- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-18
- تىزىملاش
- 2011-1-17
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 86سائەت
- جۇغلانما
- 766
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 134
- تېما
- 30
 
- توردا
- 86سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 134
- تېما
- 30
|
ئالىمجان ئاشۇق-مەشۇقلار بايرىمىدا سۆيگىنىگە بىر جۈپ چىرايلىق پەلەي سوۋغا قىلماقچى بوپتۇ...
بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ، بىر ماگزىنغا كىرىپ بىر جۈپ پەلەيگە كۆزى چۈشۈپتۇ.پىركازچىك قىزغا پەلەينى كىيىپ سىناپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.
قىز پەلەينى كىيىۋاتقاندا، ئالىمجان شۇنى ئالىدىغانلىقىنى ،ئوراب قاچىلەپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.ئوراب قاچىلاش جەريانىدا پىركازچىك قىز ئېھتىياتسىزلىقتىن پەلەينى باشقا بىر ئايال خېرىدارنىڭ كالتا ئىشتىنى بىلەن ئالماشتۇرۇپ قۇيۇپتۇ.ئالىمجان سوۋغىنىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەي،خاتىرجەم ھالدا چىرايلىق ئورالغان سوۋغىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپتۇ.سۆيگىنىنى ئەسلىگەچ قولىغا قەلەم ئېلىپ سالام خەت يېزىشنى باشلاپتۇ.
قەدىرلىك جېنىم،سېنى تولىمۇ سېغىندىم.ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.
بۈگۈن ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇشبۇ سوۋغىنى ساڭا ئالدىم، گەرچە سوۋغا ئاددى بولسىمۇ لېكىن بۇ سوۋغىغا مېنىڭ باھارلىق مېھرى مۇھەببىتىم مۇجەسسەملەنگەن...
بۇ سوۋغىنى ئېلىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قىززىق ئىشلار يۈز بەردى،دېسەم چوقۇم كۈلگۈڭ كېلىدۇ.
يېرىم كۈن بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ،بىر دۇكانغا كىرىپلا ئۇشبۇ سوۋغىغا كۆزۈم چۈشتى،شۇنىڭ بىلەن پىركازچىك قىزغا كۆزئالدىمدا كىيىپ سىناپ بېرىشنى ئېيتتىم.پىركازچىك قىز ئالدىمدىلا كىيىپ سىناۋاتقاندا، مەينەت قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ سالدۇرىۋاپ چىرايلىق ئوراب بېرىشنى ئېيتتىم.پىركازچىك قىزمۇ باشقا ئىپادە بىلدۈرمەي، ئوراب بەردى.
ئۇشبۇ سوۋغىنى كۆرسەڭ چوقۇم خوش بولىسەن،رەڭگىمۇ سەن ياخشى كۆرىدىغان رەڭلەردىن ساڭا چوقۇم يارىشىدۇ.
مېنى سېغىنغىنىڭدا ئۇشبۇ سوۋغىنى ئېسىڭگە ئالغىن،بەلكىم سېغىنىش ئوتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىرەلىشىڭ مۇمكىن...
يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ئۇشبۇ سوۋغا تولىمۇ ئەس قاتىدۇ،يەلپۈگۈچنىڭ ئورنىدا يەلپۈنىپ ئىشلەتسەڭ ئۆزەڭنى تولىمۇ راھەت ھېس قىلىسەن ...
باشقىلار كىيىپ بېقىشنى ئېيتسا ھەرگىز بەرمىگىن مەينەت قىلىۋېتىدۇ،بۇ ئىككىمىز مۇھەببىتىنىڭ سىموۋىلى...
ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئۇشبۇ سوۋغىدەك ئىللىق،ھەر بىر قېتىم مېنى سېغىنغىنىڭدا ئۇشبۇ سوۋغىنى كەيگىن...
بۇرۇنقى شەبنەم تورىدا كۆرگىنىمدىن تەقلىد قىلىپ يېزىپ چىقتىم...
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي...
|
|