ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى رەسمىيەتلىك مۇخب ...
كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 1
go

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

توردا
262سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
484 
تېما
108 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-11 01:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
  «خەلق گېزىتى»نىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ 9-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرى نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ خاتا قارارىنى قوللىمايدۇ

  نورۋېگىيە نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ليۇ شياۋبوغا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بەرگەنلىكى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، جياڭ يۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەمدە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرى نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ خاتا قارارىنى قوللىمايدۇ. نۆۋەتتە 100دىن كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىزگە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكى ئاشۇ كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئاز سانلىق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشى شەرت. جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلق ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا قارشى تۇرىدۇ.

  جياڭ يۈ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ھەر قانداق قىلمىشى ليۇ شياۋبونىڭ جىنايەت پاكىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ ئىشتىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش غەرىزى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ.

  ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «ليۇ شياۋبونىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قارىتا، جياڭ يۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئاتالمىش قارار لايىھەسى پاكىتنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق، قوپاللىق بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئالاقىدار پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى خاتا سۆز-ھەرىكىتىنى توختۇتۇپ، تەكەببۇر ۋە يولسىز پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.

  ئامېرىكا-كورېيەنىڭ كۆپ قېتىم ھەربىي مانىۋېر ئۆتكەزمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە مۇراجەت قىلىمىز.

  ئامېرىكا-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ قېتىم ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، جياڭ يۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ قېتىم ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئىنتايىن سەزگۈر، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، مەزكۇر رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلار تەھدىتى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، پەقەت ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، كۆپرەك پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. (كاڭ زىرەن، جاڭ مېڭشۈ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozyarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-11 01:25

توردا
679سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1177 
تېما
54 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-12 22:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ليۇ شىاۋبۇ دىگەن كىم بولغىيىتتى؟
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-1 14:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.