- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-1
- تىزىملاش
- 2010-4-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 262سائەت
- جۇغلانما
- 1685
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 484
- تېما
- 108
- توردا
- 262سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 5
- يازما
- 484
- تېما
- 108
|
تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى: يېڭى يولۇچى توشۇش قائىدىسىدىكى بېلەت ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بېلەت ھايانكەشلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۈچۈن تۈزۈلگەن
كۆپىنچە يولۇچى تەسىرگە ئۇچرىمىدى
سۇڭ سۇڭ سىزغان
تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى «تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش قائىدىسى» ۋە «تۆمۈر يول يولۇچى توشۇشنى بېجىرىش تەپسىلىي چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يېڭى بەلگىلىمە دېيىلىدۇ)نى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويدى. تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ترانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېڭى بەلگىلىمىدىكى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا 6-دېكابىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىر: يېقىندا تاراتقۇلار يېڭى بەلگىلىمىدىكى ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزى بېلىتىنى قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى پويىز مېڭىشتىن بۇرۇن بېجىرىش كېرەكلىكى، چاتما دۋىگاتېللىق پويىز بېلىتىنىڭ بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلماقتا. بۇ ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلارغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىكمۇ-قانداق؟
جاۋاب: ئەمەلىيەتتە يېڭى بەلگىلىمىدىكى ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى مەزمۇن ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدىكى «پويىزغا ئالمىشىپ ئولتۇرۇش، كېچىكىپ ئولتۇرۇش رەسمىيىتى ئەڭ كېچىككەندىمۇ پويىز مېڭىپ بولغاندىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە بېجىرىلىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇندىن ماھىيەتلىك ئۆزگەرگىنى توق.
نۆۋەتتە تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ترانسپورت ئىقتىدارى يەنىلا ترانسپورت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، بۇ زىددىيەت بولۇپمۇ ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك. يېڭى بەلگىلىمىدىكى ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىز بېلىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ئاساسلىقى توشۇش ئىقتىدارى ناھايىتى جىددىي ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا بېلەت ھايانكەشلىرىنىڭ ھايانكەشلىك قىلمىشىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، ئۇ باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يولۇچىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.(«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لۇ يانەن خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ياسىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك مېترو پۈتتى

6-ئۆكتەبىر جۇڭگو ياسىغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك مېترو − شياڭگاڭ تۆمۈر يول شىركىتى غەربىي شياڭگاڭ ئارىلى لىنىيەسىگە سېلىنىدىغان تۇنجى مېترو جۇڭگو شىمال پاراۋوز-قاتناش قوراللىرى گۇرۇھ شىركىتى چاڭچۈن يولۇچىلار پويىزى پاي شىركىتىدە پۈتتى، بۇ، جۇڭگو شىمال پاراۋوز-قاتناش قوراللىرى گۇرۇھ شىركىتى چاڭچۈن يولۇچىلار پويىزى پاي شىركىتى بۇ يىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 1000- مېترو بولۇپ، جۇڭگو شىمال پاراۋوز-قاتناش قوراللىرى گۇرۇھ شىركىتى چاڭچۈن يولۇچىلار پويىزى پاي شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەتقىقات ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك مېترو ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۆلىتىمىز مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئىجادىي مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مېترونىڭ مۇستەھكەملىكى، ئىشلىتىش ئۆمرى، شاۋقۇننى تىزگىنلەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملەر قوللىنىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى A تىپتىكى ئالىي دەرىجىلىك داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان مېترو بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ خاۋفېي فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى
|
|