جەلىپ قىلارلىق ئايال بولۇڭ
ئاياللارنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچى ھەرگىزمۇ كېلىشكەن چىراي ۋە كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان تاشقى قىياپەتتىلا ئەمەس.ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ سالاپىتى ۋە خاراكتېر گۈزەللىكىدە بولىدۇ. سىزنىڭ تۇغما ساپارىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، پەقەت ھازىردىن باشلاپ تىرىشسىڭىزلا، چوقۇم جەلىپ قىلارلىق ئايال بولالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
. يۈزىڭىز پاكىز، تازا بولسۇن. بۇ قېنىق گىرىم قىلىنغان يۈزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق بولىدۇ.
. ساغلام، شوخ، تېتىك، قىلىقىڭىز تەبئىي بولسۇن.راۋرۇس قىياپەت، سەمىمىي كۆرۈنۈش،قىزغىن كۈلۈمسىرەش، يەڭگىل ئاۋاز قاتارلىق گۈزەل قىلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنى ماگىنىتتەك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.
. ئەقىللىق، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان، ئۆزلۈكسىز ئۆزىڭىزنى تولۇقلاپ تۇرىدىغان بولۇڭ.ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان گۈزەل چىراي ئۆزىگە ئىشىنىدىغان سەت چىرايدەك ئادەمنى ئۆزىگە تارتالمايدۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز چوقۇم چىرايلىق بولالايسىز.
4. ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ،ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ. ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، بۇنداق ئاياللار تەمكىن، قىياپىتى تەبىئىي، يۈرۈش-تۇرۇشى سېھىرلىك بولىدۇ.
. ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم بولۇڭ، باشقىلارغا يېقىملىق مۇئامىلە قىلىڭ.
. ئاددىي ئاياللىق قەلبىڭىز بولۇشى كېرەك.ھازازۇللۇق قىلماڭ، ھەرقانچە ئىقتىدارلىق ۋە گۈزەل بولۇپ كېتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىي بىر ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز ، بۇرچىڭىزنى تىرىشىپ ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. E
7. يۇمۇرىستىك، ئوچۇق-يورۇق بولۇڭ. يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ئادەمنى جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياشنىتىدۇ. خانىملار ھەرگىز يۇمۇرلۇقىنى يوقىتىپ قويماسلىق لازىم. |
|