ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىغا نەزەر
كۆرۈش: 498|ئىنكاس: 8
go

ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىغا نەزەر

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 16:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىما بۇرۇنقى شىنجاڭ ئۇيغۇر خاككىر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى نامسىزنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان يازمىسكەن، ئۇيغۇر توربىكەت قۇرغۇچىلىرىمىزغا ۋە خاككىرلارغا قارىتا خاتا چۈشەنچىدە بولغانلارغا ئەھمىيتى زوركەن شۇڭا بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم ،باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەسسىقلاپ قويىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى نامسىز .. ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر خاككىر بىرلەشمىسى مانا ھازىر كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىك بىرلەشمىسىگە ئۆزگىرىپ قايتا قۇرۇلۇپ سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى .نۇرغۇن تورداشلار مەندىن نىمشقا خارەكتىرى ئۆزگىرىپ كەتتى مۇنبەرنىڭ دەپ نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراپ كەتتى ..بۇ سۇئالغا ئاددىيلا جاۋاپ بىرىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى .شۇڭلاشقا بۈگۈن ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىغا نەزەر دىگەن بۇ تەھلىل خارەكتىرلىك بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن ..
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرگە خاككىرلارنى ۋە ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزەمنىڭ قىسقىغىنە تەھلىلى بىلەن تۆۋەندىكىچە سۆزلەپ ئۆتەي :

hacker دىگەن نىمە ؟ hacker دىگەن بۇ ئۇقۇم ئەسلى ئىنلگىز تىلىدىن كەلگەن بولۇپ ،بۇ ئۇقۇم ئەينى ۋاقىتتا ئامىركا كومپىيوتىر ساھەسىدە ئەھمىيەتلىك بىر ئۇقۇم ئىدى .كيىنچە بۇ ئۇقۇم مەتبۇئاتلاردا software cracker دەپ ئاتالدى .hacker دىگەن بۇ سۆز ئەسلى كومپىيوتىرنى قىزغىن سۆيىدىغان ،كومپىيوتىر تېخنىكىسى دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەملەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ لىكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئۇقۇم باشقىلار كاللىسىدا مەخسۇس تور ۋە كومپىيوتىردىن پايدىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر دىگەن ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالدى كىشىلەر ئۇلارنى cracker دەپ ئاتىدى .شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ hackerبىلەن cracker نىڭ پەرقىنى بىلىۋىلىشىنى سورايمەن .
hacker لار تور ۋە كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ كەلدى .ئەمما نىمە ئۈچۈن hacker ھازىر ئەسكى ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى ؟
hacker لار سىياسىيغا ئارلاشمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار ئەركىن شەخىس ،hacker لارنىڭ پەيدا بولىشى تور ۋە كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى ۋە تولۇقلىدى ئۇنى مۇكەممەل قىلدى . خاككىرلارنىڭ قىلمىشى بۇزغۇنچىلىق ئەمەس ،ئۇلار بىر توپ تور دۇنياسىدىكى قەھرىمانلار . ئۇلار ھەر قاچان تەڭ بەھىرلىنىشنى ،ئەركىنلىكنى ئەڭ مۇھىمى ھەقسىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسز تىرىشىپ كەلدى .
خاككىرلار نىمىشقا پەيدا بولدى ؟ چۈنكى كومپىيوتىر سىستىمىىسى مۇكەممەل ئەمەس بولغانلىق سەۋەبى خاككىرلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى .يەنە بىر خىل مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كومپىيوتىر سىستىمىىسىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەل بولىشى يەنە نۇرغۇنلىغان خاككىرلارغا مۇھتاج.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن خاككىرلار تور ۋە كومپىيوتىردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .بۇلارنى ئەسلى مەنسىدىن ئېلىپ ئېيتساق بۇلار cracker دەپ ئاتىلىدۇ .دەل مۇشۇ cracker لار سەۋەبى hacker لارنىڭ نامى بۇلغۇنىپ ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا بۇزغۇنچىغا ئايلىنىپ قالدى .
خاككىرلار دۇنياسىدا hacker دىگەن بۇ ئۇقۇم ئومومىي ئاتىلىش ،چۈنكى خاككىرلار بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ .مەسىلەن system hacker بۇ سىستىما لاھىيلەش ۋە قوغداشنى پىششىق بىلىدىغان خاككىرلارنى ،password hacker ئەستايىدىللىق بىلەن مەخپىي نۇمۇر تېپىشنى پىششىق بىلىدىغان خاككىرلارنى ،يەنە computer hacker كومپىيوتىرنى پىششىق بىلىدىغان خاككىر قاتارلىقلار ...
ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي كود پىلانىنىڭ قۇرغۇچىسى Eric Raymond بۇ خاككىر دىگەن سۆزگە مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن :
hacker ۋە cracker ئوخشىمىغان ئىككى دۇنيا چۈنكى hacker ياساشنى ،قوغداشنى ،مۇكەممەل بىخەتەر قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ .cracker بولسا بۇزۇشنى مەخسۇس مەقسەت قىلىدۇ .

ئەمدى ئۇيغۇر خاككىرچىلىقىمىزغا نەزەر سالايلى :
كومپىيوتىر دىگەن بۇ ئۇقۇم دىيارىمىزدا پەيدا بولغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تىرىشچان ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بۇ يىڭى نەرسىگە قارىتا ئوتتەك ئ.ىشتىياق باغلاپ ئۇنى دىيارىمىزدا تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە توختاۋسىز تىرىشىپ كەلدى ....
ئۇيغۇر تورچىلىقمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق 94 -يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر توربەتچىلىكى بىخ ھالەتتىن مايسا ھالەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى ..
96-يىللىرىدىن باشلاپ دىيارىمىزدا مەيىن شامال يەنى سابىق سەلكىن تورى ،دىيارىم ،شەبنەم قاتارلىق باشلامچى توربەتلەرنىڭ تۈتكىسىدە ئۇيغۇر توربىكەتچىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چوڭ كىچىك ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى توربەت تور قامال قىلىنىشتىن ئىلگىرى 20 نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتتى ..
شۇنىڭغا ماس ھالدى 2003-يىللىرىدىن باشلاپ دىيارىمىزدا بىر قىسىم خاككىرلىرىمىزمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى ..
ئەڭ دەسلەپكى ئۇيغۇر خاككىر ياشلىرىمىزدىن زەھەر (毒药)، قارا روھ (黑灵)،مۈشۈك ئاتامان (猫老大) ، نىشان..................،قاتارلىق بىر تۈركۈم دەسلەپكى خاككىر ياشلىرىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىغا خاككىرلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش ئارقىسىدا ئۇيغۇر خاككىرلىمىز توختاۋسىز تەرەققىي قىلىدى ..
تا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە باشقا پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن دىلناۋا،گېپسون، گېپسون -2 ، نامسىز بەگزادە ،软硬 ،alfa ،uyhacker ،..... قاتارلىق نۇرغۇن ياشلىرىمىز مەيدانغا كەلدى .پېقىر نامسىزمۇ ئاشۇ پىشقەدەملىرىمىزدىن ئۈلگە ئېلىپ كىلىۋاتىمەن ....
شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇر خاككىرچىلىقى تەرەققىي قىلىپ 2008-يىللىرى ئۇيغۇر خاككىرچىلىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى ..ئۇيغۇر خاككىر توربىكەتلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن قۇرۇلدى .ئالايلۇق : سابىق ئۇيغۇر خاككىر بازىسى (www.uyhackerbase.com )،سابىق ئۇيغۇر تور تەتقىقات ئىشخانىسى (www.uymuma.com) . شىنجاڭ ئۇيغۇر خاككىر بىرلەشمىسى (ھازىرقى ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىك بىرلەشمىسى )، نىشان مۇنبىرى ، قارا روھ مۇنبىرى ، .........قاتارلىق بىر تۈركۈم توربەتلەر بارلىققا كىلىپ ئۇيغۇر خاككىر ياشلىرىنى تەربىيلەش يولىدا مىننەتسىز ئىزدەندى ......2009-يىلىدىن كىيىن
بۇ توربىكەتلەرنىڭ بەزىلىرى توختاپ قالغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ توختاپ قېلىشى ھەرگىزمۇ باشقا بىرىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ،ياكى مەقسەتلىك ئىتىشى ،ۋە ياكى شۇ توربەتنىڭ بوشلۇقىنىڭ ياكى ئىسمىنىڭ توختاپ قالغانلىقى سەۋەپ ئەمەس ،تۈپ سەۋەبى ھەممىمىزگە ئايان ....
نىمىشقا ئەمدى ئارىدىن 2 يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر خاككىرچىلىق ئىشلىرى بۇرۇنقىدەك گۈللەنمەيدۇ ؟ ئۇيغۇر تور بىكەت باشلىقلىرى بىزنى توغرا چۈشەنمەيدۇ ؟


تۈپ سەۋەبى ئۇلار hacker بىلەن cracker نىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ .....
خاككىر دىگەن بۇ ئۇقۇم ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مەخسۇس توربەت يۇچقىدىن پايدىلىنىپ توربەت بۇزىدىغان ،مۇلازىمىتىردىن يۇشۇرۇش ھۇقۇق تەلەپ قىلىپ مۇلازىمىتىرنى باشقۇرۋالىدىغان ،QQ ئۇغۇرلايدىغان ۋە ھاكازىلار دەپلا بىلىدۇ ...
ئۇلار hacker نى توغرا چۈشەنمەيدۇ ،چۈشەنمەسلىكىگە بىر قىسىم cracker لار سەۋەپ بولغان ..چۈنكى باشتا دەپ ئۆتتۈم cracker لار hacker نىڭ نامىنى بولغاپ بولغان ..ئەڭ مۇھىمى بەزى كىشىلىرىمىز خاككىر بىلەن كىراككىرنى تېخىچىە پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ ..
ئەگەر بىزنىڭ بۇ خاككىر مۇنبەردىن بىرەرسى بېرىپ بىرەر توربەتكە ما يەردە يۇچىقىڭ باركەن ئىتىۋالغىن دىسە شۇ توربەتنىڭ باشلىقى ئۇ خاككىرنى ساڭا پوق بارمىتى مىنىڭ توربېتىمنى تەكشۈرۈپ ،بېرىپ ئۇمىچىڭنى ئىچسەڭ بولمامدۇ دىيشتىن يانمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىغا پايلىمىغان بۇ خاككىر كۆڭلى ياخشىنىڭ كۆتى ئۇچۇق دىگەن بەتتامغا قالغانلىق سەۋەبى شۇ توربەتنى ئوڭ سول قىلىدۇ .بۇنىڭ بىلەن hacker بىلەن cracker نىڭ مەنىسى بىر قازان ئۇماچ بولىدۇ ...
ھازىرقى بىرلەشمىمىزنىڭ بىكەت تەكشۈرۈش سەھىپىسىنىڭ تا ھازىرغىچە ياسالمىغانلىق سەۋەبىمۇ مۇشۇ شۇ...

قالغىنىغا كەڭ دوسلارنىڭ بۇ تىمانى كۆرگەندىن كىيىن ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن ..
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم كەڭ توربەت باشلىقلىرىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى سىزنىڭ hacker بىلەن cracker نى پەرىقلەندۈرۈپ بىزنى قوللاپ بىرىشىڭىزنى سورايمەن ..

ئۇيغۇر خاككىرچىلىقى سىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج...
چۈنكى خاككىرلىق بۇزغۇنچىلىق ئەمەس ،بۇزغۇنچىلىق كىراككىرنىڭ ئىشى ....


يەنە دەيدىغىنىم كەڭ خاككىرلىق ئۆگىنىۋاتقان دوسلىرىمنىڭ ھەرگىزمۇ cracker بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن



ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ ،ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى ..



مەنبە : شىنجاڭ ئۇيغۇر تور بىخەتەرلىك بىرلەشمىسى www.uyhacb.com

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 17:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يوللىغان يازمىڭىزغا رەھمەت ! ... ئەينى مەزگىللەردە خاككىرلار دەپ ئاڭلاپ تۇراتتىم ، مەندىمۇ مەۋھۇم ئۇقۇم بار ئىدى ... سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز مېنىڭ بۇ گۇمانى قاراشلىرىمنى تەدرىجى ئىلمىي ئاساستا يۇرۇتىپ بەردى ... مەن تولىمۇ خوش بولدۇم ... داۋاملىق ياخشى يازمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ! ...

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 18:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
salkin11 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 17:56
يوللىغان يازمىڭىزغا رەھمەت ! ... ئەينى مەزگىللەردە خاكك ...

رەھمەت سىزگە

توردا
1342سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1625 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 18:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ خاكىرلىققا قىزىققىلى خىلى بوپقالدى.
ئىشقىلىپ 7-8 كومپىيوتىرنى خاكىرىق تىخنىكام بىلەن بۇزغۇنلۇققا ئۇچۇرتالىغىنىمدىن خۇشالمەن.
بىراق باشقىلارمۇ مىنىڭكىنى بۇزۋەتكەندە سەل ئاچچىغىم كەلدى

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
270 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 18:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يازمىكەن ........

Rank: 8Rank: 8

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
622 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 21:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزنى خاككىر توغرىسىدا ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت~!

توردا
118سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
540 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-14 23:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
منىڭ مۇ خاككىر بولغۇم بار ئىدى

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1000 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 12:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خاككىر دىگەنلەر ۋىروس ياساپ تارقىتىدىغان ئەسكىلەر شۇمۇ ! ؟؟؟؟

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 17:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
herep يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 12:22
خاككىر دىگەنلەر ۋىروس ياساپ تارقىتىدىغان ئەسكىلەر شۇم ...

تىمىنى ئوبدانراق ئوقىۋىتىپ ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىز بولغۇدەك...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 14:31

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.