ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكمەت ئۈنچىلىرى يىڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى
كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 3
go

يىڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى

Rank: 8Rank: 8

توردا
86سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
134 
تېما
30 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 22:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئابدۇقادىر جالالىدىن




  داۋاراڭچى بىر مىنۇتلۇق داۋراڭ ئۈچۈن 30 مىڭ يۈئەننى نەق ئالدى- دە، داۋراڭ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ناخشا چولپىنى ئوبراز بەدىلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈئەننى نەق ئالدى. ۋاقتى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز.

  دەۋاگەر ئىلتىجا قىلىپ كەلدى، بوسۇقلاردا جىنايەت شان-شەرەپكە، پۇرسەتكە، زىياپەتكە ئايلاندى. ھاجەتلەردىن بىنالار ئۈندى، داچىلار ئۈندى، ماشىنىلار ئۈندى....

  يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېت قىز ئانىسىنىڭ باشلىشىدا ئىش ئىزدەپ ئىشخانىغا كىردى. تارتمىلار بايلىققا تولدى، ئىپپەت سودىسى باشلاندى. ئىشخانىلاردىكى توختام ئىشرەتخانىدا ئەمەلىيەشتى.

  ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇدى، ئالدىغا 50 يۈئەن قويۇلدى. ئاخۇنۇم چالۋاقىدى:

  -نىكاھ ئوقۇپ، ھارامنى ھالال قىلدىم، ھالاللىقىنىڭ بەدىلى مۇشۇما؟

  پاھىشە زىناخوردىن پۇلنى نەق ئالدى، ئاندىن نازلىنىشقا باشلىدى.

  دوختۇر ئىنجىقلاپ تۇرغان بىمارنىڭ يانچۇقىدىن پۇلنى ئاۋۋل سۇغۇرۇۋالدى، ئاندىن دىئاگنوز باشلىدى.

  زوردۇن سابىر ئون بەش يىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ «ئانا يۇرت» نى يىزىپ چىقىپ، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. يازغۇچى بىلەن خۇشى يوق خېنىملارمۇ كىتابخانىلاردا ئۇنىڭ كىتابىنى ساتىدۇ.

  ئەدىبلار نەشرىيات بوسۇغىسىدا دۈگدىيىپ يۇرۈشكەن يېزىق مەدىكارلىرى. ئۇلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ باھاسىنى يىزىق سودىگەرلىرىدىن ئەيمىنىپ سورىشىدۇ.

  - يېزىقچىلىق بىر پىلسىرات كۆۋرۈكى، ئۇ قەيەرگە ئىلىپ بارىدۇ؟

  - يىقىلىپ چۈشسەڭ جەھەننەمگە، يىقىلمساڭ قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ؟

  -قىيامەت دىگىنىڭ نېمە؟

  - زەردابى قەلەم، گادايى ئەلەم دېگەن گەپ....

  قاسساپ پۇل ئالماي تۇرۇپ گۆش بەرمەيدۇ، ئاشپەز پۇل ئالماي تۇرۇپ تاماق بەرمەيدۇ. شەھەرنىڭ قىستاڭ رەستىلىردە پۇل تۆلىمەي تۇرۇپ ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ. ئەدىب جېنىنى خەجلەپ، نېسىگە يازىدۇ.

  «قۇتادغۇبىلىك» تىن ئودغۇرمىشنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن سوردىم:

  - ئىدىيەنى نېمىشقا پۇلغا ئالغىلى بولمايدۇ؟

  - چۈنكى، ئىدىيەنى يېگىلى بولمايدۇ.

  - چۈشەنمىدىم .

  - زامانداشلىرىڭ قورساق كويىدا، ئۇلار ئىلىمدىن ئىدىيە ئەمەس، نان سورايدۇ.

  - قورسىقى توقلارچۇ؟- ئۇلار ئىشرەت كويىدا. ئۇلار يېڭى ئىدىيەگە ئەمەس، تازلىق قەغىزىگە موھتاج.

  - مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟- سەن سۈكۈت قىل. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كوپتىسى بىلەن يوپكىسىنىڭ ئارسىدا بۈيۈك ئىدېئولوگىيە بار.-

  ئۇنداقتا...

  - جىم تۇر، تەپەككۇر قۇلاقلىرى پاڭ بولدى، جىسمانىي سەزگۈلەر ئويغاندى...

  ئاھ، سىنا چۆلى، ئارىلىقىڭ قانچىلىك يىراق؟!


مەنبە؛خەلق تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-7 22:30

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 22:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ يازمىنى كۈرۈپ باشقىچە سىزىمغا كىرىپ قالدىم ... چوڭقۇر مەنەسى كىشىنى خىيالىي ئويلۇنۇش ئىچىگە ئېلىپ كىرىدىكەن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 19:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ياخشى تىمىكەن

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
419 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 20:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ يازمىنىڭ . مەزمۇنى بەك چوڭىقۇر ئىكەن ، ئادەمىنى ئىنسانى ئويىغا سالىدىكەن ، قەلەم تولىپارىڭىز ئۇزلۇپ قالىمىسۈن . بەك رەخىمەت سىزىىگە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 14:23

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.