ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش ھەققى بېلەت باھاسى ...
كۆرۈش: 23|ئىنكاس: 0
go

پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش ھەققى بېلەت باھاسىنىڭ %5ى بويىچە بولىدۇ

توردا
48سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
410 
تېما
77 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خەلق گېزىتىنىڭ 15-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-سېنتەبىردىن باشلاپ، تۈمۈر يول تارماقلىرى بېلەت قايتۇرۇش ئۆلچىمىنى تەڭشەيدۇ ھەم سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق ئېلېكتىر پويىزنىڭ بېلەتلىرى تور ئارقىلىق سېتىلدۇ.
  يېڭى بىلەت قايتۇرۇش بەلگىلىمىسى: پويىز مېڭىشتىن بۇرۇن قايتۇرۇلغان بېلەت ئەسلىدىكى %20 بويىچە قايتۇرۇلۇشتىن ھازىرقى %5 بويىچە قايتۇرۇلۇشقا تەڭشەلدى. بېلەت قايتۇرۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئىككى يۈەن بولىدۇ.
  سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر پويىزنىڭ بېلەتلىرى تور ئارقىلىق سېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جىڭجۇ-شىئەن ئېلېكتىر پويىزنىڭ بېلىتى بىلەن ۋۇخەن-گۇاڭجۇ ئېلېكتىر پويىزنىڭ بېلىتىنى تور ئارقىلىق سېتىش 20-سېنتەبىر ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ گۇاڭجۇ-شېنجىن، شاڭخەي-نىڭبو، شاڭخەي-خاڭجۇ، گۇاڭجۇ-جۇخەي، خەينەن شەرقى ئايلانما، چېڭدۇ-دۇجاڭيەن ئېلېكتىر پويىزنىڭ بېلەتلىرىنى تور ئارقىلىق سېتىش 22- سېنتەبىر ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ باشقا ئېلېكتىر پويىزنىڭ بېلەتلىرىنى تور ئارقىلىق سېتىش 30-سېنتەبىردىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يولۇچىلارنىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىۋىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، تۈمۈر يول تارماقلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تېلېفون نومۇرى «12306»نى بىرلىككە كەلتۈردى، يولۇچىلار تۈمۈر يول مۇلازىمەت مەركىزى تورىwww.12306.cn))، «12306» تېلېفونى ئارقىلىق پويىز قېتىم سانى، ۋاقتى، بېلەت باھاسى، ئېشىنچا بىلەتلەرنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.


مەنبە: "خەلق تورى".
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-26 10:23

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.