- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-29
- تىزىملاش
- 2010-4-7
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 343سائەت
- جۇغلانما
- 2710
- نادىر تېما
- 3
- يازما
- 1159
- تېما
- 26
- توردا
- 343سائەت
- نادىر تېما
- 3
- دوست
- 1
- يازما
- 1159
- تېما
- 26
|
5-دېكابىر كەچتە خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى لونىڭ ناھىيىلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ چىڭياڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ بەش ئۆسمۈرنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى،بۇ بەشەيلەننىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى 13 ياش، يېشى ئەڭ چوڭى 15 ياشكەن.
لونىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن يىڭلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە ۋەقە پەيدا قىلغان لونىڭ ناھىيىلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ چىڭياڭ ئۆزىنىڭ يۇرتى يىياڭ ناھىيىسىگە بارغان، مېھمانخانا، قاۋاقخانىدا غىزالانغاندىن كېيىن، بىر قارا رەڭلىك «پاسسات» ماركىلىق پىكاپنى ھەيدەپ، لونىڭ ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىققان. 5-دېكابىر سائەت 23 يېرىم ئەتراپىدا، لونىڭ ناھىيەسى جيەنكۇ يېزىسى دوڭسۈن كەنتىنىڭ ئەتراپىدىكى يولدا، گۇ چىڭياڭ ھاراق ئېچىپ ھەم چارچاپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكتىن، قارشى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ، يول بويىدىكى يەتتە ئۆسمۈرنىڭ بەشىنى سوقۇۋەتكەن، ئۈچى نەق مەيداندا قازا قىلغان، ئىككىسى دوختۇرخانىغا ئاپىرېلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
ساقچىلار كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1-بالىنى سوقۇۋەتكەن جايدىن ئۇ ماشىنىنى توختاتقان جايغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ 253 مېتىر كېلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق، گۇ چىڭياڭنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت قويۇقلۇقىنىڭ ھەر مىللىلېتىردا 0.57 مىللىگرام بولۇپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بېكىتىدۇ.
گۇ چىڭياڭنىڭ ساقچىلارغا ئىقرار قىلىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ پىيادا كېتىۋاتقان بىر نەچچە بالىنى كۆرمىگەن، يول بويىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش تۈۋرۈكىنى سوقۇۋەتتىم دەپ ئويلىغان، كاللىسى گاراڭ بولغانلىقتىن تورمۇزلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، گۇ چىڭياڭ يانفون بىلەن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرىغا تېلېفون قىلغان، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندە ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بايقىغان.
ھايات قالغان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دەيدۇ: شۇ چاغدا، بىر نەچچىمىز ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بارغان چېغىمىزدا، ئۇدۇلىمىزدىكى ماشىنىنىڭ چېرىقى بەك يورۇق بولغانلىقتىن، يولنى ئېنىق كۆرەلمەي توختاپ قالدۇق. تۇيۇقسىز مەن ئۇدۇلىمىزدىكى ماشىنىنىڭ بىزگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى تېزدىن چەتكە ئالدىم، ماشىنا يېنىمدىن ئىتتىك ئۆتۈپ كەتتى. مەن شۇئان جاڭ-جاڭ قىلغان بىر نەچچە ئاۋازنى ئاڭلاپ، ماشىنا يول بويىدىكى تاش گۈندىگە سوقۇلغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، مەن دەرھال سەپسېلىپ قارىسام، ھەمراھلىرىمنى سوقۇۋېتىپتۇ. مەن ماشىنىنى قوغلاپ ماڭدىم، ئارقىدىن ماشىنا توختىدى، مەن ۋەقە پەيدا قىلغان شوپۇرغا ئادەم سوقۇۋەتتىڭىز، دەرھال 120 گە تېلېفون قىلىڭ دېدىم. لېكىن ۋەقە پەيدا قىلغۇچى ھىچ ئىش بولمىدى دەپ تۇرۇۋالدى، بىز بىردەم غىژ-غىژلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن ماشىنىدىن چۈشۈپ 120گە تېلېفون بەردى. ھازىر گۇ چىڭياڭ ئاممىۋىي بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن گۇمان قىلىنىپ، لونىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىندى.
مۇخبىر قازا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، 14 ياشلىق ياڭ يۈەنمېينىڭ ئۆيدىكىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ئانىسى يەن ئەيفاڭ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى كەچتە قىزىم نەۋرە ئاكام بىلەن ئويناپ كېلىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئەمما مەن قىزىمنىڭ شۇ چىقىپ كەتكەنچە مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، ساپساقلا بىر تىرىك جان مۇشۇنداقلا كېتىپ قالدى. يەن ئەيفاڭ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى. ئەتراپتىكى ئاممىمۇ قاتتىق غەزەپلەندى، كەنت ئاھالىسى ياڭ يۈجېن مۇنداق دېدى: ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندىن كېيىن ۋەقە چىقىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇپمۇ گۇ چىڭياڭ يەنىلا ھاراپ ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپتۇ، بۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش بولماي نېمە؟
قازا قىلغان ياڭ شاۋپېڭنىڭ ئۆيى ناھايىتى ئاددىي كېسەك ئۆي بولۇپ، ئائىلىسى ناھايىتى نامرات ئىدى، ئۇنىڭ دادىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بالامنىڭ ئانىسى سەككىز يىل بۇرۇن بىزدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالغان، مېنىڭ مۇشۇ بىرلا بالام بار ئىدى، شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن تۈگىشىپ كەتتىم، مېنىڭ ئۈمىدىم پۈتۈنلەي بەربات بولدى. مەن ۋەقە پەيدا قىلغۇچىغا قاتتىق نەپرەتلەندىم، چۈنكى ئۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ، ئادەم سوقۇپ نۇرغۇن ئائىلىنى خانىۋەيران قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، قازا قىلغان بەش ئۆسمۈرنىڭ ئۈچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە، لونىڭ ناھىيىلىك پارتىكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تېزدىن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم ۋەقەنى تەكشۈرۈش، قالدۇق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، داۋالاپ قۇتقۇزۇش، خەۋەرلىشىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بەش گۇرۇپپا قۇرۇپ، ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل قىلىپ، قالدۇق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تېزدىن باشلىدى. لوياڭ شەھەرلىك پارتكوم 6-دىكابىر شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو سوڭبىن باشچىلىقىدىكى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇدى. دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە تېزدىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق تەلەپ قىلىندى؛ لونىڭ ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، قالدۇق ئىشلارنى پائال، مۇۋاپىق، ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇدى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە يول قاتنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇشۇنداق ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
يېقىنقى ئىككى يىلدا، ھاراق ئىچىپ ياكى مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەپ، ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ياكى يارىلاندۇرۇش ۋەقەلىرى نۇقتىلىق تېمىغا ئايلاندى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىمۇ ھاراق ئىچىپ ياكى مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەشكە زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 15-ئاۋغۇستتىن تارتىپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئىككى ئايلىق ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالدىنى ئالدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى» بۇ يىل 1-ئاپرېلدىن تارتىپ يولغا قويۇلدى، بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلا بولسا بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلىدىغان بولدى.
لونىڭ ناھىيىلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ۋەقە ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى دەن شىن مۇنداق دېدى: گەرچە دۆلەت ھاراق ئىچىپ ياكى مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەشكە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەردە يەنىلا تەلىيىگە تايىنىش پىسخىكىسى بار بولۇپ، بىز ۋەقە سادىر قىلمايمىز دەپ قارايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئازراق ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماشىنا ھەيدىيەلىش – تېخنىكىمىزنىڭ پىشقانلىقىدىن دەيدۇ، ئەمما ئىش چىققاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ. دەن شىن مۇنداق دېدى: ساقچىلارنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھاراق ئىچىپ ياكى مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەشكە يەنىلا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. قاتناش ساقچىلىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى توسقان چاغدا، جەرىمانە قويۇشتىن سىرت، يەنە تەربىيىنى كۈچەيتىشى لازىم. لېكىن بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا يەنىلا شوپۇرلارنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى بولۇپ، تەلەيدىن كۆرۈش پىسخىكىسىنى تۈگىتىشى كېرەك.
ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بەش ئۆسمۈر ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چەكسىز ھەسرەت-نادامەتكە مۇپتىلا قىلدى. كىشىلەر بۇنداق تراگېدىيىنىڭ قايتا پەيدا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن قازا قىلغۇچىلارنىڭ روھى بىلەن ھايات قالغۇچىلارنىڭ كۆز يېشى بارلىق كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
مەنبە~جۇڭگو رادىيو تورى،
|
|