- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-1
- تىزىملاش
- 2010-1-17
- ھوقۇق
- 200
- توردا
- 831سائەت
- جۇغلانما
- 774
- نادىر تېما
- 2
- يازما
- 223
- تېما
- 57
  
- توردا
- 831سائەت
- نادىر تېما
- 2
- دوست
- 12
- يازما
- 223
- تېما
- 57
|
12-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر بىر ئالىي دوكتور پونكىتىغا يىلدا بىردىن ئارتۇق ئالىي دوكتور قوبول قىلىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا يىلغا 80دىن 100گىچە ئالىي دوكتور تەتقىقات خادىمىنىڭ قوبول قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن .
دۆلەتنىڭ ئالىي دوكتور تۈزۈمى 1985-يىلى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي دوكتۇر تۈزۈمى 2000-يىلىدىن باشلاپ يولغا يولغا قويۇلغان . بۇ 10يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي دوكتور پونكىتلىرىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە تەربىيەلەنگەن ئالىي دوكتۇر تەتقىقاتچىلار 297گە يەتكەن .
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 12ئورۇننى ئالىي دوكتور پونكىتى قىلىشقا يوللىغان بولۇپ ، يوللاش سانى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ھېساپلانغان .
‹‹جۇڭتەي ›› خىمىيە گۇرۇھى ، رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قاتارلىق يەتتە ئورۇن دۆلەت ئەمگەك كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئالىي دوكتور پونكىتىنىڭ سانى 50كە يېتىپ ، ئالىي دوكتور پونكىتىنىڭ سانى جەھەتتە غەربىي رايون جەھەتتە رايون بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتكەن .
ئالىي دوكتور خىزمىتى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار رايونى ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن . 2007-يىلدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتى يىلدا بىر مىليون يۈەن ئالىي دوكتور مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئاجرىتىپ ، ئالىي دوكتور پونكىتى ۋە ئالىي دوكتور تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پەن –تېخنىكا تەتقىقاتى خىزمىتىنى قوللىغان .
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى |
|