- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-17
- تىزىملاش
- 2010-6-20
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 248سائەت
- جۇغلانما
- 1464
- نادىر تېما
- 5
- يازما
- 403
- تېما
- 39
 
- توردا
- 248سائەت
- نادىر تېما
- 5
- دوست
- 10
- يازما
- 403
- تېما
- 39
|
ۋاي ما ئنكاس يازغۇچىلارنى...
بۇ تىمىنى ياشلارلا ئەمەس ھەممە چوقوم كۆرۈشكە تىگىشلىك دەپ قارايمەن،چۈنكى بۇ ئىشلاردا چوڭلارنىڭمۇ ھەسسىسى ھەم مەجبۇرىتى بار..
فىزولوگىيلىك جەھەتتە بالاغەتكە يەتسىمۇ قىممەت قارشى،دۇنيا قاراش،كىشىلىك ھايات،ئىيمان يەنى ئىتقاد،مەجبۇرىيەت،بۇرچ جەھەتلەردە بالاغەتكە يىتەلمىگەن بىچارە ئاتا -ئانىلاردىن، يەنە بىر تۈركۈم، ئددىيەدە بالاغەتكە يىتەلمىگەن پرزەنىتلەر تۇغۇلىۋاتىمىز .ئىددىيەدە ئاتا ئانىلار بالاغەتكە يىتەلمىسە بالىلار ئاسانلىقچە يىتەلىسۇنمۇ...
كىسىپ ئىيتىمەن مىنىڭ ئاكا ھەدىلىرىم،ھەتتاكى ئەزىز ئاتا-ئانامنىڭمۇ ئۆزى ۋە ئۆز ھاياتى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ ئويلىنىپ باققانلىقىدىن ھەقىقەتەن گۇمان قىلىمەن...
ئىنشائاللا ئىگەم ئاللاھقا مىڭلاپ تەشەككۈر ...مىنىڭ كىتاپقا قىزىقىش ھەم كىتاپ ئوقوشنى نەچچە يىل ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلشتىن ئىبارەت شۇ بىرلا يول ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردى...ھازىرغىچە ئۆز نىشانىم يولىدا داۋاملىق تىرىشىۋاتىمەن ،ھەم مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئىيتپ تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىقلارغا ئۇچۇردۇم ،مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزىمدەك ياشاشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ تونوپ يەتتىم ،
بۇ تىمىدىكىدەك ئىشلارغا مەنمۇ ساناقسىز قىتىملاپ ئۇچىردۇم ،ئەمما بىرلا ئوخشىمايدىغان يىرى مەن بۇنداق ئەھۋالدا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن چىققان ئاۋازغا ئەگىشىپ، ئىگەم ئاللاھقا نىدا قىلدىم ،بۇ نەرسىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئىرىشىپ بىقىش تۇيغۇسىغا قەتئى چىدىمىساممۇ ئەمما كۆز ياشلىرىم بىلەن بوپتۇ ئىگەم ئاللا ھەممىنى تەڭشەپ بىرىدۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم،قەلبىم تىنىمسىز ئىنتىلگەن،ھەتتا شۇنداق بەخىت تويغۇلىرىغا ئىرىشش ئۈچۈن،ھەر قانداق بەدەلگە رازى بولوشتىن ئىبارەت تەلۋە تۇيغۇلىرىمنى،ئىتقادىمغا خىلاپ تەلۋە شىرىن ،بەخت تۇيغۇلىرىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يەنىلا ئىگەم ئاللاھقا نىدا قىلىپ بەسى مۈشكۈلچىلىك ئىچىدە قۇربان قىلدىم، ،بۇنڭغا بىر ئىگەم ئاللا ئۆزى گۇۋاھ ..
مەن تەڭرىگە ھەقىقەتەنمۇ ئىشىنىمەن،شۇڭا مەن ھامان بۇنداق بەخىت تويغۇلىرىمنى ئۆز ئىتقادىم يولىدا،ئىگەم بۇ دۇنيادا تەڭشەيدۇ بولمىسا ئۇ دۇنيادا تەڭشەيدۇ دىگەن ئىشەنىچ بىلەن قۇربان قىلىپ كەلدىم
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ، ئۆزى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن ،بىللە بولوش تۇيغۇسىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ھەر قاچان...
بوپتۇ ،مەنمۇ بۇ ئىنكاسمنى ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئاچچىق كەچۈرمىشىم بىلەن يىزىشنى ئويلاپ قالدىم ...
2004-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شەنبە كەچ سائەت 11:33 بولغان ۋاقىت ئىدى،كەيپىياتىم شۈنچىلىك كۆتىرەڭگۈ، چۈنكى مەن بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ ئۆمۈرلۈك ياشاش نىشانىم،ھەم ھاياتلىق خەرىتەمنى سىزىپ چىققان كۈن ئىدى...مەن چوقوم تىرىشىمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە يىنىشلاپ ۋەدە بەردىم،ئەڭ ئاخرقى تىنىقىم ئالدىدا ئىللىق كۈلۈمسىرەلىشىمنى تولىمۇ ئۈمىد قىلدىم ھەم بۇنى ئۆز نىشانىم قىلدىم ،ھەم ئىگەم ئاللاھدىن مەدەت ۋە رەھمەت تىلەپ ئادەتتىكىدەك قائىدەمنى قولومغا ئىلىپ << ياسىن ۋە تەبارەكنى >> ئوقوپ بولوپ ئارام ئالدىم .قىش بولغاچقا ھاۋا سوغوق ئىدى،قارىسام كۆمۈرۈممۇ تۈگەپتۇ،راس گەپنى دىسەم پۇتۇم ئازراق شامالدىغان بولغاچقا پايپىغىمنىمۇ سالمايلا ياتتىم كۈندۈزدە ئۆي تىمىنىڭ مەن ئىتىپمۇ ئىتىپ بولالمىغان تۆشۈكلىرىدىن،قوياش نورىنى كۆرگىلىمۇ بوللاتتى...
ئەمەلىيەتتە بۇ مىنىڭ تولوق ئوتتورا 3-يىللىقتا ئوقوۋاتقان ۋاختىم ئىدى،مەن تولوقسىزنى پۈتتۈرگەن ۋاختىمدا، چوڭلار مىنىڭ تولوق ئوتتورىدا ئوقوشىمغا بەكمۇ تەسلىكتە قوشولغان،مەن يىزىمىزدىن 78 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ناھىيگە تولوق ئوتتورا ئوقوماقچى بولوپ ماڭدىم .ناھىمىزدە بىرلا تولوق ئوتتورا مەكتەپ بولوپ،قىزلار ياتىغى مەكتەپ ئىچىدە،ئوغوللار ياتىغى بولسا تەخمىنەن 3 كىلومىتر يىراقلىقتا ئىدى ،ئەمەلىيەتتە ياتاق بىناسى ئىلگىرى مەكتەپ بولوپ ،كونارغانلىقتىن خەتەرلىك بىنا دەپ قارىلىپ، مەكتەپنى باشقا ئورونغا سالغان ،ئەمما ئۇ چىقىلماي قالغان كونا مەكتەپ ھەم شۇ كونا چوڭ سىنىپلار بىزنىڭ ناھىيمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلىم ماكانى بولغان بىردىنبىر تولوق ئوتتورا مەكتەپنىڭ ئوغوللار ياتاق بىناسى ئىدى ، ھەم مانا ھازىرمۇ شۇنداق ئىكەن، مەن بۇنداق بولغىنىدىن ئاچچىق ئازاپتا تولغىنىمەن،ئوقوتقوچىلار ئۇ قۇرۇلۇشنى 1975-يىلى سىلىنغان دىگەن ئىدى.
مەنمۇ شۇ ياتاقتا ياتاتتىم.بىنانىڭ ئالدىدا بىرلا توربا بار ئىدى،ئۇ بىزنىڭ ئوغول ئوقوغوچىلارنىڭ بىردىنبىر سۇ مەنبەيىمىز ئىدى.مەن ھەر ۋاقلىق تامىقىمغا، ياتاق بىنا ئالدىدكى مەنداندىكى شۇ توربا سۈيىدە نىنىمنى يۆل قىلىپ يەيتتىم، كۈن -كۈنلەپ قازان تاماق دىدارىنى كۆرمەيتتىم ،ماڭا ھەپتىسىگە 10يۈەن بىلەن ھەر يەكشەنبە يىزىمىزدىن ناھىيگە كىلىدىغان ماشىنىدا نان ئىۋەتىپ بىرەتتى،مەن بۈگۈن ئوقويالىغىنىم بىلەن ئەتە ئوقوشىمنى داۋاملاشتۇرالىشىمغا ئىشەنمەييتتىم ،تولوق ئوتتورا ئوقوش ھاياتىمنى تامالىيالىشىم مەن ئۈچۈن تولىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. شۇنداق بولغاچقا مەن چۈشتە ۋە كەچتە قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىدىن ئۇدۇل ياتاققا قايتىپ نىنىمنى ئالاتتىم دە بىنا ئالدىدىكى تۇربىدا يۆل قىلىپ سوغوق سۇ بىلەن يەۋىلىپ ئۇدۇل كىتاپخانىغا باراتتىم،راستىمنى دىسەم كىتاپ ئوقوشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلغان ئىدىم،ئادەتتە 3كۈندە بىردىن رومان،ياكى 2كۈنگە بىردىن باشقا ماقالە ياكى ھىكايە كىتاپ ئوقوشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىۋالغان ئىدىم،ماتىماتىكا ۋە خىمىيە دەرىسىدىن باشقا دەرىسلەرنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمىدىم،ھەم ئۈگەنمىدىم.خۇلاسە ئىمتاھانىدىن ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتتۈم،ئاساسلىق ۋاختىمنى كىتاپ ئوقوشقا ئاجراتتىم كىچە،دەم ئىلىش كۈنلىرى،ھەتتاكى كۆپىنچە دەرس ۋاقىتلىرىممۇ كىتاپ ئوقوش بىلەن ئۆتۈپ تولوق ئوتتورا 3-يىللىققا قەدەم ئالدىم.
بۇ ۋاقىتتا بىزگە تەكرار باشلاپ بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا كىتاپتىن باش كۆتۈرمىدىم،كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ يۇقاردا دەپ ئۆتكەن ئۇنتۇلغۇسىز كۈنۈم يەنى 2004-يىلى 12-ئاينىڭ -ئاينىڭ 25-كۈنىگە ئۇلاشتىم،بۇ ۋاقىت مىنىڭ << قىسەسۇل ئەنبىيا >> دىگەن كىتاپنى ئوقوشنى باشلىغان ۋاخىتىم ئىدى،
مەن شۇ ۋاقىتقىچە بولغان تولوق ئوتتورا ھاياتىمنى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ قىلماي،ئاساسلىقى كىتاپ ئوقوشقا سەرىپ قىلىۋەتكەن ئىدىم،شۇڭا ساۋاقداشلىرىم ۋە ئوقوتقوچىلىرىم ھەممىسى مىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىشىمدىن تامامەن دىگۈدەك ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئىدى.لىكىن مەن ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىم ھەم ئۈگىنىشنى باشلىماقچى بولدۇم، شۇڭا مەن مەكتەپنىڭ ئەبگا ياتىقىدىن تەسلىكتە قۇتۇلۇپ ،مەكتەپنىڭ كەينىدىن بىرەيلەننىڭ بىر ئىغىز ئۆيىنى ئىجارە ئىلىپ ئۈگنىشنى باشلىدىم،
باشقا ساۋاقداشلىرىم ھەپتىسىگە بىر كىتاپنى ئۆلچەم قىلىپ ئۈگىنىۋاتاتتى،ئەمما مەن كۈنىگە مەلۇم بىر كىتاپنى باشتىن ئاخىر ھەتتاكى بەت سانىلىرىغىچە ئوقوپ چىقىشنى ئۆلچەم قىلدىم، مەن ئادەتتە ھەر تومپاي رومانلارنى بىر كۈندە ئوقوپ بولالايمەن، ئەمما دەرىسلىك كىتابىمنى نىمىشقا ئوقوپ چىقىپ بولالمايمەن دىگەن نىيەت بىلەن كىتابنى ۋەزىپە ئورنىدا ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم،ئۆزۈمگە ھەرگىزمۇ تولوق ئۈگۈنۈپ بولىمەن دىمەستىن،ئايلىق،ھەپتىلىك،كۈندىلىك پىلان تۈزۈپ، شۇ مەزمۇنلار كاللامغا چۈشسۇن چۈشمىسۇن، پەقەت ئۆتكىزىشنىلا ۋەزىپە قىلدىم،ئەمما ھەر قىتىم ئۆتكۈزگۈنىمدە، كاللامدا خىلى بىر نەرسىلەرنىڭ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم،ھەم مەن بۇ جەريانىدا ھەپتىدە بىرەر پارچىدىن بولسىمۇ كىتاپ ئوقوشنى تاشلىمىغان ئىدىم.
3-ئاي ۋاقىتقا كەلگەندە مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى دىگەن كىتابنىڭ، كۈندىلىك قىسمىنى 3 قىتىم ئوقوغاندىن باشقا بارلىق كىتاپ ئوقوشنى توختاتتىم، ھەم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىشقا باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم،ھەم مەن سىنىپ مۇدىرىمغا << مۇئەللىم مەن ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چوقوم ئۆتىمەن،ئەگەر مەن ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسەم، ماڭا چاقىرىق كەلمىسە مىنىڭ دىپلۇم،ئارخپلىرىمنى بەرمەڭ، ئەمما مىنىڭ بىر شەرتىم مىنىڭ ئۆز ئالدىمغا تەييارلىق قىلىشىمغا يول قويسىڭىز،ئالاھىدە بىر ئىشلار بولمىسا مەن دەرىسكە كىرمىسەم،سىرتتا ئۆزۈم ئۈگەنسەم دىدىم >>مۇئەللىم قوشولدى،شۇنىڭ بىلەن مەن دەرىسخانىغا كىرمىسەممۇ بولىدىغان بولدى.
بۇ ئەتىياز ۋاختىلىرى بولغاچقا، كۈندۈزلىرى ھاۋا ئىىسسق،ئۇيقۇم كىلىپ كىتىپ بەزى كۈنلىرى پىلانىم ئازراقمۇ ئوروندالمىدى،شۇنىڭ بىلەن مەن كىچە مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ماي قاچىلاش ئورنىدىكى يوروقتا ئۈگەندىم كۈندۈزى ئۇخلۇدۇم،ئاخرقى ۋاقىتلاردا ساۋاقداشلىرىم،ئۇستازلىرىم ھەممىسى ماڭا ھەيرا بولوشقا باشلىدى،چۈنكى مەن مانىۋىر ئىمتاھانلاردا ،سىنىپىمغا نىسپەتەن خىلى يۇقىرى نومور ئىلىۋاتاتتىم ...
2005-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سەيشەنبە كۈنى ئاخىرقى كۈن يىتىپ،ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەردىم...
ئىمتاھاندىن ئۆتتۈم...
گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۆزۈم ئارزۇلىغان ھەم تاللىغان مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى، شۇنداق خۇشال بولدۇم...
مىڭ ئەپسۇس چوڭلار مىنىڭ ئوقۇشىمغا يەنە قۇشۇلمىدى،ھەم تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كىتىپ 9-ئاينىڭ 16-كۈنىمۇ بۇلۇپ قالدى،قولۇمدا مەن ئۆزۈم ئىشلەپ يىغقان ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىم بەرگەن بولوپ 2230يۈەن بوپتۇ،شۇنىڭ بىلەن 2005-يىلى-9-ئاينىڭ 17-كۈنى دۈشەنبە ئاتا- ئانام ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ تەربىيسىگە قارىماستىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. شۇ كۈنى ئانام يىغلاپ تۇرۇپ سومكامنى تارتقان، ئەمما مەن ئاپامغا قارىماستىن ،كۆز ياشلىرىم بىلەن تىز قەدەم ئىلىپ ،ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدىم.
مىنىڭ بىرلا مەخسىتىم بار ئىدى. 4يىل ۋاقىت چىقىرىپ خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىدىن ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان سەۋىيەگە يىتىش ،ھەم مەن تىخى ئوقومىغان ئەمما چوقوم ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتاپلارنى چوقوم ئوقۇشتىن ئىبارەت.مەيلى مەن ئاشپەزنىڭ يۇندىسىنى تۆكەي ياكى ناۋاينىڭ كۈلىنى تاتاي ۋەياكى 4يىل بىرەرسىگە سىېتىلاي،ئىشقىلىپ قانداقلا قىلماي يۇقارقى شۇ نىشانغا يەتسەملا بولدى،دىگەن نىشان بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
مەن ئۆزىمىزنىڭ ۋىلايىتىگىمۇ شۇ يىشىمغىچە ئاران بىر نەچچە قىتىم بىرىپ باققان ئىدىم ،ئەمما مەن بىراقلا ئۈرۈمچىگەيول ئالدىم ھەم2005-يلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يەكشەنبە كەچ سائەت 9:36 ئۈرۈمچى ئۈچ تاش بىكەتكە چۈشتۈم،ئىلگىرى يۇرتىمىزدا ئۈرۈمچى بەك چوڭكەن،پۇلنى ئوغورلىۋالىدىكەن،ئادەمنى سىتىۋىتىدىكەن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان بولغاچقا سەل جىددىيلەشتىم ھەم نەرسە -كىرەكلىرىمنى ئىلىپ ئەتراپىمدىكىلەرگە ئەگىشىپ بىكەتتىن چىقتىم،ئىگىز بىنالارغا بولغان ھەيرانلىقىمنى،كوچا چىراقلىرىدا ئالا چەكمەن بۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرىمنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىككە تىرىشتىم،نەچچىنچى يول ئاپتۇبۇسى ئىكەنلىكى ئىسىمدە يوق،ئەتراپىمدىكىلەرگە ئەگىشىپ بىر كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقتىم،قارىسام باشقىلار ساندۇققا پۇل تاشلىدى،مەن بۇنى ئىيانە ساندۇقى ئوخشايدۇ دەپ قاراپ مەن مۇساپىر بولغاچقا پۇل تاشلىماي دەپ ئويلاپ مىڭىۋەردىم،ماشىنا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى،يول بويلىرىدا كىيىم -كىچەك سودىسى بولىۋىتىپتۇ ،ئەمما مەن بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرەۋاتاتتىم ،بىر دەمدىن كىيىن ماشىنىدىكى كۆپىنچە ئادەملەر چۈشۈپ كەتتى، مەن بىلەتچى ئىزدىدىم،ئەمما ماشىنىدا ھىچ بىر بىلەتچىنى ئۇچراتمىدىم،باشقىلار ھەم ئادەتتىكىچە چۈشۈپ كىتىۋىتىپتۇ،مەنمۇ چۈشۈپ قالدىم،ھىچ كىشى پەرۋا قىلمىدى،مەن بۇ چوڭ شەھەردە مۇشۇنداق ھەقسىز ئاممىۋى ماشىنىلار بار ئوخشايدۇ،بىز چىقىدىغاندا چىقىپ ،مەنزىلگە بارغاندا چۈشىۋالساق بولىدىغان ئوخشايدۇ ،چوڭ شەھەر نىمانداق ياخشى سەپ ئويلىدىم،بىر ئاۋات رەستە بازارغا چۈشۈپتىمەن،چاقىسى بار ساندۇق ئۈستىدە بىرەيلەن تونۇر كاۋاپ سىتىۋىتىپتۇ،ئۇ ھەم ساندۇق يىنىغا شاگىرت قۇبۇل قىلىمەن،ياتاق، تاماق ھەم تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرىمەن دەپ يىزىپ قويۇپتۇ،مەن ئەگەر يامان كۈنگە قالغۇدەك بولسام ئىزدەرمەن دەپ تىلىفۇن نومۇرىنى يادلىۋالدىم ھەم ئۇ كىشىدىن بۇ ئەتراپتا ياتاق بار يوقلىقىنى سورىدىم،ئۇ بىر ياتاقخانىنى كۆرسىتىپ قويدى،مەن ياتاقخانىغا كىرىپ 6 كىشىلىك بىر ياتاقنىڭ بىر كارۋىتىنى 15 يۈەنگە ئورۇنلاشتىم،مۇلازىم سۇخانا ۋە ئاممىۋى مۇنچىنى كۆرسىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى،مەن ئاۋۋال يۇيۇنىپ تارنىپ ئاللاھتىن ئاسانچىلىق تىلەپ بۇلۇپ ئۇخلاپ قالدىم
2001-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى جۈمە كۈنى،گەرچە تەتىلگە قويىۋىتىلگەن بولسىمۇ،بىزنى جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىۋالىدىغان بولغاچقا مەن مەكتەپكە باردىم. مەن سىنىپنىڭ تۇرمۇش ھەيئىتى ئىدىم، ئادەتتە ئۈگىنىش ھەيئىتى قىز بالا بىلەن پەقەت قاملىشالمايتتىم چۈنكى ئۇ قەستەن مەن بىلەن سوقۇشقىلى بەكلا ئامراق ئىدى،سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ ئۇخمايتتىم،شۇ كۈنى مەن قەستە ئۇنىڭ بىلەن سوقوشماقچى بولوپ،ئۇنىڭ چىشىغا تەگدىم ئەمما ئۇ مەن بىلەن سوقوشماستىن ئىللىق كۈلۈمسىرەپلا تۇردى،سائەت 4:35ئۆتكەندە مەن ئۇنىڭدىن، مەن بىلەن نىمىشقا سوقوشمايسىز دەپ سورىغاندا ئۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ،ئەمدى سوقوشمايمەن دەپ جاۋاپ بەردى،شۇ بىر ئىللىق كۈلكىدىن كىيىن مىنىڭ روھى ھالىتىمدە تامامەن ئۆزگىرىش يۈز بەردى،مەن ئۇنى داۋاملىق خيال قىلىدىغان،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كىلىدىغان بۇلۇپ قالدى،مەن ئىلگىرى ئۆيدىكىلەردىن كۈندە دىگۈدەك تىل -ئاھانەت ئشتەتتىم،چۈنكى ئۈزۈم ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگەتتىم،ئەمما ئۇ خيالىمغا كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ، يول يۈرگەندە قەددىمنى تىك تۇتۇپ ،ئازراق كۈلۈمسىرەپ، تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ماڭىدىغان بولدۇم،ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزلىگىمدىن ئاكتىپلىق بىلەن قىلىدىغان،ياخشى قىلالماي قالسام خۇددى ئۇ كۆرۈپ قالغاندەك خىجىل بولىدىغان،ئۇنى خۇددى دائىم ئەتراپىمدىدەكلا ھىس قىلاتتىم،ئۈگنىشتىمۇ تىرىشچان بولوپ كەتتىم،دائىم ئۇنى خۇشال قىلىشنى ئويلايمەن.
ئۇ مىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىشىمنى ياخشى كۆرىدۇ؟ نىمە ئىشلارنى قىلىشىمنى ياخشى كۆرمەيدۇ؟ئۇ مىنىڭ قانداق ئادەم بولىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ؟...
مانا مۇشۇ خىلدىكى سۇئاللارنى دائىم ئۆز-ئۈزۈمدىن سورايمەن ھەم تىرىشىمەن ،ئەتراپىمدىكى ھەممەيلەن ئۆزگىرىپ مىنى ياخشى كۆرىدىغان بولوپ قالغاندەكلا ئىدى.
مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بىلدىم...
بۇ ۋاقىت مىنىڭ تولوقسىز 2-يىللىق 2- مەۋسۇم ئىدى،مەن ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈش،ئۇنىڭغا گەپ قىلىش ئەمەس،ئۇنىڭ سايىسىنى يىراقتىن كۆرۈپ بولغىچە، يۈرۈگۈم ھەم قاتتىق ھەم تىز سۇقۇپ،قەدەملىرىممۇ قولاشماي، يەر ماڭا مەن يەرگە پۇتلىشىپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدىم ...
ۋاقىت شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، مىڭ بىر جاپادا ناھىيلىك تولۇق ئوتتورغا كەلدىم ،ئۇ بولسا ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىدا ئوقىدى.
مەن يەنە ئۆزۈمگە ئىلگىركىدەكلا ،مەن ئۇنىڭغا قانداق قىلسام يۈ كىلەلەيمەن ؟مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك ئادەم بولوش ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشىم كىرەك دەپ كىچە كۈندۈز ئۆزۈمگە سۇئال قۇيۇپ ھەم ئىزدىنىپ ماڭدىم،
ئۇنىڭغا ھەر ئايدا خەت يازىمەن،ئۇنىڭغا كۆيىنىمەن ئەمما كۆڭلۈمنى ئىپادىلىيەلمەيمەن، ھەپتىدە ئۆيدىن ئەۋەتىدىغان پۇلغا يىغىپ كىتاپ ئالىمەن ھەم باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ دىگەندەك ئۇنىڭ ياتاق بىناسىغا تىلغۇن قىلىمەن،ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھەم ئىغىز ئىچىشتىن خىجىل بولىدىغىنىمنى ئۇ بىلدى...
ۋاقىت 2004-يلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇنىڭ ماڭا يازغان ئەڭ موھىم ئىككى پارچە ختىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،ئۇ بىرىنچى ختىدە ئۆزىنىڭمۇ مىنى بۇرۇندىن ياخشى كۆرىدىغىنىمنى، بىراق ھازىرغىچە ئىغىز ئاچمىغىنىمنى،ئىككىنچى خىتىدە بولسا مىنىڭ نىمىشقا جاۋاپ خەت يازمىغىنىمنى يازغان ئىدى ،خۇشاللىقىمدىن كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى...
2004-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۈمە ئۇنىڭ ختى ۋە مىنىڭ توغولغان كۈنۈمگە ئاتاپ ئەۋەتكەن << دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى >> دىگەن كىتاپنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،
بۇ ۋاقىتتا مەن تامامەن ئۆزۈمنىڭ ياشاش ئىتقادىم،ياشاش يولۇم ۋە ئۆمۈرلۈك ياشاش نىشانىم،ھاياتلىق خەرىتەم ھەممىنى بايقاپ بولغان ۋاقىت ئىدى.25-چىسلا مەن ھەممىنى كۈندىلىك خاتىرەمگە تەپسىلى يازدىم،ھەم << كۆرەش >> دىگەن سۆزنى ئۆز ھاياتىمغا بايراق قىلىپ تاللىدىم ،ھاياتلىقنى گوياكى كۆرەش دەپ چۈشەندىم،ئابدۇ سۆزى ئاللاھنىڭ مۆھتىرەم بەندىسى دىگەن مەندە دەپ ئاڭلىغان بولغاچقا ئابدۇكۆرەش دىگەن سۆزنى كۆپ قوللاندىم.
ھەم 25-كۈنى بىشىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك دۇنيادىكى << ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى >> دىگەن كىتاپنى ئوقوشنى باشلىدىم...
...
2005-يىىلى4-ئاينىڭ 15-كۈنى جۈمە كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى،
مەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئۈزۈكتىن بىرنى ھەم ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ << ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا >> دىگەن كىتابىنى ئىلىپ ۋىلايەتكە قاراپ يول ئالدىم ھەم كەچ سائەت 8:30لەر ئەتراپىدا يىتىپ بىرىپ ،تاماق يىدۇق،ئاندىن ئاددى سوۋغاتلىرىمنى ئۇنىڭغا بەردىم ...ئۈزۈكنى ئۇنىڭ قولىغا سىلىپ قويدۇم،بۇ تۇنجى قىتىم ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان ۋاقتىم ئىدى...ۋۇجۇدۇم ئوت بۇلۇپ يانماقتا ئىدى...مەن ئۇنىڭ 2003-يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە << قىزلار دەستۇرى>>2004-يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە بىر ئىلام كىتابىنى سوۋغات قىلغان ئىدىم...
ئوقوش جەريانىمدىكى ئاچلىق ئازابى ۋە قىيىنچىلىقلىرىمغا ئۇنىڭ قەلبىمدىكى سىماسى مەلھەم ئىدى ،ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىش ئالدىدا ئۆيدىكىلەردىن بەك قاتتىق ئازار يىدىم،ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرداشلىق بىرىشىم كىرەك دەپ ئويلىدىم ھەم ئىمتاھان ئۈچۈن ۋىلەيەتكە باردىم،ئىمتاھاننىڭ ھارپا كۈنى مەن ئۇنى تۇنجى قىتىم سۆيگەن كۈن ئىدى،مەن ئالەمچە خۇشال بۇلۇپ بىر كىچە ئۇخلىماي ئەتىسى ئىمتاھانغا كىردىم.
ئىككەيلەننىڭ نومۇرى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى،ئەمما ماڭا ئۈرۈمچىدىن چاقىرىق كىلىپ بارالمىدىم،ئۇنىڭغا ئاقسۇدىن چاقىرىق كەلدى...
مەن ئۆزۈم ئارزۇلىغان مەكتەپكە بارالمىغاننى ئاز دەپ،ئاتا-ئانام ھەممىدىن ۋاز كىچىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم،ھەم ئۆزۈم چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان بىر مەكتەپ ۋە ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ خەنزۇتىلىنى ئۇقمىساممۇ خەنزۇ سىنىپىغا ئوقوشقا كىردىم ...
كەچلىكى يەنئەن يولى مەسچىتنىڭ يىنىدىكى سامسىخانىدا كۈتكۈچىلىك قىلدىم،قاچا-قۇچا يۇدۇم،قانداقلا بولمىسۇن كەچلىك تامىقىمنى بولسىمۇ بەردى،كەچ سائەت 8دىن كىيىن ئىستىقبال تىل تەربىيلەش مەركىزىگە يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلى 1-قىسىمغا تىزىملاتتىم ...
بۇ ۋاقىتتلاردىكى دەرتلىرىم كۆپچىلىككە ئايان بولغان بولسا كىرەك، ئەمما ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىدى
ئۇ مەندىن مەجبۇر ئايرىلىپ كەتتى،چۈنكى باشقا بىرى بىلەن يۈرۈپ بولغان ئىدى...
ۋەقە مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى يەكشەنبە، چۈشتىن كىيىن سائەت 3:50مىنوت ئۆتكەن ۋاقىت ئىدى،مەن بىر تونوشۇمنىڭ MP3 دىن دۈڭكۈۋركتىكى بىر كومپىيوتىخانىدىن ئىنگىلىزچە ئاڭلاش ماتىرىيالىنى چۈشۈرۋىلىپلا ،شۇ ئەتراپىتىن تورخانا ئىزدىدىم، ئۇ مىنىڭ سائەت 4 تە تورغا چىقىشىمنى ئەتىگەن تىلىفۇن قىلغىنىمدا دىگەن ئىدى ،مەن تورغا چىققىنىمدا ئۇ مىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتىكەن،ئۇسالاملىشىپ بولغىنىمىزدىن كىيىنلا ،ئۆزىنىڭ باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغىنى،ياخشى كۆرۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى ئەمدى بىلگەنلىگىنى،مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغانلىغىنى ئىيتتى،يۈرۈگۈم قارتلا قىلدى،مەن خەتنى خاتا كۆرۈپ قالغان بولوشىمنى ئۈمۈت قىلىپ،قايتا ئوقودۇم، راسىت ئىدى، ئۇ مىنىڭ سەل ئالدىراڭغۇ ھەم جاھىل ئىكەنلىكىمنى لىكىن مىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىمنى،مىنى ئۆزىدىنمۇ ياخشى قىزلار نىڭ چوقوم ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى،مىنى ئالدىغۇسى يوقلىغىنى،مەندىن چوقۇم ئايرىلىدىغانلىغىنى،مىنىڭ ئەمدى تىلىفۇن قىلماسلىقىمنى ئىيتىپ توردىن چۈشۈپ كەتتى،مەن كوچا ئاپتۇبۇسى بىلەن مەكتەپكە قايتتىم،ئەمما يولدا نىمىلەرنى ئۇچراتقىنىم، ھىچ نەرسە ئىسىمدە يوق.مەكتەپ يىنىدىكى تىلىفۇنخانىدىن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم، ئۇ تىلىفۇننى ئىلىپلا نىمىشقا يەنە تىلىفۇن قىلدىڭىز؟بەك بىغەرەز ئىكەنسىز دەپ ئاچچىقلاپ تىلىفۇننى قويىۋەتتى، يۈرۈگۈم ئىچىشتى،كۆز ياشلىرىم تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى...پۈتۈن بەدىنىم باشقىچە بولوپ،پۈتۈن نىرۋىلىرىم قالايمىقانلاشتى،مەن ئازاپ تارتقانلارنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىېلىشىپ قالىدىكەن دەپ ئويلىدۇم..
مەن قايتا تىلىفۇن قىلدىم،تىلىفۇندىن ئۇلىنىش ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى،بۇ ۋاقىتتىكى بىر سىكونىت ۋاقىت پۈتۈن ئۆمرۈمدىنمۇ ئۇزۇن بىلىندى،يۈرۈگۈم سىيرىلىپ كەتتى، ئازاپنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قىتىم ھىس قىلىۋاتقاندەك بولدۇم،ئۆزۈمنى تولىمۇ بىچارە ھىس قىلدىم...
تىلىفۇننى ئۇنىڭ باشقا بىر ياتاقدىشى ئالدى،مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلىفۇننى پەقەت بىر مىنوت ئىلىشىنى ئۆتۈندۈم...
ئەمىلىيەتتىمۇ يىقىندىن بىرى ئۇنىڭ روھى ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتاتتى،كەچ 9 لاردىن كىيىنمۇ ياتاقتا يوق،بازار ئايلاندىم دەيتتى.ئۇ سىنىپىدىكى بىر ئوغۇل بىلەن يىقىن ئۆتىۋاتىمەن،ئۇ مىنىڭ ئاكامغا ئوخشاش ھەم ھازىر ئۇمىنىڭ ئاتاق ئاكام بولدى دىگەندە مەن قەتئى توسقان ئىدىم.
ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالدىم دىگىنى، ئەنە ئۇ شۇ ئاتاق ئاكىسى بولوپ،ئاكا بولوپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭغا تەلەپ قويوپتۇ.
ئۇ ئوقوشقا بارغىلى ئىككى ئاي بولدى،ئۇنىڭدىكى ئۇ ئۆزگۈرۈشلەر ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى،
بىز ئىلگىرى ھەر قىتىم كۆرۈشكۈنىمىزدە بولسۇن ياكى خىتىمىزدە بولسۇن ئىتقادىمىز،دۇنيا قارىشىمىز،ھاياتلىق مەجبۇرىيەتلىرىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشاتتۇق.
مەن دىنىي كىتاپلارنىمۇ ئازراق ئوقوغان ھەم ساتراشلىق قىلىۋاتقىنىمدا يۇرتىمىزدىكى دىنىي بالىلاردىن قىز ئوغوللا قول تۇتۇشۇش،چىش يىرىپ كۈلۈشۈش ،ھەتتا ئاياللارنىڭ سىرتقا ئوچوق بەدەن بىلەن چىقىشىمۇ گۇناھ دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان،ھەم مەن ئۇ گەپلەرنى ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپلەر دەپ قارىمايتتىم،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتلىرىمدىمۇ كاللامدا ئىگەم ئاللاھ مەن ھازىر گۇناھ قىلىۋاتامدىمەن دىگەندەك ئويلار كاممدىن پەقەت نىرى كەتمەيتتى،ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان ھارپا كۈنى بىر كىچە ئۇخلىيالماسلىقىمدىكى سەۋەپ بولسا، بىر تەرەپتىن ئۇنى سۆيگەنلىكىمگە خۇشال بولسام يەنە بىر تەرەپتىن مەن ئىغىر گۇناھ قىلدىم،ئەسلى بۇنداق قىلماسلىقىم كىرەك ئىدى،ئىگەم ئاللاھ مىنى كەچۈرگىن دىگەندەك ئويلار بىلەن ئۇخلىيالمىغان ئىدىم.
ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى يۈزى تۆۋەن،ئىيمانلىق،ئاقكۈڭۈل،ئىرادىلىك قىز ئىدى.بىز ھەتتا ئۆز تەقدىرىمىز ئەمەس مىللىتىمىز كەلگۈسى ھەققىدىمۇ كۆپتىن كۆپ پاراڭلىشاتتۇق.ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلىرىمىز ھەم نىشانىمىز ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى،مەن ھەر قىتىملىق نامىزىمدا ئىگەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدەك بىر ياخشى قىزنى، ياخشى كۈرۈشنى نىسىپ ئەتكەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر ئىيتاتتىم،ئۇنىڭ ئامانلىغىنى ھەم ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ئۈمىدىنى قەتئى يەردە قويماسلىقىمنى ،ئىككىمىزنىڭ بەختىنى تىلەيتتىم،ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ،نىشانىمنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى،ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالىشىمنى،ھەم ئىگەم ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشش قاتارلىقلارنى كۆپتىن-كۆپ تىلەيتتم.
ئۇ ئوقوشقا مىڭىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىركى دۈشەنبە كۈنى بىز ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى قومۇشلۇققا باردۇق.بىز دەسلەپ پاراڭلاشقان بولساقمۇ سەل تۇرۇپ قۇچاقلاشتۇق ھەم تويماي سۈيۈشتۇق،ئۇنىڭ قوللىرى باشقىدىن كۈچلىنىپ كەتكەندەك مىنى ئۆزىگە چىڭ تارتىشقا باشلىدى،ھەم ئۇنىڭ تىنىقىمۇ جىددىيلىشىپ ئۇھسىنىشقا باشلىدى،ھەم مىنىڭ تىنىقىممۇ بەك جىددىيلىشىۋاتقان ئىدى,مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىزنىڭ نىكايمىزدىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا قەتئى چىقىلمايدىغىنىمنى،بۇنداق بولسا ئىككىمىزگە مەڭگۈ نىكاھ چۈشمەيدىغىنىنى ئىيتتىم،كاللامدا يەنىلا ئىگەم ئاللا مىنى كەچۈگىن،مەن گۇناھ قىلدىم،بىز بەندىلەرنىڭ قەلبىنى چۈشەنگۈچى پەقەت ئۈزۈڭ دەپ نىدا قىلىۋاتاتتىم.
شۇنىڭدىن كىيىن بىز بىر نەچچە قىتىم تىلىغۇندا پاراڭلاشتۇق.ئاندىن ئۇ ئوقۇشقا كەتتى.
مانا ئككى ئاي بولار بولمايلا ئۇنىڭ بۇنداق تىز ئۆزگىرىشىگە زادىلا ئەقلىم يەتمەيتتى....
ئۇ تىلىفۇننى ئالدى،مەن ئۇنىڭ تىلىفۇننى قويىۋەتمەسلىكىنى ئۆتۈندۈم.ھەم ئۇنىڭدىن مەندىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكنى، ئۇنىڭ دىنىمىزغا خلاپ بولمىسىلا ھەر قانداق سۆزىگە ماقۇل دەيدىغىنىمنى،ئۇ ئوڭ دىسە ئوڭغا،سول دىسە سولغا ماڭىدىغىنىمنى،ھەممە ئىشلارنىڭ ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە بولىشىنى ئەمما مەندىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكنى دىدىم،ئۇ قوشولمىدى.
مەن بىزنى ياراتقان ئىگىمىز ئاللاھمۇ، ھەر قانچە ئىغىر گۇناھ قىلساقمۇ ،پەقەت تەۋبە قىلىپ يانساقلا بىزنى ئەپۇ قىلىدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ ماڭا پەقەت بىر قىتىم پۇرسەت بولىشىنى ئۆتۈندۈم،ئەمما ئۇ مەن ئاللاھ ئەمەس،مەن ئۇنداق قىلالمايمەن دىدى،يۈرۈگۈم قارت قىلدى،ئۇ ئوغول بالىمۇ يىغلامدۇ؟سىزنىڭ نەرىڭىز ئوغول بالا دىدى...
مەن بوپتۇ ئامان بولوڭ ،سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن دىدىم،ھەم ھازىرقى ئوغوللارنىڭ بەك ساختىپەز ئىكەنلىكى ئھتىياتچان بولىشىنى دەۋاتقىنىمدا ئۇ سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن بىلىمەن دەپ سىلكىشلىدى...
بىز خوشلاشتۇق...
كۆكتىن تىك موللاق ئاتقاندەك بولدۇم،بۇ ئىككى ئاي ماڭا نىسپەتەن راسلا تەتۈر كەلدى.
ئۆزۈم ئارزۇلىغان كەسىپ ھەم مەكتەپتىن چاقىرىق كىلىپ بارالمىغاننى ئاز دەپ خيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر مەكتەپكە ئامالسسىز كەلدىم،ھەم خەنزۇتىلى ئۇخماي تۇرۇپ خەنزۇ بالىلار بىلەن ئوقوشنى تاللىدىم،ھىچ گىپىنى چۈشەنمەيمەن،ھەم بىر ئىغىز گىپىمنىمۇ چۈشەندۈرەلمەيمەن،ھەر كۈنى گاچىدەكلا ئاڭلاپ چۈشەنمەي،ھەم سۆزلىمەي ئۆتىمەن ،ھەر كۈنى چۈشلىكى كىتاپخانىغا بىرىپ 2سائەت كىتاپ ئوقويمەن،كەچ كۈتكۈچىلىك قىلىمەن ئاندىن كۇرستىن قايتىپ يەنە ئۈگىنىش قىلىمەن،ئۆيدىن يۈز ئۆرۈپ چىققان بولغاچقا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى ئەمەس،دوستلىرىم بولسا يۇرتتا بۇ كاتتا شەھەردە تىكەندەك يالغۇزمەن،ئەمدى بىردىن-بىر روھى تۈۋرىگىمدىن ئايرىلدىم...
جاھان ماڭا راسلا تار كەلدى،مەن ئەسلىدىنلا تۇغۇلۇپلا ئاتا-ئانام تىرىك يىتىم بولدۇم،ئۈگەيلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتىم،تاياققىمۇ پىشتىم،نەچچە رەت بوينىمغا ئۆز قولوم بىلەن سىرتماق سالدىم،نەچچە رەت دەريا بويىدىن ياندىم،قىشلىرى قەھرىتان قار ياغقان سوغوقلاردا ناۋاينىڭ تونورلىرىدا تىمىسىقلاپ يۈرگەن كۈنلىرىم ھەم بولدى. ...
ئىنسان ھىلىمۇ ئازاپتىن يىرىلىپ كەتمەيدىكەن...
مەن ئىلگىركى بارلىق ئازاپلارغا قەلبىمدە ئۇنى بار دەپ ،ئۆز نىشانىمغا قاراپ ئىلگىرلەپ كەلدىم دەپ ئويلايتتىم،ھەم ئۇ مىنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ،ئەھۋالىمنى تولوق چۈشىنەتتى،ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق قىلىشى راسلا بەك ئىغىر كەتتى...
ئۆلىۋىلىشنى ئويلىدىم،بىراق نەدىن ئاڭلىغان بولغىيدىم ئەگەر ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالسا ئىگىمىزنىڭ مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ،مەڭگۈ دوزىخى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغاچقا يەنىلا چىدىدىم ...
تاماقمۇ تۈزۈك يىمەي 2كۈن ئۆتتى ،يىغلايمەن،سىنىپتا ساۋاقداشلىرىم ماڭا تەسەللىي بەرمەكتە ئەمما ئۇلارنىڭ گىپىنى چۈشەنمەيمەن،كىچە كۈندۈز يىغلايمەن 3-كۈنى ئەتىگەن سىنىپ مۇدىرىمىز بىر ئۇيغۇر ئوقوتقوچىنى باشلاپ سىنىپقا كىردى،ئۇيغۇر ئوقوتقوچى، سىنىپ مۇدىرىڭىز سىز بىلەن ئىشخانىدا ئايرىم پاراڭلاشماقچى مىنى تەرجىمە قىلىپ بىرىشكە چاقىردى دىدى.
مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا چىقتىم ئەمما گەپ باشلاپ بولغىچە يەنە كۆز ياشلىرىم تاراملاپ چۈشتى مەن گەپ قىلالمىدىم،مۇئەللىم ماڭا رۇخسەت بەرگەنلىكىنى،نەچچە كۈن ئارام ئىلىپ دەرسكە كىرسەم بولىدىغانلىقىنى،نىمە ئىش بولوپ قالسا مۇئەللىمنى ئىزدىشىمنى،سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىشىمنى،قەيسەر بولوشىمنى تاپىلىدى...
كوچا ئاپتۇبۇسىدا مىڭىۋاتىمەن،نەگە بارىدىغىنىمنى،ھەم بارغىنىمنى بىلمەيمەن،يە قايتىپ كىلىمەن،قەدەملىرىم ئاستا ھەم روھسىز،بىشىم چۈشكەن.كىچىلىرى ئۇخلاش ئەمەس كۆز ياشلىرىم قۇرۇمىغان،يىرىم كىچىلەردە سىرتقا چىقىپ يىغلايمەن،تاھارەت ئىلىپ كارۋىتىمدا ناماز ئوقويمەن...بىر كۈنى كىچە نامازدا سەجدىدە،كۆزۈمدىن يەنىلا ياش چۈشىۋاتاتتى،قەلبىم ماڭا گەپ قىلدى...بۇنداق قىلما،كۈنلەر ئۇزۇن،ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ،قىنى سىنىڭ 2004-يىلى12-ئاينىڭ 25-كۈندىكى پۈتۈن دۇنياغا خرىس قىلالىغۇدەك جۈرئىتىڭ؟ ئۆزىڭنى تىپىۋال،سەن كىچىكىڭدىن ۋايسىمىدىڭ،يىقىلدىڭ تۇردۇڭ،يازدىكى پژغىرىم ئىسسسىقتىكى بويوڭغا ماس كەلمىگەن ئىغىر ئەمگەكلەرگە،قىشتىكى جان ئالغۇ سوغوقلارغا،ھەم نۇرغۇن ئازاپلارغا چىدىدىڭ ،
بۇ قىتىم يەنە يىقىلدىڭ ئەمدى نىمىشقا تۇرمايسەن،تۇر ئورنىڭدىن،تۇرۇپ كەت دىدى قەلبىم...
مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ شۇ كىچىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن...
ئاخىرى بار |
|