ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئـانـا...(ئۇيغۇرىيە)
كۆرۈش: 1069|ئىنكاس: 13
go

ئـانـا...(ئۇيغۇرىيە)    

توردا
26سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
47 
تېما

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 11:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئانا ...
قۇياش مۆككەن سېنىڭ قوينىڭغا ،
جەننەت نېمە تەبەسسۇمىڭغا .
بىر بۈگۈننى ئەتىگە ئۇلاپ ،
چۆگىلەپ بارار ،يادرو قىپ دۇنيا .@


ئانا سەن كەتتىڭ ، مېنى چەكسىز ئۈكۈنىش ،پۇشايمانغا دوست قىلىپ قۇيۇپ كەتتىڭ . ئەمدى يىغلاپ بېشىمنى تاشقا مىڭ ئۇرساممۇ سېنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمەن . پەقەتلا يۈرىكىمنى چىرمىۋالغان پۇشايمانلىرىمنى مۇنۇ بىچارە كۆزلىرىمنى مانال قىلىشتىن باشقا مەندە نە چارە بولسۇن !
سەن دائىم بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ :_ جېنىم قوزام سەن مېنىڭ پەرىشتەم ، سەن مېنىڭ پۇت -قۇلۇم ، سەن مېنىڭ يۈرەك پارەم ، شۇڭا ئاناڭنىڭ ئارزۇ ئۈمۈتلىرىنى قەلبخانەڭگە مەھكەم مۆھۈر قىلىپ كوكتە پەرۋاز قېلىشىڭ كېرەك ،_ دەپ ، مېنى ئاشۇ پەرىشتىگە ئوخشۇتاتتىڭ . مېنى بۇ دۇنياغا بىر ئۈلۈم بىر كۆرۈم بىلەن ئاپرىدە قىلغاندىن باشلاپ ، پۈتۈن ھوجودىڭ بىلەن ماڭا ئۆز ئەجرىڭنى سېڭدۈردىڭ . ۋۇجۇدۇڭنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جەۋھىرى –ئوغۇز سۈتىنى ماڭا بەردىڭ ، ماڭا تۇنجىى بۇلۇپ ‹ئانا› دىيىشنى ئۆگەتتىڭ .‹ئائىلە بىرىنچى مەكتەپ › دەپ ،سەن ماڭا نىمىنى ئۆگەتسەڭ شۇنى ئۆگەندىم . سەن ماڭا قان بەردىڭ ، سۈت بەردىڭ ، تىل ئۆگەتتىڭ ، سەن ‹قارا› دىگەننى‹ قارا› دىدىم ، ‹ئاق › دىگەننى ‹ئاق › دىدىم .

مۇشۇنداق قىلىپ بارا –بارا چوڭ بولدۇم ،سېنىڭ بىر چاغلاردىكى لېۋەن ياشلىق چاغلىرىڭغا ئوخشۇدۇم . سەن ماڭا مۇھەببەتنى ، نەپرەتنى ھېس قىلدۇردىڭ . سۆيەلەيدىغان ،نەپرەتلىنەلەيدىغان ،كۈلەلەيدىغان ،يىغلىيالايدىغان ، شۇنداقلا گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقالايدىغان ، ئاپتاپتەك كۈلۈپ قۇياشتەك تەبەسسۇم قىلالايدىغان قىلىپ تەربىلىدىڭ .ھايا ،ئەخلاق شۇنداقلا قىزلىق نازاكەتنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە قەيسەر ئىرادە ،قارشىلىق كۆرسۈتۈش روھىنى ئۈگەتتىڭ .ئەرلەر بىلەن مەرتىۋە ،ئورۇن ،دەۋاسى قىلىشنى ئەمەس ،بەلكى ئۈن -تىنسىز قۇربان بېرىشلەر داۋامىدا ،سەل قاراشلار داۋامىدا يوقىلىشقا يۈزلەنگەن كىشىلىك قەدىر- قىممەتنى كۈرەشچان روھنى ،يېڭى ھاياتى كۈچكە تولغان ئىجادى خىسلەتنى تىكلەشنى ۋە ئۇنى بېيىتىشنى ئۆز مېھر- مۇھەببىتىمىنىڭ مەڭگۈلۈك دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈگەتتىڭ .
ماڭا ساختا گۈزەللىك،ساختا شۆھرەتپەرەسلىك دۇنياسىنى تۇنۇشتۇرماي ،ئىللىقلىق ،يۇرۇقلۇق ،بەخت جىلۋىسىنى پارلىتىشنى تۇنۇشتۇردۇڭ .بۇنىڭلىق بىلەن قەلبىم يۇرۇپ ، سېنىڭ ئەجىر توھپەڭدە دېمىسىمۇ ساغلام ، شەرمى -ھايالىق ،نازاكەتلىك ، ئېرادىلىك ،قەيسەر قىز بۇلۇپ چوڭ بولدۇم . ھەم سېنىڭ ئەجىر توھپەڭنىڭ تۈرتكىسىدە گۈزەللىكنىڭ نېمىلىكىنى ، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشۈنىپ يەتتىم .

مانا ئەمدى ئىنساننىڭ بەخت بۆشىكى، جەننەت ماكانى دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىللىق ئائىلەممۇ بار بولدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ماڭا قىلغان مېھنەتسىز تەرىڭنىڭ بەدىلى ئەمەسمىدى ؟!
قايسى بىر كىتاپتىن‹ ئاتا –ئانىلار ئېسىل بالىلارنى تەربىلەيدۇ ، ئوخشاشلا مۇنەۋەر پەرزەنتلەر ئۆزلىرىنىڭ توغرا ئىش ھەركىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى يېڭى زاماننىڭ خوشاللىقلىرىغا شېرىك قىلىدۇ › دەپ كۆرگەن ئىدىم . دىمىسىمۇ ئەمدى سېنى شۇ خوشاللىقلارغا شېرىك قىلاي دىگەندە ،ۋاقىتسىزلا كېتىپ قالدىڭ .
كونىلارنىڭ <مەن كۈيەرمەن بالامغا ،بالام كۈيەر بالىسىغا > دىگەنلىرى ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن . سەن مېنى تەربىلەپ جەمىيەتكە بىر كىشلىك ئادەم قىلدىڭ ، سېنىڭ ئارزۇيۇڭ بۇيىچە مەنمۇ بەختلىك ئائىلەمدە ئۆز مەسئۇليىتىمنى ئادا قىلىپ ، ئۇماق پەرزەنتلىرىمنى ئەخلاقلىق ، ئىرادىلىك قىلىپ تەربىلەشكە بەل باغلىدىم . ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىلگىركىدەك سېنىڭ ھالىڭدىن كۈندە خەۋەر ئالالمىدىم ، كۈندە قېشىڭدا تۇرۇپ پۇتۇڭغا پۇت ،قۇلۇڭغا قول بۇلالمىدىم . پەقەت ۋە پەقەت قۇلۇمدىن كەلگىنى شۇ بولدىكى ، كۈندە نەچچە رەت تېلفۇندا ھالىڭنى سوراپ ،ھەپتە ئاخىردا يېنىڭغا بارالىدىم خالاس . سەن يولىمغا تەلمۈرۈپ ، ھەپتە ئاخىرىنىڭ تېزراق كېلىشىنى كۈتۈپ ،ئىشىكتىن كۆزىڭنى ئۆزمەي ئولتۇرغان ۋاقتىڭدا ، مەن بالىلىرىم ، ئۆز ئۆيۈم ئۈچۈن پاي –پېتەك بۇلۇپ يۈرگەن ۋاقتىم بولدى .

بىلەمسەن ئانا ، ئانا بۇلۇپ سېنىڭ نەقەدەر قەدىرلىك ،ئۇلۇغ ئىنسانلىقىڭنى بىلىپ يىتىپ ، ئەمدىلىكتە ساڭا جاۋاپ قايتۇراي دىگەن ۋاقتىمدا ، قەلبىمنى پۇشايمانغا نايىل قىلىپ قۇيۇپ كېتىپ قالدىڭ . مەن تېخى سېنى ئېلىپ جاھاننى بىر چۆگۈلتۈپ جاھاندىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئۆز كۆزىڭ بىلەن كۆرسىتىپ كەلمىگەن ئىدىم ...
سەن مەن ئۈچۈن ،مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ،مۇشۇ بوۋامدىن مىراس قالغان كېچىككىنە ئىككى ئېغىزلىق كېسەك ئويدىن ھېچ يەرگە بېرىپ باقمىغان ، پەقەتلا تېلۋىزوردىن جاھاننىڭ تەرەققىياتلىرىنى كۆرگەن ئىدىڭ ئەمەسمۇ ؟! سەن ئۈچۈن يەنە . يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى كوڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم ، ئەپسۇس . ئەمدى دىگىنىمنىڭ نىمە ھاجىتى قالدى ؟!
لېكىن ئانىلارنىڭ كوڭلى –كوكسى نىمانچە كەڭ بۇلىدىغاندۇ ؟ سەن قىلچىمۇ مەندىن ئاغرىنمىدىڭ ، بەلكى مەندىن رازى ئىكەنلىگىڭنى دېدىڭ . ئەڭ ئاخىرقى نەپسىڭدىمۇ ئىنساننىڭ قەدىرلىكلىكىنى ،مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ،ھاياتنىڭ قىسقا ھەم تولىمۇ بىباھالىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇپ كەتتىڭ ...
ئانا ، خاتىرجەم كېتىۋەرگىن . تاش تېپىشنى بىلگەن ئەۋلادنى پۇتبول چولپىنى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقالىغۇدەك بىر پىشقان ، تەقۋادار ئانا بۇلۇپ ، پەرزەنتلىرىمنى جەمىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىلەشكە تېرىشىمەن . ھەرگىزمۇ تۇغما تالانتلىق خاسىيەتلىك پەرىشتىنىمۇ دالىدىكى گىياھتەك ئۈن – تىنسىز نابۇت قىلىپ تاشلىۋېتىدىغان بىر لايغەزەل ئانا بولمايمەن . بۇ سېنىڭمۇ ، مېنىڭمۇ شۇنداقلا بارلىق دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ ئارزۇسى !



@ئىزاھات:بۇ شېئىر يىلتىزىڭ بۇلايمۇ يۇلتۇزۇڭمۇ دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى ، شۇ كىتاپتىن پايدىلنىپ يېزىلدى



مېھرى ئىجادى ئەسەرلىرى
2010-يىل-12-ئاينىڭ-8-كۈنى ئۈرۈمچى




قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
47سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
173 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 13:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز،

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
45 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 14:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ، ئاتا - ئانىنىڭ ئەجرىنى قانچە تەرىپلەپمۇ تۈگىتەلمەيمىز .

توردا
9سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 16:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمدى تىخمو يىقملىق بىلىنۋاتسىز....

توردا
369سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
634 
تېما
31 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 17:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىدىگەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئۇقۇۋىتىپ كۈزۈمگە ياش كەلدى . تىمىڭىز بالىلارنى قانداق تەربىيلەشنى بىلمەيدىغان ئانىلارغا زۇر ئىلھام بولغۇسى.

توردا
149سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
267 
تېما
22 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 19:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئىسىل يازما ...

ئانا جىنىم ئانا .. سىزنى سۆيىمەن ..

Rank: 8Rank: 8

توردا
352سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
428 
تېما
225 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-5 23:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇيغۇرىيە ياخشىمۇسىز؟ سىز «دىيارىم» مۇنبىرىدىكى «ئۇيغۇرىيە» بولامسىز؟
سىزنىڭ «ئىز» مۇنبىرىگە باسقان قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابار.
بۇندىن كېيىن پات-پات كىرىپ تۇرۇڭ، سىزنى ھەر ۋاقىت قىزغىن قارشى ئالىمىز~!

توردا
26سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
47 
تېما

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-7 12:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەڭگۈتاش ئەپەندىم ، مەن دىيارىمدىكى ئۇيغۇرىيە ئەمەس !
بۇندىن كېيىن كېرىپ تۇرۇمەن . كوپرەك تەلىم بېرەسىز .

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-11 06:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئانىلار مىللەتنى تۇغالايدۇ. تەكىتلەش زۆرۈركى،پەقەت لاياقەتلىك ئانا بولالىغىنىدا!

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
727 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-28 13:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ ياخشى يېزىپسز .مەزمۇنى رەسىملىرى مۇزىكىسى بەكمۇ ماسلىشپتۇ .......رەھمەت سىز گە ........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 14:23

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.