ئىزقىزلىرىغا
ئىزقىزلىرى قۇلاق سېلىڭلار، دېرىزە چاقىمەن بۈگۈن چاخچاقتا. يازمامنى ھېچكىمگە باغلىۋالماڭلار، قاپاقمۇ تۈرمەڭلار مەندەك ئەخمەققا. ******************************* ******************************** ******************************** سۈڭگۈچتىن مارىساق ئىزنىڭ قىزىنى، قەلىبكە دۇمىلاپ ئاقتى بىرتال چوغ. سا قۇش بۇپ ئوۋلىماق بولساق ئۇلارنى، يۈرەككە يامغۇردەك ياغدى مىڭ تال ئوق.
جاھانغا ئوت قۇيۇپ يۈرىكىڭلاردىن، گۈلخانغا ئايلاندى ھەرقەلىب مانا، يىگىتلەر مۇنەككە ئايلاندۇق بىردىن، پەدىسىز مۇڭلىنىپ بولدۇق بىناۋا.
ئىزدا ئىز، ئىزلىدۇق، ئىزىڭنى ئىزدەپ، ئىزىڭدا ئازىمىز، ئىزسىز ئىز قىزى. بىرشىرىن گىپىڭ يوق، ياكى بىر بەلگەڭ، يۈرەككە مەلھەمدۇر ئىزقىزىنىڭ سۈزى.
قاچاندىن دىۋەيلەپ چۈشتۇق ئىزىڭغا! شۇچاغدىن باشلاپلا كۆيدۇق تاراسلاپ. سىلەرنى كۈيلەشكە ئاجىزلىق قىلىپ، بەش-ئالتە قەلىمىم سۇندى قاراسلاپ.
سىلەرگە كۈي تۆكتۇق چىن مىھرىمىزدىن، تىلسىم بۇپ قالمىسۇن تاتلىق ئۈمۈتلەر. شۇئار قىپ توۋلايلى يىگىتلەر قېنى، ئىزقىزى سىلەرگە ئاشىق يىگىتلەر.
ھوجرىنى قاپلايدۇ چۈشتە ئىزىڭلار، ئاشىق بۇپ كۈيۈشمۇ تاتلىك ئازاپكەن. سۈيۈلمەي سۆيگەندە، ئوت ئۆچكەن بىلەن، يۈرەكتە مەڭگۈگە تارتۇق قالاركەن.
زىيادە تۇغۇلۇپ قالماس ھېچ ئىنسان، بىزلەررلا تارتامدۇق باچە ئەلەمنى. كۈرەڭلەپ كەتمەڭلار ئىزنىڭ قىزلىرى، يىگىتمۇ بىلىدۇ تاش بۇپ قېتىشنى.
خاتىرەمدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا artikin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-8 14:19
|