ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر بۈگۈنكى بىر يۈرۈش خەلقئارا خەۋەرلەر...
كۆرۈش: 90|ئىنكاس: 1
go

بۈگۈنكى بىر يۈرۈش خەلقئارا خەۋەرلەر...

توردا
262سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
484 
تېما
108 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-13 23:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئافغانىستاندىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىدا بىر ھەپتىدە 67 ئادەم قازا قىلدى

  «خەلق گېزىتى»نىڭ 12-دېكابىر ئىسلامئابادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى. كابۇل خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ 12-دېكابىر ئېيتىشىچە، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، ئافغانىستاندىكى 67 ئادەم تالىبان قوراللىقلىرىغا چېتىشلىق زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا قازا قىلغان، قازا قىلغۇچىلارنىڭ 37 نەپىرى تالىبان قوراللىقلىرى، 18 نەپىرى ساقچى ۋە 12 نەپىرى پۇقرا ئىكەن.

  ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زەمىرى بەشەرى(Zemeri Bashary) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار ئۆتكەن بىر ھەپتىدە يول بويىغا كۆمۈلگەن بومبا ھۇجۇمى ۋە ئادەمبومبا ھۇجۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 78 قېتىملىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى سادىر قىلدى، بۇلار، تالاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەر. (مۇخبىر موۋ زۇڭسۇڭ)

  مەنبە: خەلق تورى


«ۋىكىسىر ئاشكارىلاش»تور پونكىتى سادامنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن خورلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ۋىكى سىرئاشكارىلاش» تور پونكىتى ئاشكارىلىغان ئەڭ يېڭى ھۆججەت خاتىرىسىدە ئىراقنىڭ سابىقزۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىننىڭ دارغا ئېسىلىش تەپسىلاتى ئېنىق خاتىرىلەنگەن ئىكەن.

  سادام 2006 – يىلى 12 – ئايدا دارغا ئېسىلغان. ۋاقتى 2007 – يىلى 1 – ئاي، دەپ يېزىلغان «ۋىكى سىر ئاشكارىلاش» تور پونكىتىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سادام دار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغىچە خېلى كۆپ خورلانغان. سادامنى دار ئالدىغا يالاپ ماڭغان بىر ئەسكەر ئۇنى ‹‹ئۆلگۈر!›› دەپ تىللىغان. نەق مەيداندىكى ئىراقلىق ئەمەلدارلار يان تېلېفونىدا سادامنىڭ دارغا ئېسىلىش جەريانىنى سىنغا ئالغان، جازا مەيدانىغا يان تېلېفون ئېلىپ كىرىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، نەق مەيداندىكى بەزى كىشىلەر دارغا ئېسىلىش جەريانىنى سىنغا ئېلىپ، كۆرۈنۈشلەرنى ئالاقە تورىغا يوللىغان. دارغا ئېسىلىشتىن بۇرۇن سادامئاخىرقى قېتىم دۇئا قىلغاندا، نەق مەيداندىكىلەر:‹‹مۇقتەدى! مۇقتەدى!›› دەپ ۋارقىراشقان. مۇقتەدى ئىراقتىكى شىئەلەرنىڭ دىنىي رەھبىرى بولۇپ، سادام تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان. ئەينى چاغدا، سادامنىڭ ئۇلارغا قاراپ غەزىپى كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى يەنىلا تۇتۇۋالغان. جازا مەيدانىدىكى دار پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، سادام ئىككى قولى باغلانغان، بوينىغا سىرتماق سېلىنغان ھالەتتە ئېسىلغان ھەم ئايىقى ئاستىدىكى قاپقاق ئېچىلغاندىن كىيىن دارغا ئېسىلىپ ئۆلگەن.

  بۇ مەخپىي ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ جازا ئىجرا قىلىشنى كۆرگۈچىلەرنىڭ تەرتىپى بىلەن جازا ئىجرا قىلىشنى باشقۇرۇشى ياخشى بولمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، جازا ئىجرا قىلىش جەريانى ناھايىتى قالايمىقان بولغان. جازا ئىجرا قىلىش جەريانىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، ئەينى چاغدا جازا ئىجرا قىلىشنى كۆرۈشكە 30 كىشى قاتناشقان.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى


ئالمۇتا ئايروپورتىدا يادرو ماتېرىياللىرى ئەتكەسچىلىكى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8–دېكابىر ئالمۇتادىن بەرگەن تېلېگراممىسى.قازاقىستان خەۋپسىزلىك تارمىقى 8 – دېكابىر: قازاقىستاندىكى 1– چوڭ شەھەر ئالمۇتادىكى خەلقئارا ئايروپورتقا يادرو تەكشۈرۈشئۈسكۈنلىرى ئورنىتىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان يادرو ماتېرىياللىرى ئەتكەسچىلىكى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ، دېدى.

  بۇ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ قىممىتى 500 مىڭ دوللار بولۇپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ ياردەم قىلغان. نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ھازىر ئامېرىكا يادرو باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن«2-مۇداپىئە لىنىيەسى» دېگەن نامدىكىتۈرنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئايروپورت، قۇرۇقلۇق پورتى ۋە دېڭىز پورتلىرىنىڭ يادرو ماتېرىياللىرى ھەم رادىئوئاكتىپلىق ماتېرىياللارنىتەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

ئېلىنغان مەنبە؛خەلق تورى

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
118 
تېما
18 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-14 17:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چاۋشىيەن كورىيە مەسىلىسى قانداق بولۇپ كەتتى؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-1 14:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.