ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ۋىجدان ئازابى(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)
كۆرۈش: 135|ئىنكاس: 8
go

ۋىجدان ئازابى(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

توردا
118سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
540 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 20:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ۋىجدان ئازابى



(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)



جاھالەت كۈلپەتىدىن بىزگە بىركۈن كۆپ خاتا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ ھالىمىزنىڭ قايسىبىرىدە ساپا باردۇر؟
جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئىناقلىق-ئىتپاقلىقنىڭ نىشانى قالمىدى بىزدە،
يېڭى باشنى كۈتۈرگەندە ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.
بىناگاھ دوستىمىزدا بىر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،
يۇشۇرماي بىرگە ئوننى قېتىپ چاققانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدەك ماھارەت ئۇستىسى يوقتۇر،
قۇۋلۇغۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.
ئويۇن-چاقچاق تۈپەيلى ئۆزئارا بىئەپ بولۇپ قالساق،
ياراشماق ئورنىغا ھەدەپ ئوت ياققانىمىز باردۇر.
يەنە يۇرت پايدىسىغا جەم بولۇش بىزدە بەسى مۈشكۈل،
نەزىر،توي ۋە زىياپەتكە بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.
كىرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلدۇق،
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.
ئىلىم-پەن ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز،ئوقۇتۇرمىز لىكىن سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە،ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە بىز تاپالماي ئات ياياق قالغانىمىز باردۇر.
گۈركىرەپ كەلسە «ئاپتوموبىل»،«نىمە بۇ ئەي خۇدايىم»دەپ،
ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي داڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.
ھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق دەپ قانائەت قىپ،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھىجىر قۇيغانىمىز باردۇر.
تائاۋۇن ھەم قەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت-
بىلىمگە سايە قىلغاننى تېپىپ قاققانىمىز باردۇر.
بوۋىلار شۆھرىتىنى ،غەيرىتىنى ھىچ سېغىنمايمىز،
قېلىپ غەپلەت-جاھالەتتە تېخى پو ئاتقانىمىز باردۇر.
مىسلى جەننەت تاغۇ دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ئىگىز قىرلاپ پەر ياستۇقنى بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.
ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق دەپ بىزدە بار تەمسىل،
لويى،ئامبال،ۋاڭ غوجامنى سېمىز باققانىمىز باردۇر.
مۇنەججىم،ئېنژىنېر،ئالىم،تەپەككۇر ئەھلى ئورنىغا،
تونۇر سەللا،نەپسى بالا خەلپەتۇ سۇلتانىمىز باردۇر.
ھەسەتخورلۇق،كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلدۇرۇپ باغلىسا بەلنى تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.
ئەل ۋە يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە بولمىدۇق دەرمان،
كىلۇر بىركۈن شۇ چاغدا مىڭ تاغار پۇشمانىمىز باردۇر.
ئابدۇخالىق بولدى قىل،ئاۋارە بولما.نالىما!
ۋاقتى كەلگەندە ئازاپقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.



Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 22:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى شېئىر دە ... مەن . ۋە بارلىق دوسلار ئابدۇخالىقنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۈرىمىز ... رەھمەت ! ...

توردا
140سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
346 
تېما
19 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 22:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالام ئەلەيكۇم ماڭىمۇ بەك يارايدۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرى..رەھمەت سىزگە..

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
270 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 23:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بەك ياقتۇرىمەن.« ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»نىڭ شىئىرىنى . ئىسىل شىئىر -دە ......................

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
247 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 23:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
gulimire يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 23:14
مەن بەك ياقتۇرىمەن.« ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»نىڭ شىئىرىنى . ...

سىزمۇ يوللىمامسىز ئەمسە؟

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
270 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 23:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
tirixkin يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 23:20
سىزمۇ يوللىمامسىز ئەمسە؟


ئالدىرماي يوللىۋالىمەن ..........قاراپ تۇرۇڭ ھە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulimire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-20 23:32

Rank: 8Rank: 8

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
622 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 23:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
‹ئابدۇخالىق ئۇيغۇر›شېئىرلىرى كىشىگە ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ،رەھمەت سىزگە~!

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
247 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 23:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش gulimire نىڭ يازمىسى

قىنى ؟ قاراپ ئولتۇرۇپ ھىرىپمۇ كەتتىم

توردا
118سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
540 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-21 22:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.
بىناگاھ دوستىمىزدا بىر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،
يۇشۇرماي بىرگە ئوننى قېتىپ چاققانىمىز باردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 14:31

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.