگەن ماشىنىنىڭ شوپۇرىمۇ بىنانىڭ ئالدىدا باركەن ئۈچىمىز بىرگە چۆگىلەپ خام بازىرى دىگەن يەرگە كەپقاپتۇق ، قاتىرىسىغا تىزىپ قويۇلغان يەرلىك شاپتۇلنى كۆرۈپلا ئۈچىمىزتەڭلا بىرىنچى باققالنىڭ ئالدىغان كىلىشىمىزگە:
- كەسە خېرىدار كەسە ،بەشىكېرەمنىڭ شاپتۇلى ، بارمۇ دېسەڭ يوق دەيمەن ....... يارىمىسا باكالىق..........
-كىلوسى نەچچە پۇل ؟
6 كوي غوجام ، تېتىپ كۆرسىلە ،يارىمىسا باكالىق
شوپۇر ئاكىمىز ئىككىلەنمەيلا بىر تال شاپتۇلنى يەپ بېقىپلاگەپ سۆز قىلماي شۇنىڭ يېنىدىكى ئىككىنچى تەنزىگە كېلىپ شاپتۇلغا قاراپ بولغۇچەبىرىنچى تەنزىدىكى باققال قوپۇپ : - ھاجېېېېېم ، مۇشۇنداق تېتىپ ئىشۇ باشقا چىقسىلائۆزلىرىنىڭلا ئەمەس ما ئىككى شىشىدەك خېنىملارنىڭمۇ قوسىقىنى تويدۇرۇپ كىتەلەيدىلا..............
- نىمانداق سېسىق گەپ قىلىلا .... ؟ ھېلى ئۆزلىرى يارىمىسا باكالىق دەپ توۋلاپ كىتىپبارمامتىلە ......؟ يارىغاننى ئالىدىغان گەپتە...........
- غوجوووووووووم يارىغان بولسا ئىۋۇنىمۇ يەمتىلە ......؟ ( سېۋەتتە خېرىدارلار يەپدۆۋلەپ قويغان شاپتۇل شۆپۈكى ۋە ئۈچكىسى تۇراتتى)
نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ شاپتۇلنىمۇ ئالماي ئۇدۇل كىتىپ قالدۇق ، شۇ ئىزا تارتقانچە مېڭىپ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ بىر خالتا كوچىغا كىرىپ قاپتۇق بۇ يولنىڭ ئايىقى چىقامدىغان دەمسىلە ئىچكىرلەپ مېڭىۋەردۇق ، ئارقىمىزغا يېنىپمۇ باقتۇق، لېكىن كەلگەن يولنى تاپالماي ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى بولماي شوپۇر ئاكىمىزنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مەن بىر ئادەمدىن يول سورىدىم : - تىچلىقمۇ ئاكا ...؟ بۇ يولنىڭ ئاخىرى نەگە ئاپىرىدۇ ...؟
- قوقماي مېڭىۋېرىشسىلە ، ئىشقىلىپ ئۇ دۇنياغا ئاپامايدا.............
-ھېتگاھ بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆزىمىزمۇ بىلمەي بۇ يەرگە كەپقالدۇق ، چوڭ يولغا چىقالماي يۈرىمىز.........
- يېڭى كىلىشكەن ئوخشىماملا بۇ يەگە ....؟ ئۆزلىرىمۇ شۇ بويلىرى بىلەن ئېزىپ كىتىدىغان ھاللىرىغا قىزباللىنى پىقىرتىمەن دېمەي ئۇخلاپ قاسىلابوممامدۇ جانلىرىغا جاپا سامماي ................. ( بايىقى زەربىدىن ئېسىگەكىلەمەيۋاتقان شوپۇر ئاكىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئۇجۇقۇپ تىلى گەپكىمۇ كەلمىدى....)
- ھوي ، ئابدۇسەمىتاخۇن ، كونكاڭنى ئېچىقىپ مالىنى يەتكۈزۈپ قويەمەنزىلىگە ... بالدۇر كە جۇمۇ بالام ......... ؟
مىڭ رەھمەتلەر بىلەن يامان تەسلىكتە ياتاققا كەۋالدۇق
چېكىت چىقىدا..
بىزنىڭ ناھىيىدە دەم ئېلىشقا چىققان ياكى ئۆيىدە ئىشى يوق چوڭلار ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېسە يەپ بولمىسا چاي پۈۋلىگەچ جاھاننىڭ گىپىنى قىلىپ ياكى بولمىسا لۇشاڭ
( سىنئالغۇ ) كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان بىر ئادەتمۇ بار چۇ - ! ( بۇ يەردە مەخسۇس چايخانائاز ياكى يوق دىيەرلىك بولغاچقا ) ، مۇشۇنداق چايخۇماردىن ئىككى ئادەم قەشقەرگەبېرىپ بىر تاماقخانىغا كىرىپ شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قاپتۇ ، كۈتكۈچى قىزمۇسەۋرىچانلىق بىلەن بىر قانچە قېتىم چاي ئالماشتۇرۇپ بىرىپتۇ بولمىسا ، بىر چاغداقارىسا كۆرىۋاتقان فىلىممۇ تۈگەپتىكەن بىر ئادەم يەنە بىرىگە : - ئەمدى چىقىلىمۇ ئەمىتاخۇن ، يەنە تېخى بىر مۇنچە يەر بار بارىدىغان.
- شۇنداق قىلىلى
.......... دەپ ئەمدى ئورنىدىن قوزغىلىپ مېڭىشىغا ، سەۋرى قاچىسى توشقان ئاشخاناخوجايىنى:
- ئوتتۇراشماملا غوجۇللۇرۇۇۇۇۇۇۇۇم .... دەنشى تۈگىسە چېكىت چىقىدا....!دېگىدەك.
چىۋىن
بىر كۇنى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق ، بىرسى يىگەن تاماقنىڭ پۇلىنى بەرمەي ماڭدى ،
ئاشپەز : قارىم تاماقنىڭ پۇلنى ، دىدى
ھىلىقى كىشى : سەيدىن چىۋىن چىقتى ،
ئاشپەز دەرھاللا: سىلە يەپ بولغان 4مومىدىن چىۋىن چىقمىغاندۇ؟
سېسىق گەپ ئاڭلاش
ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى قەشقەردە ئىدى. بىر كۈنى قەشقەرگە كىرىپ نەۋرە ئاكام بىلەن كۆرۈشمەكچى بوپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۆيى 4- قەۋەتتە ئېدى. بىراق مەن ئىھتىياتسىزلىقتىن 3- قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ قاپتىمەن.ئىشىك ئېچىلىپ 50ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم چىقتې.ئىشىكنى خاتا چەككىنىمنى دەرھاللا بىلدىم-يۇ،گەپ قىلمايلا كەتسەم<سېسىق>گەپ ئاڭلاپ يۈرمەي دەپ -نەۋرە ئاكامنى ئىزلەيتتىم
.دېدىم. ئۇ ئادەم باش-ئايىقىمغا بىر قارىۋىتىپ:-قارىسام ياشلا تۇرىلا.ئەمما سېلىگەقېرىلىق يىتىپتۇ. ئۆيگە كېرىپ ئازراق دەملىرىنى ئېلىۋىلىپ،يەنە بىر قەۋەت ئۆرلىسلىرى چىقىلا. دېمەسمۇ، <سېسىق.>گەپ ئاڭلاپ قالماي دىگەنگە تويدۇم.
سەرالىق ۋە شەھەرلىك
بىر كۈنى يىزىدىن كىرگەن بىر نەچچە ياش بىر ئاشخانىغا تاماق يىيىشكە كىرىپتۇ،ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا شەھەرلىك ياشلاردىن بىر نەچچىسى كىرىپتۇ. ئاۋال يىزىلىق بالىلارتاماق بۇيرۇتۇپتۇ پۇتۇندىن 4 ئاش.(لەغەن دىمەكچى) كۈتكۈچى شەھەرلىك بالىلاردىن سوراپتۇ سىلەرگە ئاشنى پۈتۈن ئەكىلەمدىم؟ يېرىممۇ؟ يېرىمدىن ئەكەل بىزيا سەھرالىق بولمىساق كالىدەك پۈتۈن ئاش يەيدىغان دەپتۇ........ يىزىدىن كىرگەن بالىلار بۇ گەپنى كۆڭلىگە سىپ قويۇپ ئوتۇرۇپتۇ.بىر كەمدە كۈتكۈچى كىلىپ يىزىلىق بالىلاردىن سوراپتۇ ئاش سۈيى ئەكىلەيمۇ؟ ياق، بىز يا شەھەرلىك بولمىساق يېرىم ئاش يەپ تويمىغىنىغا ئاش سۈيى ئىچىدىغان دەپتۇ
تېشاڭ بولسىمۇ مەيلى
تىببىي ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئالدىدا ئىسلام ئاشخانىسى دەيدىغان بىر ئاشخانا بولىدىغان، چۇشلۇكى ئادەم بەك كۆپ بولۇپ كېتىدىغان.. بىر چۇشتە بىر قەشقەرلىك بالا پولۇ يىگىلى كىرىپتۇ
.پولۇمۇ بەكلا تەستە چىقىپتۇ، ئەمما قوشۇق يوق، تاڭجاڭدىن ئىككى ئۇچ قېتىم قوشۇق سوراپتۇ، قوشۇق كەلمەپتۇ .ئاخىرى ئۇ بالا چىدىماي: ئۇستوووووم، قوشۇق بولمىسا تىشاڭ بولسىمۇ مەيلىتى ئۇسسۇپ يىگىلى... بى ئەككىلىۋىتىڭلا! دەپتۇ
. (داۋامى بار)
مەنبە:ساقلىۋالغانلىرىمدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-11 12:12
|