ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار ئاتا-ئانا ھۆرمىتى

      

كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 3
go

ئاتا-ئانا ھۆرمىتى

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
885 
تېما
145 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 16:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر مۆتىۋەر ئادەم بىر يىگىتىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىلىغان خىزمەتلىرىنى ئىشتىپ،ئۇنى زىيارەت قىلماق بولدى.بۇ يىگىت قاسىساپ ئىدى.مۆتىۋەت ئادەم قاسىساپچىلىق بازىرىدىن ئۇ يىگىتىنى ئىزدەپ تاپتى.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن؛
-ئوغلۇم،مەن بىر مۇساپىرمەن.ئەگەر قوبۇل قىلىسىڭىز.بۇ كېچىنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ئۆتكۈزگەن بولسام،-
يىگىت مۆتىۋەت ئادەمنىڭ ئىلتىماسىنى جان دەپ قوبۇل قىلدى،كەچقۇرۇن دۇكىنىنى تاقاپ،ئۇ كىشى بىلەن بىرگە ئۆيىگە قايتتى.
ئۆينىڭ بىر چېتىدە ياشانغىنىدىن كىچىككىنە بولۇپ قالغان بىر بوۋاي ياتار ئىدى،يىگىت مىھىمانخانىغا جاي كۆرسىتىپ؟
-ئەزىز مېھمىنىم،قېنى،بىمالال ئولتۇرۇپ دەم ئالسىلا،تۆشۈكتە ياتقان مۆھتەرەم چال مېنىڭ ئاتام بولىدۇ. ئانام يوق.ھەر كۈنى ئاتامنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئىشىقا بارىمەن،-دېدى.يىگىت دەرھال شورپا پىشۇرۇشقا كىرىشىتى. تاماق تەييار بولغاندىن كىيىن بىر قاچا شورپىنى ئېلىپ ئارىسىنىڭ ئالدىغا قويدى ۋە ئۇنىڭ بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ شورپىنى ئىچۈردى.يىگىت ئاتىسىنى ئۇخلتىپ خاتىرجەم بولغىنىدىن كىيىن.مېھىمانغا داستىخان راسلدى.مېھىمانغىمۇ،ئۆزگىمۇ شورپا كەلتۈرۈپ،بىللە غىزالاندى.مۆتىۋەر مېھىمان؛
-ئوغلۇم.سەن ئاتاڭنى تويدۇرۇپ،يۈز-قوللىرىنى يۇيۇپ تازىلاپ ياتقۇزغىنىڭدىن كىيىن، ئۇ ئاغزىنى قىمىرلىرىپ تۇردى.ئۇ بىر نېمە دېمەكچىمۇ-قانداق؟-دەپ سورىدى.
يىگىت دېدى؛
-مەن ھەر دائىم ئالدى بىلەن ئاتامنى تاماقلاندۇرۇپ،ئاندىن ئۆزۈم تاماقلىنىمەن.ئەگەر ئاتامدىن بۇرۇن ئۆزۈم غىزالانسام،ئۇ چاغدا ئاتا ھۆرمىتىنى بەجا كەلتۈرمەيدىغان تەربىيە كۆرمىگەن،ئەدەپسىز ئوغۇللاردىن بولۇپ قالار ئىدىم.ئاتام مېنىڭىدىن كۆپ رازى،ئۇ غىزادىن كېيىن شۈكرانىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە مېنىڭ ھەققىمىگە دۇئا قىلىدۇ.مەرمۇمە ئاناممۇ مېنڭىدىن رازى ئىدى.ئۇمۇ دائىم مېنىڭ ھەققىمىگە دۇئا قىلا ئىدى.
مۆتىۋەت ئادەم يىگىتىنىڭ سۆزلىرىنى ئىشىتىپ،كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ؛
-بارىكاللا ئوغلۇم!سەن ھەقىقى پەرزەنىت ئىكەنسەن،ئاتا-ئانا ھۆرمىتىنى ئۇنتۇغان پەرزەنتلەر سېنىڭىدىن ئۈلگە ئالغاي،ئاپىرىن ئوغلۇم،ئاتا-ئاناڭغا قىلىغان خىزمىتىڭىنىڭ خەيىرىلىك ئەجرىنى كۆرگەيسەن،-دېدى ۋە يىگىت ھەققىگە دۇئا قىلىدى.ئەتىسى ئەتىگەندە يىگىت بىلەن خوشلىشىپ ئۆز يولىغا قايىتتى.
ئەزىز پەرزەنتىلەر!ئاتا-ئانىڭىزلارنى ھۆرمەتلەشنى ئەسلا ئېسىڭىزلاردىن چىقارمىڭىزلار.سىزلەر ئاتا-ئانىڭىزلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىڭىزلار كەلتۈسىدە بالىلىرىڭىزلارنىڭىمۇ سىزلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلشى ئېنىقتۇر.
بىر يىگىت ئۆز ئاتىسىنى ھاقارەت قىلىپ ئۇرغىننى كۆرگەن ئادەملەر غەزەبلىنىپ،ئۇ ئەدەپسىز ئوغۇلنى ئۇرماق بولۇشتى.بۇنى كۆرگەن يىگىتنىڭ ئاتىسى ئادەملەرنى توختىتىپ؛
-بۇرادەرلەر ئوغلۇمنى ئۇرماڭلار،بۇ ئىشتا ئوغلۇم ئەمەس، ئۆزۈم ئەيبىلىك.يىگىتىنىڭ ۋاقتىمىدا بىر كۈنى دەل مانا مۇشۇ يەردە ئاتامنى ھاقارەتلەرپ ئۇرغانىدىم.ئاتامغا قىلىغان ئەدەپسىزلىكىمىنىڭ جازاسىنى مانا ئەمدى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، ئاتامغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولسام،بۈگۈن بالام ماڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلدى.نېمە تېرساڭ،شۇنى ئورۇيسەن،دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتىشقان ئاتىلار.مەن ئاتا-ئانامنى ھۆرمەت قىلىمىدىم،دىللىرىنى ئاغرىتتىم،ئۇ مۇبارەك زاتلار مېنىڭىدىن نارازى بولۇپ كېتىشىتى.مانا شۇنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىمەن،بۇرادەرلەر،گۇناھ مېنىڭىدە-دە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغىلىدى.
مەنبە؛دۇردانىلە خەزىنىسىدىن

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى يىزىپسىز..ئاتا - ئانا رازى ، خۇدا رازى دەپتىكەن...ئاتا - ئانىمىز بىزدىن رازى بولسا ، بىزنىڭ ھەر قانداق ئىشىمىز راۋان بولىدۇ..شۇڭا ئاتا - ئانىمىزنى قەدىرلىشىمىز كىرەك...ئۇلاردىن كىيىن قالغاندا پۇشايمان قىلغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق....شۇڭا بار ۋاقتىدا ئۇلارنى ئاسرايلى...ئۇلار داۋاملىق بالىلىرى ئۈچۈن ياشايدۇ..بىزچۇ؟ ئۇلار ئۈچۈن زادى نىمە ئىش قىلىپ بەردۇق؟ بۇنى ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى...

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتا بىلەن بىر ئوغۇل بىر ئەيىپ ئىش قىلىپ قويۇشتى ، ئاتانى ھەم ئوغۇلنى قازىلىق

مەھكىمىسىگە ئەپ كېلىشىتى ،قازى ئۇلارنىڭ جىنايتىنى بىلگەندىن كېيىن :

-جاللات ، ئون دەررە ئاتا ئۇرۇلسۇن ، ئون دەررە ئوغۇل ئۇرۇلسۇن ، ئاتىدىن باشلاڭ

ئاتىغا ئون دەررە ئۇرۇلدى ،ئاتا چىشىنى چىشلەپ ئاغرىق ئازابىغا چىدىدى .

بىرئازدىن كېيىن ئوغۇلنى ئۇرۇشقا نۆۋۋەت كېلىپ كالتەكلەشكەندە ، ھەربىر دەررە ئۇرۇلسا ، ئاتا بىر قېتىم ئاھ ئۇراتتى . بۇنى كۆرگەن قازى :

-بايا ئۆزۈڭگە بۇنىڭدىن قاتتىق ئۇرۇلسا داد-پەريات قىلمىدىڭ ، ئەمدى بالاڭغا ئۇرغاندا داد دەيسەن ؟ بۇ نېمە ئۈچۈن ؟

- قازى جاناپلىرى ، بايام تېرە-گۆشۇمگە ئۇردىڭىز ، ئەمدى جىگىرىمگە ئۇرۋاتىسىز ...بۇ ئازاپقا چىدالمىدىم !



تېمىڭىزغا مۇشۇ ھېكايەتنى ئىنكاس قىلشىنى بەك لايىق تاپتىم ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xoh-xoh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-15 17:30

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ناھايىتى تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئەسەر ئىكەن . ئاتا - ئان رازى خۇدا رازى دەپتىكەن . شۇڭا ئاۋال بىز ئاتا - ئانىمىز نىڭ بارىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتنى قىلىپ رازىلىق ۋە ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىلۋىلشىمىز كېرەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 18:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.