ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › خەۋەرلەر › مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانىسى ئۇيغۇرچە چاس ...
كۆرۈش: 241|ئىنكاس: 8
go

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئاڭلىتىش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
831سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
12 
يازما
223 
تېما
57 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان ، ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى 24 ــ دېكابىر كەچتە ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى . كېچىلىككە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سادىق ئاڭلىغۇچىلىرى شۇنداقلا ئاخبارات ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ھەمدە پىنسىيەگە چىققان پىشقەدەم ئاخباراتچىلار قاتناشتى .

كېچىلىك باشلىنىشتىن بۇرۇن ، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ باشلىقى ، باش نازەرەتچىسى پەرھات يۈسۈپ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1956 ــ يىلى 10 ــ دېكابىر رەسمىي ئاڭلىتىشقا باشلاپ ، تا ھازىرقىدەك كۈنىگە 18 سائەت ئاڭلىتىش بېرىدىغان مۇستەقىل بىر چاستوتا بولۇپ قۇرۇلۇشى ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسىڭلارنىڭ ، شۇنداقلا يۇرتىمىزدىكى سادىق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنىڭ نەتىجىسى . مەن مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن سىلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن ، سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىزنى تېخىمۇ قولاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن . بۇ قېتىمقى كېچىلىك بىزنىڭ سىلەرگە رەخمىتىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن كېچىلىك ، سىلەرگە مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن ›› .


مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ باشلىقى ، باش نازەرەتچىسى پەرھات يۈسۈپ سۆز قىلدى

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلباھار غۇپۇر مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹ رادىيو ئاممىغا بىر قەدەر چوڭقۇر سىڭگەن ، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئاخبارات ۋاستىسى ، باشقا ئاىبارات ۋاستىلىرىغا قارىغاندا ئاممىباپلىقى كۈچلۈك ، گېزىت - ژورناللار تېز ۋە ئۆزۋاقتىدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارالىشى بىرئاز قېيىن ، تېلىۋىزورنى بولسا ھەممە كىشىنىڭ سىتىۋالالىشى ناتايىن ، يېڭى ئاخبارات ۋاستىسى بولغان تور ئاخباراتچىلىقى گەرچە چەكسىز ئىستىقبالى بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ بولالمىدى ، ياشانغانلار بىلەن شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدىكى ئامما تېخى بۇنداق شارائىتى يوق ، بىراق بىز بىر كىچىك رادىيو سېتىۋالساقلا رادىيو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىيالايمىز . بۇ رادىيو ئاخباراتچىلىقىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئاڭلىتىشى باشلىشتىن بۇرۇن ، دۆلىتىمىز دائىرىسىدە ئاڭلىتىش دائىرىسى كەڭ بولغان مۇستەقىل ئۇيغۇرچە رادىيو چاستوتىسىدىن پەقەت شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىلا بار ئىدى ، بۇ ئەلۋەتتە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ ، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئاڭلىتىشنى باشىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئاڭلىغۇچىلار ۋە ئۇيغۇرچە چۈشۈنەلەيدىغان قازاق ، قىرغىز ئۆزبېك ئاڭلىغۇچىلارنىڭ رادىيوغا بولغان تەشنالىقىنى يەنە بىرقەدەر قاندۇرغۇسى . شۇنداقلا ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلغۇسى . ››

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلباھار غۇپۇر مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

خوشاللىقىدىن كۆزىگە ھاياجان ياشلىرى تولغان گۈلباھار غۇپۇر كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ يەنە مۇنداق دېدى : ‹‹ مەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا 28 يىل بولدى ، بۇ 28 يىل داۋامىدا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئاڭلىتىش بېرەلەيدىغان ، نوپۇزلۇق ،بىرمۇستەقىل ئۇيغۇرچە رادىيو چاستوتىسىنىڭ بۇلىشنىڭ كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن 2000 ــ يىلى باشلاپ رەھبەرلەرگە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەردىم ، پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىمۇ بىرگە ئوقۇشقا كەلگەن رەھبەرلەر ۋە كەسىپداشلارغا بۇ توغرىسىدا تەكلىپ بەردىم . مانا بۈگۈن مەركەزنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى . ››

گۈلباھار غۇپۇر مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ پىروگراممىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :‹‹ مەن چەت ئەلدە بېلىم ئاشۇرۇۋاتقىنىمدا چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن پروگراممىلىرىنى ئاڭلىدىم ۋە تەتقىق قىلدىم ، بۇ جەرياندا ماڭا نۇرغۇن پروگراممىلارنىڭ لاھىيىسى كەچتى ، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم ، بولۇپمۇ ‹‹ ئوكيان كۈيلىرى ›› پىروگراممىسىنى ئاڭلىتىش ئەمەلگە ئېشىشىگە كۆزۈم يەتمىگەنىدى ، بۇنىڭدا ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىلدىكى مۇزىكىلار ۋە سۆزلەر بولۇپ بىر يېڭىچە رادىيو پىروگراممىسى ، ھازىر مېنىڭ خىياللىرىم ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى . ››

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئاڭلىتىشىنى باشلىشى بىلەن بىرگە جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىمۇ 1 ــ دېكابىر قۇرۇلۇپ رەسمىي ئېچىۋىتىلدى ، بۇ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ۋە خەلق تورى ئۇيغۇرچە تورىدىن كېيىن قۇرۇلغان يەنە بىر ئۇنىۋېرسال ئاخبارات تورى بولۇپ ، گۈلباھار غۇپۇر جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹ تور ئاخبارتچىلىقى ئىستىقبالى بار بولغان ، تەرەققىيات بوشلىقى چوڭ بولغان يېڭىچە ئاخبارات ۋاستىسى ، گەرچە ھازىر تور خەۋەرلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈرمەنلىرى ياشلار بولسىمۇ ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغان ئەگىشىپ ئۇنىڭ دائىرىسى كېڭىيىدۇ ، ئۇ كېيىن ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن ، بۇ بىزنىڭ جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئېچىشتىكى مەقسىدىمىز . ››

كېچىلىك شىنجاڭ مۇقام ئانسانبىلى ئورۇنلىغان ‹‹ سادا ›› ناملىق كوللىكتىپ ئۇسۇل بىلەن باشلاندى . كىچىلىككە مەركىزى مىللەتلەر ناخشا ئۇسسۇل ئومىكىنەڭ داڭلىق ناخشىچىسى روزى ھامۇتمۇ قاتناشقان بولۇپ ، خەلق ناخشىسى ‹‹ ئانارخان ›› نى ئورۇنلاپ ، ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئاڭلىتىش باشلىغانلىقىنى تەبرىكلىدى . روزى ھامۇت مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : ‹‹ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشقا باشلىغاندىن بۇيان ، ئىزچىل ھالدا پارتىيە ۋە خەلق ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلدى ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزۋاقتىدا خەلققە يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى ، بۇ رادىيو ئاخباراتچىلىقىنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم رولى .››

داڭلىق رىياسەتچىلەردىن ئابدۇقېيۇم مۇھەممەت ، جەمىلە مامۇت ، ئابدۇكېرىم ئابلىمىت ، ماھىرە ئابدۇغېنى قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلدى

ئېسىل سەنئەت نۇمۇرلىرى

كېچىلىككە يەنە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماھىنۇر باراتمۇ كەلگەن بولۇپ ، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : ‹‹ رادىيو مېنىڭ سىردىشىم ھەم مېنىڭ سادىق دوستۇم ، مەن ئادەتتە ئۆيدە بولساملا رادىيو ئاڭلايمەن ، بولۇپمۇ ئوغلۇم چەتئەلگە ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن ، رادىيو مېنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىم بولۇپ قالدى . مەن ئۆي ئىشلىرى قىلىۋاتقانلىرىمدا رادىيو قويۇپ قويۇپ قويىمەن ، بىر چەتتىن ئىش قىلسام ، بىر چەتتىن رادىيو ئاڭلايمەن ، ياشلار پروگگىراممىسى مېنىڭ ياشلىقىمنى ئەسلىتىدۇ ، مېنىڭ يالغۇزلۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ ، شۇڭا مەن ھازىر تۇرمۇشۇمدا رادىيودىن ئايرىلمايمەن ، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە پروگگىراممىسى مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رادىيو پروگگىراممىلىرىم ، ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ 18 سائەتكە ئۇزارتىلىپ پروگگىراممىلىرىنىڭ موللىشىشى مېنى ھاياجانلاندۇردى . ››

شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ماھىنۇر بارات مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

كېچىلىككە يەنە پىشقەدەم دېكتور ، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور ئابدۇراخمان ئەسئەت ئاكىمۇ قاتناشقان بولۇپ ، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى : ‹‹ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ئاڭلىتىشىنى باشلىغانلانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ، ئىلگىرى مەن 1964 ــ يىلىدىن 1984 ــ يىلىغىچە دېكتورلۇق قىلغان ، رادىيو خىزمىتى جاپالىق خىزمەت ، ئۇ ئۇنىۋېرسال ساپانى تەلەپ قىلىدۇ ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل ئەسلىھە ، تېخنىكا ۋە باشقا مۇناسىۋاتلىك نەرسىلەر كېتىدۇ . ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ 18 سائەتكە ئۇزارتىلغاندىن كېيىن پروگگىراممىلارنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يىتەرمۇ ، ئۇلار يىتىشەلەرمۇ دەپ ئەنسىرىگەنىدىم ، بىراق ، بۇ پروگگىراممىلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەنسىرىشمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . ››


پىشقەدەم دېكتور ، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور ئابدۇراخمان ئەسئەت مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

كېچىلىك ئىككى سائەتچە داۋام قىلغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى . كېچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ باشىلقى پەرھات يۈسۈپ ، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلباھار غۇپۇرلار كېچىلىككە كەلگەن رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو ــ كىنو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسنىڭ باشلىقى مۇختەر مەخسۇت بىلەن مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ باشلىقى ، باش نازەرەتچىسى پەرھات يۈسۈپ سەنئەت نۇمۇرلىرنى كۆرمەكتە

تاماشىبىنلار

پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

پائالىيەتتىن كۆرنۈشلەر

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-26 14:35

توردا
791سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
10 
يازما
938 
تېما
101 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنىڭ 15يىللىقىنى تەبىرىكلەيمەن ....!
قارىسام سەنئەت كىچىلىكى خېلى ياخشى ئۇتكۇزۇلگەندەك قىلىدۇ بىزگە كۇرۇش پۇرسىتى بۇلامۇ ......؟

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
3 
يازما
41 
تېما
2 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە. مەنمۇ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنىڭ 15يىللىقىنى تەبىرىكلەيمەن ....!

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
2 
يازما
30 
تېما
0 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ تەبرىكلەيمەن،تۇردا ئاڭلايدىغان ئادرىسىنى بىلسەڭلار يوللاپ قۇيۇڭلار باللار

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
196 
تېما
52 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش ismayiljan998 نىڭ يازمىسى

www.uycnr.com

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
6 
يازما
118 
تېما
18 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى خەۋەركەن .

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
42 
تېما
3 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى خەۋەر كەن جۇمۇ بۇ جاپا تارتىپسىز ؟

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
42 
تېما
3 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى خەۋەر كەن جۇمۇ بۇ جاپا تارتىپسىز ؟

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
6 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ سەنەت فىلىمنى قانداق كورگىلى بولىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-1 14:26

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.