ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مىللىي كارخانىلار ئۇيغۇر تور ئاسمىنىدىكى يېڭى يۇلتۇز
كۆرۈش: 417|ئىنكاس: 12
go

ئۇيغۇر تور ئاسمىنىدىكى يېڭى يۇلتۇز  

توردا
50سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
87 
تېما
32 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزدە «تەن ساقلىق زور بايلىق» دەيدىغان ھېكمەت بار. كېسەل كۆرسىتىش تەس، داۋالىنىش خىراجىتى يۇقىرى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرىقى ئاتىلار سۆزىگە بولغان ئىشەنچىمىز يەنە ئون چامدام ئاشماقتا. دەر ھەقىقەت، ساغلاملىق بەخت دېمەكتۇر. كىشى ئۈچۈن ساغلاملىققا يېتىدىغان دوست بولمىغىنىدەك، كېسەللىككە يېتىدىغان ھەم دۈشمەن يوق. ئىنسان ئۈچۈن ساغلاملىق مەڭگۈلۈك تېما، تەن ساغلام بولمىسا قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكار.
كۈنىمىزدە ھەممە شۇنداق تېز تەرەققىي قىلماقتا، تۇرمۇش رىتىمى كۈنسېرى تېزلەشمەكتە. ماددىي تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارمۇ بوش كەلمەي تېز كۆپەيمەكتە. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈرلۈك ساغلاملىق مەسىلىلىرى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ئاراساقلىق ھالىتىدە ساقسىزلىق بېكىتىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىنمۇ ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېسەل كارۋىتىغا تەكرار يىقىلماقتا... مانا بۇلار ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى، ساغلاملىق ساۋاتلىرىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.
مانا مۇشۇنداق زۆرۈرىيەت ئەلداۋالىقلارنىڭ قەلبىدە ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن بەجاندىل خىزمەت قىلىدىغان مۇقەددەس بىر ئوتنى تۇتاشتۇردى. مانا بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئەلداۋا ساغلاملىق تور بېكىتى ( www.eldawa.com ) مۇشۇ پەيتلەردە كەڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسى ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.

ئەلداۋا ساغلاملىق تور بېكىتىمىز ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەسپىي تور بېكەت بولۇپ، مەزكۇر تور بېكەت مەخسۇس تېببىي خادىملار تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، دىيارىمىزدىكى تونۇلغان تېببىي مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي جەھەتتىن نازارەت قىلىدىغان، شۇنداقلا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ گېزىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن، رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرخانا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى تۇنجى كەسىپلەشكەن ساغلاملىق تور بېكىتىدۇر.
«ئەلنىڭ داۋاسى بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن ئۇلۇغۋار مەقسەتنى قىبلىنامە قىلىپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىنى ئەڭ كەسپىي، ئەڭ نوپۇزلۇق، تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ھەمدە ئۆز ئەجرىگە يارىشا قىممەت يارىتىش ئەلداۋالىقلارنىڭ يەتمەكچى بولغان بۈيۈك مەنزىل-نىشانىدۇر.
ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
www.eldawa.com

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
3022 
تېما
362 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ...ئۇيغۇرلىرىمىز،ئۇنداق،مۇنداق قالايمىقان تور بىكەتلەرنى قۇرماي،مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان،ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان تور بىكەتلەر قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن....قالغان گەپلەرنى مەن دېمىسەممۇ تور يۈزىدە ھەر خىل ناچار ئىللەتلەرنىڭ بارلىقنى ھەممىمىز بىلىمىز،مۇشۇنداق تور بىكەتنى قۇرغانلار نۇمۇس قىلسىكىن دەيمەن....
\

توردا
494سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
2889 
تېما
411 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخىشى بوپتۇ . ساغلام تەندە ساپ ئەقىل دىگەن گەپ بار ....مۇشۇنداق تور دۇنياسىدىكى بوشلۇقىنى ساغلام بولغان تور مۇھېتىي ئارقىلىق تولۇقلىغىىڭىزلاردىن تولمۇ خۇرسەنمەن . .........بەركەت تاپقايسىلەر .....

Rank: 8Rank: 8

توردا
301سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
545 
تېما
41 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوبدان ...

توردا
742سائەت 
نادىر تېما
دوست
29 
يازما
985 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن زىيارەت قىلىپ كۈرۈپ باقتىم ،تۇرمۇشتا يۇلۇققان مەسىللارگە ئەزا بوپ ئىنكاس يىزىپ مەسلەت ئالساق بولغۇدەك.ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

توردا
72سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
436 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بوپتۇ

توردا
50سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
87 
تېما
32 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
EPSON يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 00:21
مەن زىيارەت قىلىپ كۈرۈپ باقتىم ،تۇرمۇشتا يۇلۇققان مەس ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، شۇنداق تور بېكىتىمىزدە تورمۇشتا يولۇققا ھەر قانداق مەسىلىلەر ھەققىدە مەسلىھەت سوراشقا بولىدۇ. بىزمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەتتە تورداشلارنى قانائەتلەندۈرۈشكە تىرىشىمىز....

توردا
205سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1136 
تېما
40 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ئىش بوپتۇ

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجىرىڭلارغا رەھمەت.

توردا
50سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
195 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز گە بەكلا پايدىلىقكەن...............رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-26 10:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.