ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار يىڭىدىن، ئىككى سىسىق گەپ(باغۋەن)
كۆرۈش: 270|ئىنكاس: 9
go

يىڭىدىن، ئىككى سىسىق گەپ(باغۋەن)

توردا
217سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
586 
تېما
160 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 12:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باشقا يۇرىتتىن كەلگەن بىر دوستىمىز، شەخسى ماشىنىسىنى ھەيدەپ قەشقەرگە دوستلىرى بىلەن ئوينىغىلى بېرىپ ھېيىتگاھ جامەسىنى ئايلىنىپ بولۇپ، بىر ئىش بىلەن كىرەمباغ دوختۇرخانىسى تەرەپكە بارماقچى بولۇپتۇ. شوپۇر ماشىنىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاچ خېلى بىر يەرگىچە يولنىڭ ئوتتىرىسىدىكى ئايرىش سىزىقىنى دەسستىپ مېڭىپتۇ. شۇ تەرىقىدە بىردەمدىلا ئىككى قاتناش ساقچىسى ساقچى موتسىكىلىتى بىلەن ئولارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىپ، ماشىنىنى چەتكە توختۇتۇشنى بۇيرۇپتۇ.
ئارىدىكى بىر قاتناش ساقچىسى شوپۇرغا قاراپ پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەچ :
ۋاي تۇققۇنۇم سىلىدىن بەك ئەنسىرىدىم جۇما، ئادىل ھوشۇرنى بىرچەتكە قايرىپ قويغىدەك بالىكەنلا، مۇشۇنچىلىك سىزىقتىنمۇ يىقىلىپ چۈشمەي ماشىنا بىلەن خېلى بىر يەرگە بارالايدىكەنلا ھە ، جىنىس دۇنيا رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىۋاتامتىلە يە ؟ چۈشسىلىيە ماشىنىدىن ئاپىلىرى ئولتۇرغۇزۇپ قويمىغاندىكىن، مەسىلە ماۋۇ قاتناش قانۇنىنى ياخشىراق ئۈگەنسىلە ، بىردەمدىن كېيىن سورايمەن - دەپتۇ.
شوپۇر چۈشۈپ ئۈگىنىۋاتقاندا ماشىنىدا ئولتۇرغان ئاغىنىلىرىدىن بىرسى ؛ ھەي - قېتىغا ئازراق پۇل سېلىپ ئۈگۈنۈپ بولدۇم دەپ بىرىۋەت دەپتۇ.
شوپۇر دەرھاللا 50 سومنى قېتىغا سېلىپ قاتناش ساقچىسىغا سۇنۇپ، - ئۈگۈنۈپ بولدۇم ، دەپتۇ.
قاتناش ساقچىسى يوغان بىرنى ئالىيىۋىتىپ - بەكلا تىزغۇ، بۈگۈن ئېينىشتىيىننى تۇتىۋالدىقمۇ نىمە ؟ نەچچە ماددا ئۈگەندىلە ؟ دەپتۇ.
شوپۇر - 50 دىيىشىگە، قاتناش ساقچىسى بولمايدۇ ، بولمايدۇ، سىلىگە باشلانغۇچتا ساننى 50 دىن ئاشۇرۇۋەتمە دەپ ئۈگەتكەنما ، سىلىگە خەت ( بانكىغا تۆلەيدىغان ) لازىم ئوخشىمامدا ؟ دەپتۇ ، شوپۇر دەرھاللا يەنە 50 سومنى سېلىپ مانا 100 گە بارغۇچە ئەستە تۇتالايدىكەنمەن ، ئۇنىڭدىن جىقنى ئەستە تۇتۇشۇم بەك تەس ئاكا . مەن باشقا جايدىن كىلىشىم بەك چارچاپ قاپتىمەن ، دەپتۇ.

قاتناش ساقچىسى ؛ - بوپتۇ بۈگۈن بىرىنجى قېتىمكەن دىققەت قىلسىلا ، ما قېتىم يەنە تامدىن ئارتىلىپ ( سىزىقتىن ) قوشنىلىرىنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپ كەتسىلە دەسسەپ مىجىقلىرىنى چىقىرىۋەتمىسۇن ، ئۇچاغدا سىلىگە ئۈگۈتەي دەپمۇ ئۈگۈتۈپ بولالمايمەن جۇما ، ماڭسىلىيە - دەپ ماڭدۇرىۋېتىپتۇ.

------------------------------------------------------------

------------------------------------------------------------

قىستۇرامتىلە


بىر تۇنۇشۇم ( ئەر كىشى ) قەشقەرگە بېرىپ كوچا ئايلىنىۋېتىپ قۇرسىقى ئاغرىپ كېتىپتۇ. ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىزدەپ ئاران تېپىپ پۇل تۆلەش ئېسىدىن چىقىپ كىتىپ ئۇتتۇرلا ھاجەتخانىغا مېڭىپتۇ، پۇل ئېلىش ئورنىدا 10 ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر ئوغۇل بالا پۇل ئېلىۋاتقان ئىكەن ، ئۇ بۇ كىشىنى كۆرۈپ دەرھاللا چاقىرىپ - ھاجىم دادا ، ئۇ تەرەپتە سايلىق يوق، يېنىمغىراق كەلسىلە بارىدىغان جايلىرىنى دەپ بىرەي - دەپتۇ. بۇ كىشى دەرھاللا پۇل تۆلىمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ پۇل تۆلەپتۇ. بالا بىر ۋاراق تازلىق قەغىزى بېرىپتۇ. تونۇشۇمنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغاچقا قەغەزنى ئاز كۆرۈپ ، يەنە بىر ۋاراق بەرسىلە دىيىشىگە ؛ بالا - ھاجەتكە ئىشلەتكىلىمۇ ياكى قىستۇرغىلىمۇ دەپتۇ .



مەنبە: كۆرگەنلىرىم....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaharbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-17 12:54

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
3022 
تېما
362 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 15:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ھا ...قەشقەرنىڭ گەپلىرى باشقىچە جۇمۇ چوڭ كىچىك،قېرى،ياش ھەممىسىنى كۈلدۈرۈپ جېنىنى ئالمىسىمۇ ئويلاندۇرۇپ ئالىدۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
842سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
78 
يازما
1727 
تېما
254 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 15:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەشمۇ يەرگە ئۇغۇت بولغۇدەك،يۇمرىستىك ھەم قىزقارلىق ،سېسىق گەپلەركەن.باغۋەنكام قەشقەرلىق ئوخشىماملا قارغاندا؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
249سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
334 
تېما
74 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 15:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
5مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك گەپلەر كەنغۇ...

بولۇپمۇ ئۈستىدىكى...

Rank: 8Rank: 8

توردا
249سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
334 
تېما
74 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 16:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ئاڭلىغانلىرىمدىن قالدۇرۇپ قوياي...

بىر مەكتەپ ياتىقىدا قەشقەر توغۇرلۇق پاراڭ بولىنىپ قاپتۇ.ئارىدا بىر بالا سەكرەپ تۇرۇپلا،قەشقەرلىك گەپكە ئۇنداق يامان مۇنداق يامان دەيتىڭلار،ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ دەپتۇ.ئارىدا قەشقەرلىك بالىلارمۇ باركەندۇق.قانداق دەيسەن دەپتۇ بىرى.قايسى كۈنى بازارغا ئاياق ئالغىلى بېرىپ بىر دۇكانغا كىردىم.ئارىدا بىر ئاياققا كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ باھا تالىشىپ قالدۇق.150كوي دەپ تۇرىۋالدى.مەنمۇ باھا تالىشىپ80كوي بېرەي دىسەم،1پېيىغىمۇ يا دەيدۇ.ئاكا تولا چاقچاخ قىلماي،100 كويگە بېرەملا دىۋىدىم،ئۇكام، ئاۋال بىر ئى، ئاياقلىرىنىڭ يىپىنى ئوڭشىۋالاملا دەيدۇ.مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي يېنىپ كەلدىم دىۋىدى،ياتاقتىكى بالىلار پاراققىدىلا قورساق تۇتۇپ تېلىقىپ قاپتۇ.ھېلىقى بالا نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي سوراپ تىكەن،نېمە دەپتۇ بىلەمسىلەر؟ ئەلۋەتتە بىلمەيسىلەر مەن دەپ بەرمىسەم قانداق بىلەلەيتىڭلار.

بوپتۇ دەپ بېرەي،يەتمىگەن يېرىگە بىرنى تازىم قىلامسىز يا دېگەن مەنىدە دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-17 16:27

توردا
217سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
586 
تېما
160 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 17:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش fatima نىڭ يازمىسى

قانداق بىلىۋالدىڭىز ،مەن راس قەشقەرلىك

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
502 
تېما
102 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 20:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش fatima نىڭ يازمىسى

شۇنى دىمەمسىز

توردا
303سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1335 
تېما
28 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 13:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىسىق گەپ دىسىلا خۇيۇم تۇتىدۇ مىنىڭ .........

توردا
154سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
344 
تېما
16 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 20:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمانداق قىززىق

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
212 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا........................................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-26 10:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.