شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، بىر ئەر ئۇششاق ئىش ئۈچۈن قىز دوستى بىلەن گەپ تالىشىپ
قىلىپ ئەمدىلا تۇغۇلغىنىغا 40 كۈن بولغان بوۋاقنى يەرگە تاشلاپ دەسسەپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.تۈنۈگۈن بۇ ئەر قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن جيۇلوڭپو رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.
بۇيىل 21 ياشقا كىرگەن گوڭچىياڭ فۇجىيەنلىك بولۇپ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئاتا - ئانىسى بىلەن چۇڭچىڭغا
كەلگەن ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى ئېلىكتىر بازىرىدا بىر دۇكان ئاچقان ۋە ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇلار چۇڭچىڭغا كىلىپ ئۇزۇن بولماي، ئۇ توردا خېبيلىق قىز ۋاڭخۇا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ۋاڭخۇانىڭ ئانىسى چۇڭچىڭدا قايتا توي قىلغان بولۇپ، ئۇ ئانىسىنى كۆرگىلى كىلىپ، گوڭچىياڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئۇلار بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈپلا بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. كېيىن ئۇلار يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونىدىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرىدۇ. ۋاڭخۇانىڭ قورسىدا قالغاندا،ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا ئانىسنىڭ قستىشى بىلەن ئۇلار توي قىلىدۇ، ئوتتۇرىدا بالا بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر خۇشال ئۆتىدۇ. بۇ يىل
1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۇلار ئۇششاق ئىشنى دەپ قاتتىق تاكاللىشىدۇ، ۋاڭخۇا گوچياڭنى بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىغا سىلىشتۇرۇپ مەسخىرە قىلىدۇ.بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن گوچياڭ قولىدىكى 40 نەچچە كۈنلۈك بولغان بوۋاقنى يەرگە تاشلاپ، بىشىغا بىرنى تىپىدۇ. بۇنى كۆرگەن ۋاڭخۇا ھۇشىنى يوقىتىدۇ، ۋە يەرگە تىزلىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ. ۋاڭخۇانىڭ يىغا ئاۋازىدىن كېيىن گوڭچىياڭ ئويغىنىپ بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ، بىراق بالا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. گوڭچىياڭ 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا ئەر ئاياللار گەپ تالىشىپ قالغاندا كەيپىياتنى كونتىرول قىلىشى كىرەك. مەنبە : نۇر |