- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-1
- تىزىملاش
- 2010-4-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 262سائەت
- جۇغلانما
- 1685
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 484
- تېما
- 108
- توردا
- 262سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 5
- يازما
- 484
- تېما
- 108
|
2011-يىلىدىكى بىر قىسىم بايراملىق دەم ئېلىشلار بېكىتىلدى
چاغاندا 2-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2011-يىلىدىكى بىر قىسىم بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: گوۋۇيۈەننىڭ «‹مەملىكەت بويىچە بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارار»ىغا ئاساسەن، جايلار، تارماقلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدىكى ساياھەت، قاتناش-ترانسپورت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىنى بالدۇرراق مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2011-يىللىق يېڭى يىل، چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدۇق:
1. يېڭى يىلدا 1-يانۋاردىن 3-يانۋارغىچە جەمئىي 3 كۈن ئومۇمىي دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
2. چاغاندا 2-فېۋرال(دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھارپا كۈنى)دىن 8-فېۋرالغىچە تەڭشەپ جەمئىي 7 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 30-يانۋار(يەكشەنبە)، 12-فېۋرال(شەنبە) ئىشلەيدۇ.
3. چوكانتال بايرىمىدا 3-ئاپرېلدىن 5-ئاپرېلغىچە تەڭشەپ جەمئىي 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 2-ئاپرېل(شەنبە) ئىشلەيدۇ.
4. ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 30-ئاپرېلدىن 2-مايغىچە جەمئىي 3 كۈن ئومۇمىي دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
5. تاڭزۇڭزا چاغىنىدا 4-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە جەمئىي 3 كۈن ئومۇمىي دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
6. تاۋۇز چاغىنىدا 10-سېنتەبىردىن 12- سېنتەبىرگىچە جەمئىي 3 كۈن ئومۇمىي دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
7. دۆلەت بايرىمىدا 1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە تەڭشەپ جەمئىي 7 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 8-ئۆكتەبىر(شەنبە)، 9-ئۆكتەبىر(يەكشەنبە) ئىشلەيدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئالدىنقى 11 ئايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سېتىلغان ئاپتوموبىل 16 مىليوندىن ئاشتى
«خەلق گېزىتى»نىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگودا 1-ئايدىن 11-ئايغىچە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سېتىلغان ئاپتوموبىل ئايرىم-ئايرىم 16 مىليون 400 مىڭ 100 ۋە 16 مىليون 395 مىڭ 400 دانە بولدى، بۇ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %33.71 ۋە %34.05 ئاشتى، بۇ، جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇمات.
ئالدىنقى 11 ئايدا، دۆلىتىمىز مۇستەقىل ئىشلەپچىقارغان ئادەم توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى 5 مىليون 655 مىڭ 900 دانىگە يېتىپ، ئادەم توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ %45.43ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 1.08 پوئىنت ئۆرلىدى؛ دۆلىتىمىز مۇستەقىل ئىشلەپچىقارغان پىكاپنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2 مىليون 618 مىڭ 800گە يېتىپ، ئومۇمىي پىكاپ سېتىلىش مىقدارىنىڭ %30.55ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 0.1 پوئىنت ئۆرلىدى. (مۇخبىر چىن جىڭۋۇ)
مەنبە: خەلق تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozyarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-13 23:53
|
|