ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

رېستوران ئىچىدە ئايلىنىدۇ يەر،
ئايلىنار مۇزىكا،ئايلىنار يۈرەك.
ئادەملەر ئۇنتۇغان ئازابنى بۇدەم،
بۇ يەردە ئولتۇرغان مېنىڭدىن بۆلەك.

تاملارغا چاپلاشقان كۆكۈش ئىس تامام،
ئەتراپىم گوياكى تۇمانلىق جاھان.
يۈرىمەن بۇ يەردە ئۆزۈمنى ئىزدەپ،
ئېھ، مېنى تاپمىقىم ئاساندۇر - ئاسان.

مېڭەمنى كۆيدۈرەر ھاراقنىڭ بۇسى،
چەلەڭگۈش كۆزلىرىم يەرگە تىكىلگەن.
مانا بۇ مەن كۆرگەن مەشۇم رېئاللىق،
مانا بۇ ئازابقا باغلىنىش دېگەن.

سۈكۈتلىك قەلبىمدىن كۈتۈردىم پەرياد،
نېرى تۇر مېنىڭدىن ئەمدى رېستۇران.
ئۆزۈمنى ئېپ قاچقۇم كەلدى سېنىڭدىن،
رېستۇران بولمىغان سەھرالار تامان...

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-8 13:24
|