بىكەت رەھبەرلىك كوللىكتىۋىگە ... << ئىز >> تور بىكىتىدىكى بارلىق جاپاكەش بىكەت باشلىغى ۋە كىچە - كۈندۈز ھاردىم - تالدىم دىمەي ئىزتىراپسىز ئىزدىنىش ئىچىدە بىزلەرنى يىتەكلەپ مېڭىۋاتقان باشقۇرغۇچى خادىملاردىن ھال - ئەھۋال سۇراشقا نىسىپ بولۇپتۇ . ھەرقايسى مەسئۇل خادىملارنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىزدىنىشى ئارقىلىق بىكەتتە خېلى ياخشى تىپ ۋە ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ . كۈرۈلىۋاتقان يېڭىلىقلارمۇ ئاز بولمايۋاتىدۇ ... سىللەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىڭلاردىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ... بۇنىڭدىن كېيىن بىزگە ياخشى يېتەكچى ۋە باشلامچى بولۇپ ياخشى نادىر نەتىجىلەرنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن ... مەخسەتكە كەلسەك : باشقۇرغۇچى : ئالىمجان ئەپەندىمنىڭ بىكەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بىر بۈسۈش ئېلىپ كەلگەن ، بىكەتتىكى تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى باھالاش ، مۇكاپاتلاش ... قاتارلىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقىدىن كۆپ مىننەتدارمەن ... ئۇختۇرۇش تۇنجى چۈشكەندە ، مەن ئېنىقلا پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ، مەخسىدىم مۇكاپات ئەمەس ، ئەجىرسىز مۇكاپاتلارنى ئېلىشنى ئىستەپ باقمىدىم ( بۇنداق دىسەم كۆڭلىڭلارغا ئېلىپ كەتمەڭلار ... ) . مەن ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرنى دىگەندەك ياخشى قاملاشتۇرۇپ كېتەلمەيمەن ... شۇنداقتىمۇ ياخشىراق چىققانلىرىنى (مېنى دىگەنلىك ئەمەس ، باشقا دوسىتلارنىڭ دەيمەنغۇ ، ) بىكەتتىن ۋاكالىتەن نەشىرياتقا ئاپىرىپ شۇ جاپاكەش ئىجاتكارنىڭ نامىدا ئىلان قىلدۇرىدىغان ئىشلارنىمۇ ئويلۇشۇپ باقساق ۋە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شۇ تىرىشچان دوسىتتىمىزنىڭ ئۈزىگە ئۇختۇرۇش شەكلىدە ئۇختۇرۇپ قويساق بۇمۇ شۇ دوسىتلارغا قارىتا بىر مۇكاپات بولىدىغۇ دەيمەن ... ئارتۇق سۆزلەپ سىلەرنىڭ غەزىپىڭلارغا قالماي ... بۈگۈن ئەتىگەن بىر يازما يەنى شېئىر يازغان ئىدىم ، ئويلانمايلا مۇنبەرگە شۇنداقلا يوللاپ بېرىپتىمەن ، كېيىن ئويلۇنۇپ سىللەر يولغا قويغان سەھىپىگە يوللاپ بولۇپ بەكلا خىجىل بولۇپ كەتتىم ... ھەقىقەتەن ھاماقەتكەنمەن ... بەكلا دۆتلۈك قىپتىمەن ... سىللەر مۇكاپاتقا پەقەت بىرلا ئەسىرىنى ياكى ئىجادىيىتىنى قاتناشتۇرسا بولىدۇ دەپسىلەر ، بۇنىڭدىن ئارتۇق قاتناشتۇرساق بولمامدۇ ؟ ... مېنى كەچۈرۈلار ... ئۇستىنىڭ ئالدىدا ئۇستاتلىق قىلىپتۇ دىگەندەك قاملاشمىغان قىلىق بولدى . ۋاقتىڭلارنى ئېپ قويدۇم ... كاللاڭلارغا بەك كىرگۈزىۋالماي ، شۇنداق ئاددىيلا كۈرۈپ ئۈتۈپ كەتسەڭلار بولىدۇ ... رەھمەت ! ... |