بىر ئادەمنىڭ ناھايىتى ئوماق بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇ قىزىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىكەن. كۆز تەگكەندەك كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئوماق قىز ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، ئۆلۈپ كېتىپتۇ. قىزنىڭ دادىسى ئىشىك-دېرىزىلەرنى تاقاپ، كۈندە دېگۈدەك ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ، قىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي، ئاھ ئۇرۇپ كۆز يېشى تۆكۈپتۇ.
بىر كۈنى قىزى ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ قاپتۇ، چۈشىدە قىزى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك، جەننەتتە بىر توپ پەرىشتە نۇرلۇق شاملارنى تۇتۇپ، خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقۇدەكمىش. دادا بۇ كىچىك پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا بىرىنىڭ قولىدىكى شامنىڭ يېنىقسىز تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ، ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قارىسا، ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەن. دادىسى قىزىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
ئوماق قوزام، سىز نېمىشقا شامنى ياندۇرمىدىڭىز؟-دەپ سوراپتۇ.دادا، مەن شامنى قايتا-قايتا ياندۇردۇم، بىراق سىزنىڭ كۆز يېشىڭىز ئوتنى ئۆچۈرۈۋەتتى،-دەپتۇ قىز.
قىزىنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن دادا چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. دادا كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن، ئىشىك دېرىزىلەرنى ئېچىپ، قولۇم-قوشنىلىرى بىلەن سالاملىشىپتۇ، ھال-مۇڭ ئېيتىشىپتۇ، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇپ، خۇشال-خۇرام ياشاشقا تىرىشىپتۇ. چۈنكى ئۇ شۇنداق قىلساملا جەننەتتىكى قىزىمنىڭ قولىدىكى شامنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالمايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى. |