- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-1
- تىزىملاش
- 2010-4-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 262سائەت
- جۇغلانما
- 1685
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 484
- تېما
- 108
- توردا
- 262سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 5
- يازما
- 484
- تېما
- 108
|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەبىئىي گاز بىلەن جىددىي تەمىنلەش كاپالەت لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتە كۆرۈلگەن يوچۇقنى تېزدىن، تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نورمال گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايون بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ لايىھە بويىچە، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، سانائەت كارخانىلىرى ھازىرقى ئاساستا خىزمەت زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى قىسمەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشتىن توختىتىدۇ؛ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنى تەڭشەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا توشۇلىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تەبىئىي گاز كەمچىل بولغان شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىغا تەڭشەپ توشۇلىدۇ؛ نېفىت ئورۇنلىرى تەبىئىي گاز ئىشلىتىلىدىغان پار قازانلىرىغا تەبىئىي گازنىڭ ئورنىغا ماي قالاش ئارقىلىق، سىرتنى تەبىئىي گازبىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ.
بۇ لايىھە 2– دەرىجىلىك ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە 1 – دەرىجىلىك ئالدىن سىگنال بېرىش، دەپ ئايرىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجى ھەر كۈنى 3 مىليون 460 مىڭ كۇب مېتىردىن كۆپ ۋە 3 مىليون 690 كۇب مېتىردىن ئاز بولغاندا، 2 – دەرىجىلىك ئالدىنسىگنال بېرىش تەكلىپى تەتبىقلىنىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ. 2 – دەرىجىلىك ئالدىن سىگنال بېرىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 – لىنىيەسىگە يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى ھەر كۈنى 4 مىليون كۆپ مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گاز 1مىليون 470 مىڭ كۇب مېتىر كۆپەيتىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلىتىش مىقدارى 3 مىليون 690 مىڭ كۇب مېتىردىن كۆپ، 3 مىليون970 مىڭ كۇب مېتىردىن ئاز بولغاندا، 1 – دەرىجىلىك ئالدىن سىگنال بېرىش تەكلىپى تەتبىقلىنىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ. 1 – دەرىجىلىك ئالدىن سىگنال بېرىش تەكلىپى تەتبىقلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك گاز ئىشلىتىش مىقدارى 1 مىليون 750 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، سانائەت كارخانىلىرى خىزمەت زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تەبىئىيگاز ئىشلىتىش ئومۇمىي ئېھتىياج مىقدارى ھەر كۈنى 3 مىليون 970مىڭ كۇب مېتىردىن ئېشىپ، 4 مىليون 370 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەندە، يۇقىرىدىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئاساسىدا، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى تەبىئىي گازنىڭ ئورنىغا نېفىت ئىشلىتىپ، ھەر كۈنى 400 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىيگاز يۆتكەش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يېقىلغۇ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىمۇ «گۇاڭخۇي» سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز شىركىتىدىن ھەر كۈنى 100 مىڭ كۇب مېتىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز يۆتكەپ تولۇقلايدۇ. ( ياڭ جيې خەۋىرى)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى بېيجىڭدا نېفىت ، تەبىئىي گازنى چارلاش ، ئېچىش ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى 12 –دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا، نېفىت، تەبىئىي گازنى چارلاش،ئېچىش، كۆمۈر خىمىيەسانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى،پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۇ شۇلىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ئۇزاقتىنبۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدا نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش، نېفىت چەككىلەش خىمىيەسانائىتى، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋەكۆمۈر خىمىيە سانائىتى بىرگەۋدىلەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا ئالايىتەن شىنجاڭغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپتەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن رامكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئەمەلىي خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى. بۇنىڭدىن بەك مىننەتدارمەن.
سۇ شۇلىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش مەركەزنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ ۋەزىپىسى. شىركىتىمىز بۇ يىل شىنجاڭدا نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتىنى8 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش ئاساسىدا، چارلاش، ئېچىشنى تېزلىتىپ، ئىمكانقەدەر تېزرەك زور بايقاش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ، ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇنشىنجاڭدا 10 مىليون توننىلىق نېفىت، تەبىئىي گاز بازىسى قۇرۇپ، نېفىت، تەبىئىي گازپىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن سۇ شۇلىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. (چېڭ لىشىن خەۋىرى)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ئېلىنغان مەنبە؛خەلق تورى
|
|