ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىز تورىغا تەكلىپ 2-ئاينىڭ14-كۈنى..(دەرتمەن يېگىت)
كۆرۈش: 2943|ئىنكاس: 51
go

2-ئاينىڭ14-كۈنى..(دەرتمەن يېگىت)  

توردا
740سائەت 
نادىر تېما
دوست
97 
يازما
1526 
تېما
277 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 15:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
2-ئاينىڭ14-كۈنى...
(دەرتمەن يېگىت119)


2-ئاينىڭ14-كۈنى ،ھېلىمۇ ھەم ئېسىمدە 11ياش ۋاقتىلىرىم ئېدى. بىر قېتىملىق ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى
مەن ئەنە ئاشۇ كۈنى يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى يەنى<<ئاشىق-مەشۈقلار>>بايرام كۈنى ئۇقۇشماسلىق
تۈپەيلى مەن ئۆز ئۆيۈمدىن يەنى ئېللىق ئائىلەمدىن ئايرىلغان...بۇ كۈننى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي...


ئەسلى ئېش مۇنداق:


6ياشقا كېرگەن چېغىمدا بۇ دۇنيادا بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر ئائېلەمدىكىلەر ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە
مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدېرلىك،سۆيۈملىك مېھرىبان بولغان ئانام بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى....
مەن يېغلاشتىن باشقا نېمىمۇ قېلالايتىم دەيسىز....كۆزلىرىمدىن ئېقىۋاتقان ياشلارنىڭ تەسىرىدە
بىرنەرسىلەرنى ئېنىقراقمۇ كۆرەلمەيتىم....مانا ھەش پەش دېگۈچە ناماز بامداتقا نامىزىنى
چۈشەردۇق ئانام سېلىنغان جىنازا ئالدىدا ئاكىلىرىم بىلەن دادام كېتىپ بارىدۇ مېنىڭمۇ ئۇلارنىڭ
ئارسىغا كېرىپ بىللە ماڭغۇم بار ، توختاڭلار ئانامنى قەيەرگە ئېلىپ بارسىلەر ئېلىپ كەتمەڭلار دېسەم ...مەھەللىمىزنىڭ ئېمام ئاخۇنى ماڭا باشقىچە بىر قاراپ يېنىمغا كەلدىدە
بېشىمنى سېلاپ تۇرۇپ بالام بولدى يېغلاۋەرمەڭ ئاپڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ..ئېگىمىز ياخشى بىر يەرگە ئېلىپ
كەتتى ئەنسىرمەڭ ھېچنىمە بولمايدۇ بىز ھەممىزدۇئا قېلىمىز ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاپىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنىڭ
جەننەتە بولۇشى ئۈچۈن ھەممەيلەن دۇئا قېلىمىز سېزمۇ شۇنداق قېلىڭ بۇنداق قالايمىقان تولىسىڭىز
ۋە يەنە يېغلا ۋەرسڭىز ئاللاھ ئېگەم خاپا بولىدۇ ،شۇڭا بالام ئەمدى سەۋرى قېلىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم قايتىپ كەلمەيدۇ...بولسا جېنازا ئالدىدا ماڭسىڭىز بوللاتتى سېزمۇ ئوغلى بولغاندىكىن لېكىن كېچىك
بالا جىنازا ئالدىدا ماڭسا بولمايدۇ ،ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇڭ بىز ئاپىڭىزنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن
كېيىن قايتىپ كېلىمىز -دېدى -دە مەندىن ئاستا-ئاستا يېراقلىشپ كېتىتىپ باراتتى..مەن شۇنچە
قېلىپمۇ ياشلىرىمنى توختۇتالمىدىم بېرىمۇنچە جامائەتلەرنىڭ كەيندىن ئەگىشىپ مېڭىپ بىر تۇپراق
بېشىغا كەلدۇق، دادامنىڭ مېنى تۇپراق بېشىدا كۆرۈپ قېلىپ خاپا بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەن
سەل نەراقىدا قاراپ تۇراتتىم ،،،قانداقتۇر جامائەتلەر بىرنېمىلەرنى قېلىپ جېنازا ئېچىدىن ئانامنى
بىر گۈمبەزنىڭ ئېچىگە ئەكىرىپ كېتىتىپ باراتتى ،مەن يەنە يېغلاشقا باشلىدىم ئانا ..!!كەتمەڭ ....ئانا
ئانا ..دەپ بوشقىنە توۋلايتىم ،،، ئانام بىلەن بىللە يۈرگەن،ماڭا كۆينىۋاقتان،
ماڭا نەسىھەت قېلىۋاتقان كۆرنۈشلەر نامايەن بوللاتتى...
ياشلىرىم يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتتى....بۇ يېغىدىن مەن ھېچ
توختايدىغاندەك ئەمەس...

جامائەتلەرمۇ تۇپراق بېشىدىن قايتىپ چېقىشقا باشلىدى ،،،جامەئەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگەندە
ئانام قويغان گۈمبەزنىڭ ئالدىغا بارماقچى بولدۇم يۇ توختاپ قالدىم ...ئۇيەردە ئېككى ئاكام
قوللىرىنى كۆتتۈرشۈپ يېغلامسىرىغىنچە دۇئا قېلۋاتتى...مەنمۇ ئۇلارغا ئەگېشىپ قولۇمنىڭ كۆتۈرۈپ
بايا مەھەللىمىزنىڭ ئېمام ئاخۇنى دېگەن ...ئاپىڭىزنىڭ جەننەتە بولۇشى ئۈچۈن بىزدۇئا قېلىمىز
سېزمۇ دۇئا قېلىڭ دېگەن سۆزلىرنى ئويلاپ شۇ بويىنچە دۇئا قېلىدىم ....

ئاكلىرىمنىڭ چېقىشى بىلەن ئۇلاربىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق....
...ئانام تۈگەپ كېتىپ نەچچە ھەپتە بولا بولمايلا كېلىشمەسلىك كەلگىلى تۇردى..مانا ئەمدى
ئاكىلىرىم بىلەنمۇ ياخشى كۈنلىرىم ئۇزۇنغا بارمىدى....ئۇلۇغ ئاللاھ ..ئېگەم ئۇلارنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن
ئېلىپ كەتتى.....مەن تېخىمۇ يېغلاپ كېتىتپ باراتتىم...مەندە نېمە چارە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ
كەينىدىن كەتكىلى بولمايدىكەن... شۈكرە قېلىش سەۋرى قېلىشتىن باشقا ئامال يوقكەن..
ئۇلار تۈگەپ كېتىپ ...ئەمدى مەن ئاچام بىلەنلا قالدىم ...

ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ مەجبۇرلاپ قايتا-قايتا مەسلىھەتلىشى بويىنچە يېرىم يېلدىن كېيىن
دادام بىزلەرنى بېقىش ۋە ئائېلە ئېشلىرىغا قاراش ئۈچۈن قايتا ئۆلەندى....
دادام بىزگە باللىرىم سىلە تېخى كېچىك سېلەردېگەن ئانا مېھرىگە تەشنا،،مەن سىلەرنى
ئۆزلىرىنىڭ باللىرىدەك كۆرىدىغان بىر ئاپاش بىلەن توي قېلىمەن. سېلەرگە تاماق ئېتىغان،
كېر-قاتلارنى يۇيىدىغان، مەكتەپكە ماڭغاندا نەرسە كېرەكلىرىڭلارنى يۇغۇشتۇرپ ۋە
ناشتىلىقىڭلارنى تەييارلاپ بېرىدىغان بىر ياخشى ئاپشنى ئېلىپ كېرمەكچى ئېكەنلىكنى
تېخى ئۇ ئايالنىڭ روپاش ئېكەنلىكىنى باشقا ئاياللاغا ئوخشىمايدىغانلىقنى ۋە
بىزنى ئۆگەيلىمەيدىغانلىنى دەپ بولۇپ..سېلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر.....دەپ-سورىدى؟
بىزمۇ باشقىچە بىرنېمە دېمىدۇق ...پەقەت باشلىرىمىزنى ماقۇل بولغان ھالەتتە لېڭشىتىپ قويدۇق...

مانا ئۇلارمۇ توي قېلىدى ، توي قېلىپ ئۆيگە كېرگەندىن بۇيان بىزگە شۇنداق كۆيۈندى...
كېم بېلسۇن دەيسىز...ئەسلى ئېش كەينىدە ئېككەن....بىزنىڭ ياخشى كۈنلىرىمىزمۇ يەنە ئۇزاققا
بارمىدى ...دادام بىر ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ بىر ئېشچىسى ئېدى...قول ئاستىدا نەچچەيلەننىڭ بارلىقنى
شۇلارغا باش بولىدىغانلىقىنى بىللەتتىم...
دادام ھەركۈنى دېگۈدەك سەھەردىلا ئېشقا كېتتىپ كەچتە كېلەتتى گايىدا تېخى كەچلىرىدىمۇ كېللەيمەيتى..
دادام ئېشقا كېتىشى بىلەنلا بىزلەرنى سەت ھاقارەتلەپ ئورۇن كۆرپىلەرنى يېغىشقا ئۆيلەرنى تازىلاشقا
ساللاتى ۋە ئەتېگەندە ئوخشۇتۇپ خۇيمەن ئېتشكە بۇيرىتى بىز مەكتەپكە ۋاق قالماسلىق ئۈچۈن
ئاچام ئېكىمىز بۇ ئېشلارنى تېزىراق تۈگىتىشكە تېرشاتتۇق بىزنى ھېلى ئۇنى-ھېلى بۇنى قېل دەپ
ئۆزى بولسا جەينىمازدىن چۈشمەي نېمىلەرنىدۇر بىرنېمىلەرنى ئوقۇيتى...


ھەممنى بۇيەرگە يېزىپ قويسام ئوقۇپ بولالمايدىغاندەك تۇرىسلەر تۇرلەر بويىنچە يېزىپ
داۋاملاشتۇراي بۇ 1-قېسىم بولسۇن...
ئاخرىنى داۋاملىق يوللايمەن........

مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم... يەنە ئاخىرى بار ...

مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە....



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-13 09:18

ئاشلىق سىزنى ئۆلتەرسىمۇ يېمەڭ نامەرد ئاشنى،
سۇلەر سىزنى ئاقتۇرسىمۇ ئۆتمەڭ نامەرد كۆۋرۈكىدىن..!!

توردا
230سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
239 
تېما
33 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 16:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۆز كەچمىشلىرىڭىز ئىكەن ، ياخشى باشلاپسىز تىرىشىڭ دوستۇم ، ياقتۇرۇپ قالدىم . بەكلا كىچىك ئانىدىن ئايرىلىپ مۇشكۈل جاپالارنى تارتىپسىز ، كىيىنكى ئانىدىنمۇ ھالاۋەت كۆرەلمەپسىز ، داۋامىغا تەشنامەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 16:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسىرلىك ، شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ... بەلكىم ، ياخشى نەتىجىلەر بىلەن مۇكاپاتقا ئىرىشىشنىڭ بىردىن بىر تاللىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
740سائەت 
نادىر تېما
دوست
97 
يازما
1526 
تېما
277 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 16:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

2-ئاينىڭ14-كۈنى.‹‹2-قېسىم››.(دەرتمەن يېگىت119)

2-ئاينىڭ14-كۈنى.

2-قېسىمى (دەرتمەن يېگىت119)



گاھى بىز ئۇ ئېشلارنىڭ بىرىنى قېلالمىساق مەكتەپكە بارغىلى قويمايتى ۋە يەنە باشقا ئېشلارغا ساللاتتى..بىز بۇ ئېشلارنى دادام ئېشتىن قايتىپ كەلگەندە بولغان ئېشلارنى دەيلى دەپ ئويلىشاتتۇق يۇ دېيەلمەيتۇق.
چۈنكى دادامنىڭ ئېشتىن ھېرىپ كەلگىنىدە بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى دېيشكە ۋە ئۇ ئاپىمىز بىلەن جىدەللىشىپ كېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتۇق....بىز بۇگىنى دېگەن بىلەن دادام يېنىمىزدا ھەمېشە تۇرمايدۇ-دە...بىزنى يەنە ئۇراتتى ۋە ياكى جازالايتى...
مانا بىز بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قاپتۇق...گاھىدا مەكتەپكە 2-3سائەتلەر كېچىكىپ باراتتۇق،يەنى تېخى بەزىدە پەقەتلا بارالمايتۇق،،،شۇنداق تۇرۇپمۇ ئاچام ئېككىمىز ئۆگۈنۈشتە ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمەيتۇق.
مەكتەپكە بارالمىغان كۈنلىرى ئوقۇتقۇچېلىرمىز بىزنى ئېزدەپ ئۆيگە كېلەتتى ،بۇ ئاپام بىزنى ئوقۇتقۇچېلارغا مەن ئۇلارنى ئەتېگەندىلا مەكتەپكە يولغا سېلۋەتكەن تېخچە بارمىدىما ،ياكى بولمىسائۇرۇق-تۇققانلارنىڭ قېشىغا كەتكەن ئاخشام شۇ يەردە قونۇپ قاپتۇ،ياكى بولمىسا ئۆيگە يوشۇرۇپ قوياتتى.
مانا ئاردىن6-يېل ئۆتۈپمۇكەتتى. دەل بۇ يېلى مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتۈرىدىغان دەل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئېمتىھاننى بىرىدىغان كۈنۈم ئېدى.ئەمەلىيەتتە ئېمتىھاننى قېشلىق تەتېل قېلىشتىن بۇرۇن ئالاتتى مەكتەپنىڭ خېزمە ئېشلىرى تازا يۈرشۈپ بوللمىغاچمىكىن تاڭ بىلمىدىم ئېمتھاننى 2-ئوتتۇرلىرىدا

ئالىدىغان بولغانتى كېيىن ئوقۇتقۇچېلار مەسلېھەتلىشىپ مەكتەپ بويىنچە ئالىدىغان بۇ ئېمتىھاننى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگە توغىرلاپتۇ،دادام ئۈچۈن ئېمتېھان بىرىش ئوقۇش دېگەنلەر بەك ياخشى ئېش ئېدى.
لېكىن ئەپسۇس بۇ ئاپىمىزغا بولسا بىر چوڭ شۇملۇق ئېدى،ئوقۇش ئېمتھانلار
دېسە بىزنى تېللاپ بېشىمىزنى ئوچاق قېلغىنى قېلغان...ئېمتىھان بىرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپلا ئېشىكنى قۇلۇپلاپ مېنى ئۆيگە سولاپ قويدى...بۇ كۈنى ماڭا باشقا كۈندىكىسدىنمۇ ئەڭ ئېغىر كەلدى....قانداق قېلاي دەرىزىنى چېقىپ قېچىپ بىرىپ ئېمتىھان بىرەيمۇ...ياكى ئۇنىڭغا بوي سۇنۇپ ئېمتىھانغا بارمايمۇ.
ئاچام يەنە بىر ئۆيدە سولاقلىق مەن يەنە بىر ئۆيدە سولاقلىق ئىدۇق.
ئەگەر دادام
مېنىڭ ئېمتھانغا بارمىغانلىقىمنى ئۇقسا مېنى ھەرگىزمۇ ئاياپ ئولتۇرمايدۇ،تېلايتى ياكى ئۇراتتى.
بۇلارنى ئويلاپ ئاخىرى مەن دەرىزىنى چېقىپ قېچىپ مەكتەپكە باردىم
مەن بارغاندا ئاللىبۇرۇن ئېككى پەن ئېمتىھاندىن چېقىپ بولۇپتىكەن ..ئېمتھان بىرىدىغان سېنىپقا كېرسەم مېنىڭ باشقا مەكتەپتىن كەلگەن <<كومسىيەلەر>>ئېمتىھان قەغىزىمگە تامغا بىېسىپ قويۇپ كېتىپتۇ.

تېخى يەنە،ئېمتىھان بىرىش چەكلەندى ئېمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيتى يوق ۋەبۇ ئوقۇغۇچى قايتا ئوقۇيدۇ دېگەن سۆزلەر يېزىلغان بىر ۋاراقچىنى كۆردۇم.
كۆزلىرىمگە ئېشەنمەيۋاتقانتىم كۆزلىرىمگە ياش كەلدى..ئېسىمدە يوق ئۇ ۋاراقچىنى تۇتقىنىمچە يېغلاپ ساپتىمەن، تۇيۇقسىز بىر ساۋاقدىشمنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا
<<ئوغاقتىكى ئو ئو >> دېگەن مەسخىرە ئارلاش سۆزلىرى خىيالىمنى بۆلدى..قارىسام
مەن بىلەن بىر مەھلىدىن كېلىدىغان قوشنىمىزنىڭ بالىسى <<ئەسقەر>>ئېكەن ئۇ ئاغزى-ئاغزىغا
تەگمەي مېنى زاڭلىق قېلۋاتتى ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىغا بۇ توغۇرلۇق چۇقان سالغىلى تۇردى.
ئارىدىن بىر ساۋاقدىشم مەندىن سورىدى؟
ھەي !بۈگۈن ئېمتىھان بىردىغان بولغاندىكىن بۇرۇنراق كەلسەڭ بولمامدۇ ؟
دەرىس ۋاقتىدىمۇ كېچىكەتتىڭ..ئېمتھان ۋاقتىدىمۇ كېچىكىپ كېلەمسەن دېدى-ئۇ
مەن ئۇنغا ئۆيدە ئازراق ئېشىم چېقىپ قالغانتى شۇڭا ئۈلگۈرەلمەپتىمەن دېسەم ..
مەن بىلەن بىر مەھەلىك بولغان ساۋاقدىشم ئەسقەر يەنە ئۆگەي ئاناڭنى خاپا قېلىپ قويۇپ سەندە ئۇنداق قېلما ئۇ مۇ بىر ئانىغۇ سەن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قېلىپ ئاناڭدەك كۆرسەڭ بولمامدۇ ؟
دېدى - ھەي بىچچارە دەپ كۈلىۋاتتاتتى،ئۇنىڭ مۇنداق دېيشىدە ئۇنىڭ ئانسى بىزنىڭ ئۆيىمىزگە پات-پات-كېرىپ چېققاتتى ۋە ئۆگەي ئاپام ئېيتىپ بەرگەن يالغان ھېكايىلەرگە ئېشىنىپ ماڭا ئالىيىپ قويۇپ چېقىپ كېتتەتتى....شۇڭا ئۇمۇ ماڭا مۇشۇنداق ئويلاپ قالدى بولغاي.
مەن ئۇنىڭغا ...ئەسقەر ئېش سەن ئويلىغاندەك ئەمەس دېدىم.
ئۇ يەنە ماڭا ۋاي يۈزلىمچى سەن تېخى ئۆزۈڭنى ئاقلاۋاتامسەن مېنى ھېچ ئېشنى بېلمەيدۇ دەپ قاپسەندە ئانام قايسى كۈنى ئۆيۈڭگە كېرسە سەن ئۇ ئايالنى ئۇرىۋاتقاننىڭ ئۈستېگە كېرىپ قاپتىكەنغۇ .
ئۇنى ماڭا ئانام دەپپەردى ئەگەر ئانام توسۇۋالمىغان بولسا ئۆز ئاپاڭنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىدەك ئۇ ئۆگەي ئاپاڭمۇ ئۆلۈپ كېتىدىكەن ھە...؟ دەپ ماڭا كايىپلا كەتتى...
مەن ئۇنىڭغا ئېشلار سەن دېگەندەك ئەمسە مېنى توغرا چۈشەنگىن دېسەم...
ئارىدىن بىر قېز ساۋاقدىشم ...ۋاي <<يېتىم ئوغلاق>> ئەسلى ئۆز ئاپىسىنىمۇ ئاشۇنداق ئۇرۇپ تېللاپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتىكەندە بۇ.
دەپ توختاپ قالدى ،بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر چېلەك
سوغاق سۇ قۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم ۋە شۇنداق ئاچچقىم كەلدى ...ئۇ قېزغا شۇنداق بىر قايلاپ تۇرۇپ بېلمىگەن ئېشىقا سىز تولا ئارلاشماڭ ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس.
دىيشىم بىلەنلا باشقا ساۋاقداشلارمۇ ماڭا باشقىچە قاراپ كېتىتىپ باراتتى...
شۇنداق قېلىپ مەن ئۇلارنىڭ ئارسىدا تۇرپ تەڭلىكتە قېلىۋېرىش ۋە يالغان تۆھمەتلەرنى ئاڭلاشنى خالىماي سېنپتىن قايتىپ چېقتىم.
دە -ئامال يوق ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ،قارىسام ھويلىدا دادام كۈندا ئېشقا ھەيدەپ بارىدىغان ۋېلسىپىت تۇرۇپتۇ.


ئاخىرىنى داۋاملىق يوللايمەن....:


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-13 09:29

ئاشلىق سىزنى ئۆلتەرسىمۇ يېمەڭ نامەرد ئاشنى،
سۇلەر سىزنى ئاقتۇرسىمۇ ئۆتمەڭ نامەرد كۆۋرۈكىدىن..!!

توردا
740سائەت 
نادىر تېما
دوست
97 
يازما
1526 
تېما
277 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

2-ئاينىڭ14-كۈنى‹‹3-قېسىم››(دەرتمەن يېگىت119)

2-ئاينىڭ14-كۈنى....

3-قېسىمى:


ئۆيگە دادام كېلىپ بوپتۇ.دە قارىغاندا بۈگۈن ئېشتىن بۇرۇن چۈشكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم لېكىن قانداقتۇر كۆڭلۈمنى بىر ئەندىشەچېرمىۋالغانتى
چۈنكى ئېمتىھان بەرمىگەنلىكمنى ۋە قايتا قالدۇق بولۇپ ئوقۇيدىغانلىقىمىنى بىلسە دادامنىڭ مېنى تېللايدىغانلىقى ۋە ياكى ئۇرىدىغانلىق تۇرغانلا گەپ مەن ئاستا دادام بار ئۆيگە كېردىم . دە كۆزلىرىمگە ئېشەنمەيلا قالدىم.
ئۆيدە دادام مېنىڭ سېنىپ مەسئۇلۇم يەنە ئۆگەي ئاپاممۇ تۇراتتى.
سېنپ مەسئۇل ئوقۇتقۇچۇم مېنىڭ ئېمتېھان ئېشى توغۇرلۇق دادامنى ئېدارسىدىن چاقىرتپ ئەكلىپ پاراڭلىشپ ئولتۇرۇپ تېكەن . كېرشىمگە ماڭا ھەممەيلەن سوغۇققىنا قايلاپ قويۇپ نەگە بارغانلىقىمنى سورىدى؟
مەكتەپكە باردىم،دېسەم دادام كايىپ كەتكىلى تۇردى دە ئوقۇتقۇچۇممۇ ماڭا باشقىچە قاراپ چېرايىنىمۇ ئاچماي سوغۇققىنا تەلەپپۇزدا،ئۇكام مەكتەپكە بارغان بولسىڭىز مەن ئۆيىڭىزگە كېلىپ يۈرۈپ دادىڭىز بىلەن بۇنداق پاراڭلىشپ يۈرمەيتىم ..يالغان ئېيىتۋاتقىننى قارا دەپلا ئورۇنىدىن تۇرۇپ كەتتى...مېنىڭ مەكتەپتە قېلىدىغان باشقا ئېشلىرىم بارتى مەن قايتاي ئەمسە..دەپلا-ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى..بولىدۇ ئەمسە بالىغا ياخشىراق تەرىبىيە قېلىپ قويسىلا ،بۇ بالىغۇ باشقا باللىغا پەقەتلا ئوخشىمايتى مەن خېلى ئېشەنگەن ئوقۇغۇچۇمنىڭ بىرى ئىدى . ھازىر قايسى ئەسكىلەنىڭ كەينىگە كېرىپ بۇنداق بولۇپ كەتتكىنا.
دەپ ئۆيدىن چېقىپ كەتتى دادام كەينىدىن ئۇزتۇپ قويۇپ كېرىپلا مېنى
ئۇرۇشقا باشلىدى ..ئېسىت ساڭا قېلغانلىرىم سېنىڭ ئورنۇڭدا ئېتنى باققان بولسامچۇھە
دەپ مېنى ئۇرۇپ كېتپ باراتتى ، ئۆگەي ئاپام بولسا بىر چەتتە تۇرۇپ دادامنى تازا
كۈشكەرتىۋاتقانتى،قارسىلا بۇ چېرايلىق يېگىت باللىرىغا ئۆزىنىڭ رەھمەتلىك
ئانسىنىڭ تويلۇققا سېلە ئېلىپ بەرگەن زىبۇ-زىننەتلەرنېمۇ ئەپچىقىپ ئۇتتۇرۋېتىپتۇ
دېگەندەك ئېغىر يالغانلارنى ماڭا توقۇپ تاماششە كۆرۈۋاتقانتى،مەن ئېچىمدە
سەنمۇ بىر ئانا بولدۇڭمۇ ئەمدى..مەن نەدىمۇ قېممار ئوينايمەن ،نەدىكى سېرىتقاچېقىپ ئوينىغۇدەك ماڭا پۇرسەت سېنىڭ سىزىپ قويغان سىزىقىڭدىن تېڭىرقاپ
چېقالماي تۇرسام ،دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە پېچىرلايتىم.
-دادام: ھۇ ئادەم بولمايدىغان كېچىككىنە تۇرۇپ تېخى قېممارمۇ ئوينىدىڭما ھە؟
تېخى رەھمەتلىك ئاناڭنىڭ زېبۇ-زىننەتلىرىنىمۇ ئەپچىقىپ ئۇتتۇرۋەتتىڭ ئەتە ئۆگۈن ئۆيدىكلەرنىمۇ ئەپچىقىپ ئۇتتۇرۋېتەمسەن نېمە ھە؟
قېنى سېنىڭ ئاناڭ ھايات چېغىدا ئەسكى بالىلارغا ئارلاشمەيمەن، قېممار ئوينىمايمەن،تاماكا چەكمەيمەن دەپ بەرگەن ۋەدىللىرىڭ ھە؟دەپ تېلاپ كېتىپ باراتتى مەن ئېشنىڭ ئەسلى جەرياننى دېمەكچى بولۇپ تاياقنىڭ دەستىندىن يېقلىپ كەتكەن ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ دادامغا- ئۇنېڭىغا ئېشەنمىسلە دادا ئېش ئەسلى ئۇنداق ئەمەس دەپ چۈشەندۈرمەكچى بولىۋېدىم ..ئۆگەي ئاپام يەنە شۇم ئېغىزىنى ئېچىپ مۇنداق
- دېدى: بايا ئوقۇتقۇچىسنى ئالداۋاقتان يەردە سېلىگە نوقتا سالماقچى بۇ.. دېيشىگە دادام ئېشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرمەكچى بولغان ئېغىزىمغا قاتتىق بىرى ئۇردى ...چۈنكى دادام بۇ ئۆگەي ئاپامنىڭ يالغان گەپلەرگە ئېشىنىپ مەندىن
بەكلا دېلى رەنجىگەن ئېدى... نېمە يەنە يالغان سۆزلىمەكچىما سەن..ھە ؟
تېخى مەكتەپ باردىم دەيسىنا؟قايسى مەكتەپكە باردىڭ ھە؟
ئېمتىھانغا بارماپسەن تېخى ئۆيدە ئاپاڭنى ناماز ئوقۇشنى ئۆگۈتۈپ قوياي دېسە
تېللاپسەن ھۇ ئادەم بولمايدىغان ...مۇناپىق ..ناماز ئوقۇشنى ئۆگۈتۈپ قويغانلىق
يامان ئېشما ھە...؟ يەنە تېخى ئا ئۆينىڭ دەرىزىسىنى چېقىپ سەن توپ ئويناپ
ساڭا توپلا بولسا بولامدا ھە...؟ يەنى تېخى ئۇخلاپ قالسا يانچىقۇنى ئاختۇرپسەن
تېخى تالادا قېممار ئوينايدىكەنسەن....ھە....ھۇ..ھايۋان ...ئېسىت ئېسىت

دەپ ئۇ ئۆگەي ئاپامنىڭ توقۇپ قويغان ھېكايسىگىلا ئېشنىپ كېتىپ مېنىڭ ئازىراق
بولسىمۇ چۈشەندۈرشىمگە قۇلاق سالمايۋاتقانتى.
دادام مېنى ئۇرۇپ بولۇپ توختىغانداق دەرمەن دەپ ئويلاپ تېمەن ...تېخى
كېم بېلسۇن مېنى بارچە يوق ئەسكى ئېشلار بىلەن توقۇپ دادامغا چېقىشتۇرۇپ بوپتىكەن..مېنى ئۇرغانسىرى ئۇرىۋاتتاتتى ...
قەيەردىندۇر ئاچام يۈگىرەپ كېلىپ دادامنىڭ تايىقىدىن مېنى توسۇۋالماقچى بولۇپ
ئالدىمغا ئۆتىۋالدى...كېم بېلسۇن دادامنىڭ ئۇ ئاچچقىدا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتى..ئاچامنىمۇ نېرىغا ئېتتىرۋەتتى دە مېنىڭ بۇنداق ئوغلۇم يوق
بولدى ئەمدى يوقال چېق ئۆيدىن دەپ ئۇچامدىكى بىر چاپاننى ۋە بىرپوپايكىنى
سالدۇرۋېلىپ بېرئېشتان بىرتال كۆڭلەكچان قولغاپ چېققاردى...
ئۇنىمىساممۇ ئۇنېماي مېنى ئېشك ئالدىغا سۆرەپ ئەپچىقتى...
ئېشكنىڭ ئالدىدا تۇرساڭ مەھەللىدە غۇل-غۇلا بولۇپ كەتمسۇن دەپ مېنى
ئۆيدىن نەراقىغا سۆرەپ ئاپىرىپ قويۇپ نەگە بارساڭ بار ئېككىنجى كۆزۈمگە
كۆرۈنمە دەپ تېللاپ كېتىپ قالدى...
يېغلاۋاتىمەن كۆزلىمنى يەنە ياشلاپ رەھمېتى ئانامنى ئەسلەپ تېخىمۇ يېغا تۇتۇپ كەتتى رەھمەتلىك ئانام بولغان بولسا بۇنداق بولارمىدى دەپ ئويلايتىم.
بىر جايىمدا تۇرىۋېرىپ توڭۇپ كەتتىم ،سوغۇنىڭ شېۋىرغان بىلەن تەڭ
ئۇچقۇنداۋاتقان قارلار مېنى بەكمۇ توڭدۇردى.
مېڭىپ ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قارىسام ئېچىدىن قۇلۇپ سېلىپ تاقاپ قويۇپتۇ...
ئېشىك ئالدىدا ئولتۇردۇم ..خۇلۇم-خوشنىلارمۇ مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ
ئۆيۈمگە ئەپكىرىپ قويۇش ئۈچۈن نەچچە قېتىم ئېشىكنى قېقىپ دادامغا دېدى..
دادام ئەسلا قوشۇلمىدى ...دە يەنە ماڭا ..بۇدا سېنى ئېشىكنىڭ ئالدا يەنە
كۆرۈپ قالىدىغان بولسام بەك تاياق يەيسە ياكى سەندەك بىر نائەھلىنى ئۆلتۈرۋېتىپ
بىلگۈچە تارتقىلقۇمنى تارتىمەن يوقال! دەپ قاتتىق تولىدى .
دادام دېگىننى قېلىدىغان ئادەم ئېدى مەن دادامنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزىدىن ئەنسىرەپ قالدىم،دە ئاستا -ئاستا كۆزۈم قېيمىغان ھالدا ئۆيۈمگە قارىغاچ
ئۇلۇغ ئاللاھتىن دادامنىڭ ۋە ئاچامنىڭ تېننىڭ سالامەت بولۇشنى تېلەپ
يېغلامسىرغىنىمچە مېڭىپ يۈرۈپ خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن.
قارىسام خەلق باغچىسنىڭ ئالدى شۇنداق ئاۋات بولۇپ كېتىپتۇ.
ئەس ھۇشۇمنى يېغىپ ئەتىراپقا نەزەر سالسام ئۇدۇلۇمدىلا مەندىن سەل چوڭ
بولسا كېرەك بىر قېز بالىنىڭ گۈل سېتىۋاتقانلىقنى كۆرۈدۈم..ئۇياقتىنىن -بۇياققا
ئۆتتۈپ كېتىۋاتقان قېز -ئوغۇللارغا گۈل ئېلىۋېلىڭلا...دەپ گۈل سېتۋاتتاتتى

خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىكى بۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ۋە ئۇ قېزنىڭ گۈل
سېتۋاتقانلىقنى كۆرۈپ بۈگۈن نېمە بايرام ئېكەنلىكىن ئېسمگە ئاللمىدىم..
باشقىلاردىن سوراپ باققۇم كەلدى..لېكىن سورىيالمىدىم ...
ئېشتان يانچۇقۇمدا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن سېتۋالغان كېچېككىنە خاتېرە دەپتەر
ئېسىمگە كەلدى دە..ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ بۇگۈنكى كۈننىڭ نېمە بايرام ئىكەنلىكىنى
ئېزدەپ باقماقچى بولدۇم...ئېزدەپ ئاخىرتاپتىم....

بۈگۈن2-ئاينىڭ14-كۈنى يەنى <<ئاشېق-مەشۇقلار>> بايرىمى ئىكەن.




ئاخىرىنى مۇشۇ يەرگە ئېنكاس شەكلىدە يەنە داۋاملىق يوللايمەن..






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-13 09:48

ئاشلىق سىزنى ئۆلتەرسىمۇ يېمەڭ نامەرد ئاشنى،
سۇلەر سىزنى ئاقتۇرسىمۇ ئۆتمەڭ نامەرد كۆۋرۈكىدىن..!!

توردا
235سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1004 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ، لىكىن بۇنىڭ ماۋزۇسى ئانچا قاملاشمىدىمۇ قانداق ؟

توردا
197سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1384 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ھا ھا ...
2-ئاينىڭ 14- كۈنى ..

توردا
740سائەت 
نادىر تېما
دوست
97 
يازما
1526 
تېما
277 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
herep يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 17:25
ياخشى يېزىپسىز ، لىكىن بۇنىڭ ماۋزۇسى ئانچا قاملاشمىدى ...


ئايىغنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەققىيقىقەتەنمۇ ماۋزۇسى بىلەن زېىچ مۇناسىۋېىتى بارلىقىنى بىلىسىز دوسىتۇم...
ئاخىرىنى مەن ئېنكاس شەكلىدە يوللاي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-2 17:36

ئاشلىق سىزنى ئۆلتەرسىمۇ يېمەڭ نامەرد ئاشنى،
سۇلەر سىزنى ئاقتۇرسىمۇ ئۆتمەڭ نامەرد كۆۋرۈكىدىن..!!

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
336 
تېما
17 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 18:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسىرلىك ، شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ... بەلكىم ، ياخشى نەتىجىلەر بىلەن مۇكاپاتقا ئىرىشىشنىڭ بىردىن بىر تاللىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

توردا
10سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
34 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-2 21:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەسىرلىك ، شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ داۋامىغا تەشنامەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-19 10:32

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.