ھەممە <ئۇيغۇر قىزلىرى> بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟
مەن تور ئارلاپ بىر قىسىم تورداشلارنىڭ "ئىسىت ئۇيغۇر قىزلىرى"،"ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇنداق ، ئۇيغۇر قىزلىرى مۇنداق بولۇپ كەتتى"،...دىگەن تېمىلارنى كۆرۈپ
ئويلۇنۇپ قالدىم. بۇ يەردەھەممە ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم.بىزنىڭ ۋىجدانلىق، مىللەت سۆيەر قىزلىرىمىز ئاز ئەمەس.
ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە،مىللەتنىڭ تۈۋرۈگى بولغان ئەرلەر ئەشۇ "ئۇيغۇرقىزلىرى"نى قوغدىمىسا، بىر قىسىم نادان قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى ئۆزى نابۇت قىلىۋەرسە بەلكىم "ھەممە ئۇيغۇر قىزلىرى بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟" دىگەن سۇئالغا مەيدىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ"ياق!" دەپ جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مومكىن. دېرىزىنى ئاچسا سىرتتىن ساپ ھاۋامۇ، بۇلغانغان ھاۋامۇ كىرگىنىدەك، ئىلىمىز ئىشىكنى ئېچۋەتكەندىن كېيىن،بىزنى خوشال قىلىدىغان ئۆزگۈرۈشلەر بولغان بولسىمۇ،يەنە بىر تەرەپتىن بىزنى چۈچۈتىدىغان" بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىمىز"دىكى(ئەلۋەتتە باشقا مىللەت قىزلىرمۇ بار) ئەمىلىيەتلەر جەميەتنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. كوچا-كويلاردا سەرگەردان بولۇپ، يامان يوللارغا بىلىپ-بىلمەي كىرىپ قېلىۋاتقان ئەشۇ قىزلىرىمىزنىڭ(ئوغۇلىىرىمىزنىڭمۇ) ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ؟ قېنى ئۇلار؟ ئۇلار زادى نەدە؟، ئۇلارنىڭ مەسئولىيەتسىز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مەسئوليەتسىزلىكى ئۇلارنى مۇشۇنداق يوللارغا ئىتتەرگەن. بىر قىسىم قىزلىرىمىز ۋە ئاياللىرىمىزنىڭ شەرمىي-ھايانى ئۇنتۇپ كيىنىشتە غەلىتە،سورۇنلاردا ئىچىپ، چېكىپ قىلىۋاتقان ئەخلاقسىزلىقى،سورۇنلارنى <رەڭلىكلەشتۇرۇۋاتقانلىقى>،قىزلىرىمىزنىڭ ئەتىراپىمدا ئادەم بارمۇ-يوقمۇ دىمەي ،يىگىتلەر بىلەن قىلىشىۋاتقان چاقچاقلىرى،<خىرىدار> ئىزلەپ يۇرگەن ،يولدىن چىققان بىر قىسىم قىز-چوكانلارنىڭ يىركىنىشلىك قىلىقلىرى، ئاياللىرىمىزنىڭ تۈگۈمەس چايلىرى......ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ غورورىغا تەككەچ غەزىۋىنى كەلتۈرۈدۇ. شۇنداق، يۇقارقى ئەھۋاللار جەمىيىتىمىزدە مەۋجۇت.(بۇ خىل ئەھۋال باشقا مىللەتلەردە تېخىمۇ ئېغىر ئەلۋەتتە) بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەپىلرى نۇرغۇن ، جەميەتتىكى ئىشسىزلىق، ئىختىسادىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى، ئاڭسىز، نادانلىقىمىز، ھورۇنلىقىمىز..... سەۋەپچى بولسا ئاساسلىقى بىر مەزگىل ھەممىمىزنىڭ بېشى قېيىپ چەتنىڭ <مەدىنىيەت قاينىمى>غا كىرىپ قىلىپ،"مانتىغا تويمىغان قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ" دىگەندەك
ھەممە نەرسىنى يېڭىلىق دەپ قارغۇلارچە قوبۇل قىلىپ،ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق بولارنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۇرمىدۇق. بىز ئەشۇ بىر قىسىم قىز-ئاياللىرىمىزدىكى بۇ خىل ناچار ئەھۋاللارنى كۆرگىنىمىزدە بۇ نىمە ئۇچۇن؟ دەپ ئۆزىمىزگە سۇئال قويۇپ باققاندۇقمۇ؟، مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشتە بىز ئەرلەرنىڭ مەسئولىيىتى بارمۇ-يوق؟ دىگەننى ئويلاپ باققاندۇقمۇ؟.بىز ئەرلەر ھەممىمىز ئانمىز، ئايالىمىز ۋە قىزلىرىمىز بىلەن بىللە ياشايمىز.بىز بىر غورۇرلۇق ئەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئايالىمىزنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغان ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىكى نەرسىلەرنى قانچىلىك بېرەلىگەندۇق؟، قىزلىرىمىزنىڭ
ئەخلاقىغا،كىيىنىشىگە، يۈرۈش-تۇرۇشىغا قانچىلىك كۆڭۈل بولەلىگەندۇق؟،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپە-ئادىتى،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەخلاق –پەزىلىتى...قاتارلىق تەرەپلەردىن ئۇلارغا قانچىلىك تەلىم بېرەلىگەندۇق؟، ئۇلگە بولالىغاندۇق؟،بىر قىسىملىرىمىز ئاياللىرىمىزنى، قىزلىرىمىزنى زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ "چىڭ تۇتتۇق" دەپ ئۇلار ئادەتتە بەھرىمان بولۇشقا تىگىشلىك نورمال ھادىسىلەردىن چەكلىدۇق.بىر قىسىملىرىمىز پوقنى ئىككى قىلالماي ئايالىمىز تىپىپ ئەكەلگەننى گېلىمىزغا ئۆرغانلىقتىن تىلىمىز تۇتۇلۇپ ، <نەدىن ئەكەلدىڭ، نىمە ئىش قىلىپ تاپتىڭ؟> دىمىگەچكە ئايالىمىزنىڭ ئالدىدا <سايىماخۇن>بولدۇق . شۇنىڭ بىلەن ئايالىمىز ئۆزى خالىغان يەردە يۇرىدىغان ، بىز ئۆيدە بالا بېقىپ ئولتۇرۇدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق.يەنە بىرسىمىز ھاراقكەش، بىرىمىز قىمارۋاز يەنە بىرىمىز زەھەرلىك چىكملىككە خۇمار بولۇپ خوتۇنلىرىمىز بىلەن كارىمىز بولمايدىغان دەرىجىگە چۇشۇپ قالدۇق.شۇڭا خوتۇنلىرىمىز تالادىن" نىجاتلىق " ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى.بەزىلىرىمىز ۋىژدانمىزدىن قايناپ خەققە ئوخشاش تۇرمۇشىمىزنى ياخشلاشقا تېرىشماي لاي غەزەل بولۇپ يۈردۇق، ئەمما خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ چىرايلىق يۈرگىسى،كىيگىسى بار.ئەشۇنداق ئائىلىدىكى كۆپ ساندىكى ئاياللىرىمىز تۇرمۇش يۈكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ ئائىلىسىنى، باللىرىنى بېقىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىر قىسىملىرى "تۈگىمەس بانكا" ئىزلەپ،تېنىنى سىتىپ بەدەل تۆلەش يولىغا ماڭدى.بەزىلىرىمىز قىزلىرىمىزنى ئەتىۋالاپ دىگىنىنى قىلىپ بىرىپ،يامان ئۈگۈتۈپ،ئۇلار<ئون بەش سانتا يوپكا > كىيىپ يوتىلىرىنى ئىچىپ يۈرسىمۇ، ئۇپا-ئەڭلىكنى تۇگمەنچىدەك بولۇشىغا سۈركەپ ،چاڭچىلىچىلاردەك قاش-كۆزنى گىرىم بىلەن بوياپ ئەتىدىن-كەچكىچە تالادىن كىرمىسىمۇ < مەدەنىيەت تەرەققى قىلىپ كەتتى،ھازىرقى بالىلار شۇنداقكەن، خەقنىڭ قىزلىرىمۇ شۇنداق يۇرىدىكەنغۇ> دەپ ساقىلىمىزغا تۈكۈرۈپ يۈردۈق.بەزىلىرىمىز نومۇس قىلماي، قانۇندىن،ئەلنىڭ قاغىشىدىن قورقماي ئەشۇ<ئۇيغۇر قىزلىرىنى> ئالداپ ئاپىرىپ باشقىلارنىڭ قوچىقىغا تاشلاپ بەردۇق،ۋىژدانىمىز ئازاپلىنىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى يەنە شۇ بىر قىسىم ئەر"سولامچىلار" ئازغىنە پۇلنى دەپ ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارى، ئىپپىتى ،خارلىنىش، ئازاپلىنىش بەدىلىگە كەلگەن پۇل بىلەن ئەشۇ ئىپلاس "خوجايىنلار "نىڭ ھەميىنىنى تولدادۇق.يەنە بەزىلىرىمىز تېخى سورۇن تۈزسەك ئەشۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى> بىلەن سورۇننى رەڭلىمىسەك ،گىلىمىزدىن ھاراق ۋە نىمەتلەر ئۆتمەس بولدۇق.ھەتتا ئادىمىيلىكتىن چىقىپ نارسىدىلەرگە چېقلىپ ھايۋانىي نەپسىمىزنى قاندۇرۇپ ،ئىپپىتىنى بۇزۇپ يولدىن چىقاردۇق،تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ بىر ئوبدان، قەدىناس ئاياللىرىمىزدىن چاندۇق، باللىرىمىزنى يىتىم قىلىپ ،ئەشۇ پاك، دىيانەتلىك ئاياللىرىمىزنى ئامالسىزيامان يولغا كىرىشكە مەجبۇرلىدۇق. بىر قىسىملىرىمىز بولسا قىزلىرىمىزنى مەكتەپتە ئوقۇتماي دىگىنىنى قىلىپ بېرىپ <ھۇنەر ئۇگىنىدۇ،پۇل تاپىدۇ> دەپ جەميەتكە چىقىرۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يامان ئۈگۈنۈپ، بەدخەجلىككە ئادەتلىنىپ قىلىپ <پۇل تاپىدىغان> بولۇپ كەتتى . قىزىنىڭ كەيگەن مۇدا كىيىملىرى ،تاقىغان زىبۇ-زىننەتلىرى نەدىن كېلىۋاتقاندۇ؟ دەپ قىلچىمۇ ئويلاپمۇ قويمايدىغان ،قىزى تېلىفۇننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن چىقىپ كېتىپ ئەتىسى ساماندەك سارغىيىپ كەلسىمۇ سۈرۈشتە قىلماستىن ، كۆتۆرۈپ كەلگەن، سورۇندىن ئاشقان پاسكىنا"نىمەتلەرنى" ئالدىمىزغا قويسا مەززە قىلىپ يىيىشىنىلا بىلىدىغان بەزى ئاتىلار ئەشۇ قىزىمىزنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ بەزىلىرىمىز قىزلىرمىزنى <پۇلى بار،تەڭگە تۆكۈلۈپ تۇرۇدۇ>
دەپ قىزىمىزياخشى كۇرمەيدىغان، ياكى ئۆزىدىن چوڭ <بەگزادە><باي> لارغا تاڭدۇق،ئۇلار ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا <چىقىشالماي> ئۆيى بۇزۇلۇپ ھىلىقى < ئەتىۋاخانىش> قىزىمىزنى تۇل قىلدۇق.بەزىلىرىمىز قىزلىرىمىزئۇزى ياخشى كۆرگەن يىگىتلەر بىلەن مىڭ تەستە توي قىلسا يىگىتنى گاداي كۆرۇپ مەجبۇرى ئاجىراشتۇرۇۋالدۇق. نەتىجىدە بىر ياكى ئىككى بالا بىلەن قىزىمىز تۇل قالدى.بەزىلىرىمىز زەھەرلىك چىكىملىكنى چىكىپ ، خوتۇنىمىز ،ئائىلىمىز بىلەن كارىمىز بولمىغاچقا خوتۇنىمىز نىڭ ئامالسىز ئاجىرشىپ كېتىشكە سەۋەپچى بولدۇق. ھەتتاقانۇنغا خىلاپ ھالدا خوتۇن ئۇستىگە خوتۇن ئىلىپ ياكى "ئاشنا"تۇتۇپ نارسىدە باللىرىمىزنى كوچىغا تاشلاپ قويدۇق.ياكى توغۇرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماي ھۆكۇمەت چەكلىگەن، خەلق نەپرەتلىنىدىغان زەھەر سېتىش، جىنايەت ئۆتكۇزۇش... ئارقىلىق تۇرمىگە كىرىش،جىنىمىزدىن ئايرىلىش تۇپەيلىدىن ئايالىمىزنى تۇل ،باللىرىمىزنى يېتىم قىلدۇق.سۆلىتىنى ئات تارتالمايدىغان، ئاغىزىدا شەھەر سالىدىغان،ھەممە ئەسكىلىكلەرنى ئۆزى قىلىپ تۇرۇقلۇق ئۆزىگە قارىماي ۋىژدان، نومۇس توغۇرسىدا جار سالىدىغان ئەشۇنداق "ئەرلەر "خوتۇن-قىزلىرىمىزنى تۆت تال پۇلغا ئىپپەت-نۇمۇسىنى سىتىشقا سەۋەپچى بولدۇق ياكى شۇ يولغا كىرىشكە مەجبۇر قىلدۇق.........يۇقارقى قىسمەتلەرگە دۇچكەلگەن ئەشۇ قىز-ئاياللىرىمىز( بۇنداقلارناھايتى ئاز بىر قىسم قىز-ئاياللار )يامان يولغا كىرىپ ،چەتئەللىك بولامدۇ، ئىچكىرىنىڭ پۇلى بار بايلىرىنىڭ سېسىق تېنى ئاستىدا ئىپپەت-نومۇسىنى بۇلغاش دەرجىگە يەتتى، بۇ ئەلۋەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا ئىنتايىن يامان تەسىر يەتكۈزۈدىغان
روھى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىپادىسى.شۇنداقلا بىر پاجىئە. ئەنە ئەشۇنداق بىر قىسىم ئىپپەت-نومۇسىنى سىتىپ
بىزنى" خورلۇق ھىس قىلدۇرۇۋاتقان" قىز- ئاياللار ھەممە<ئۇيغۇر قىزلىرى>نىڭ نامىغا داغ چۇشۇردى. ئەمدى سىز ئىيتىڭا ئۇلارنىڭ ئەشۇنداق ھاياسىز، ئەخلاقسىز،بولۇپ كىتىشىگە كىم ئەيىپلىككەن؟كم سەۋەپچىكەن؟، سىزۋەمەن! بىز ئەرلەر! .ئاساسلىق مەسئولىيەت بىز ئۆزىمىزدە!.دىمەكچىمەنكى ئەرلەر ئىچىدىكى يۇقارقىدەك بىر قىسىم ئەرلەر، قىز-ئاياللىرىمىزنى ئۆزىمىز بۇزدۇق. ئەلۋەتتە پەن-تېخنكا تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە مەيلى ئەرلەر، مەيلى ئاياللار بولسۇن قارغۇلارچە "مەدىنىيەت" قوبۇل قىلىپ ، ئۆزىمىزچە" مەدىينىلىشىپ" ،"شەرمىي-ھاياسىز مەدىنىيەت"نى ئاڭسىز ھالدا قوبۇل قىلدۇق. بۇنىڭ تەسىرى ئاستا تەسىر قىلىدىغان
زەھەردەك روھىمىزغا سىڭىپ
كىردى ۋە كىرمەكتە. شۇڭا ئەرلىرىمىزمۇ مەدىنىيەتلىشىپ "كۇنلەمچى" قالپىقىنى "چۆرۇپ تاشلاپ"،ئەرلىك غورورىمىزنى يوقاتتۇق.ئەشۇنداق يولغا كىرگەن قىزلىرىمىزنى ئۇچۇراتقاندا ئەرلىك غورورىمىز بىلەن كاچىتىغا ئۇرۇشقا پېتىنالمىدۇق. ھۆكۇمەت ئىشىكنى ئېچىۋەتتى دەپ ئىشكتىن كىرگەن بىزنىڭ ئەخلاق، ئۆرپى ئادەت،ئەنئەنىمىزگە قىلچىمۇ ماس كەلمەيدىغان ئاتالمىش چەتنىڭ<مەدىنىيىتى>نى قارغۇلارچە قوبۇل قىلدۇق ھەتتا ئاشۇرىۋەتتۇق.بىر قىسىملىرىمىزدائۇيغۇر يىگىتلىرىگە خاس جەزبىدارلىق سۇسلۇشۇپ ، بارغانسىرى كىيىنىشىمۇ، مىجەزىمۇ ئاياللارغا ئوخشاپ قىلىۋاتىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيىملىرىنى ياراتمايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ مىللى ناخشا- سازلىرىمىز،ئۇسسۇللىرىمىزغا قىززىقماي ، نەدىكى چەتنىڭ ناخشا- سازىغا كاسسىىنى تولغاپ ئوينايدىغان دەرجىگە چۈشۇپ قالدۇق .... پەقەت بىر قىسىم ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرى غەرىپنىڭ مەدىنىيىتى، جىنىسى ئەرلكىنلىكىنى قارغۇلارچە "قوبول" قىلىپ،ھاياسىز، ئىتىقاتسىز يولغا كىرىپ مىللىتىمىزنىڭ ئوبىرازىنى خۇنۇكلەشتۇردى.بىز ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەزەلدىن مۇنداق "تۇكۋاش"،"لامزەللە"ئەمەس بەلكى جەسۇر،دىيانەتلىك،ۋىژدانلىق،شەرمىي-ھايالىق،ئىمانىمىزبارئىدۇق،ئەمدىچۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ خوتۇن-قىزلىرىدەك ئاياللار بىلەن تېنىمىزنى، روھىمىزنى بولغاپ،كەچۇرگۇسىز گۇناھقا پېتىپ تۇرۇپ تۆۋە قىلماي يەنە ئەشۇ ئىپلاس تىنىمىز بىلەن مەسچىتلەرنى بۇلغاپ،خۇدادىن ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت تىلەپ،ئەتىسلا " پەيزى سۇرۇپ" ياكى كۆزىمىزنى يۇمۇپ يۇرۇۋاتىمىز......سۇنىڭ بېشى لاي بولۇپ ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە ھە دىسە <ئۇيغۇر قىزلىرى> ئۇنداق بولۇپ كەتتى، مۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ ھەممە "ئۇيغۇر قىزلىرى"نى ئەيىپلەپ قاخشاپ ئولتادۇق. پۇتۇن ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئوبىرازىغا داغ كەلتۇرۇپ ھەممە <ئۇيغۇر قىزلىرى>غا لەنەت ئوقۇماي ھەممە قىلغۇلۇقنى ئۆزىمىز قىلىپ ، ئانداق بولدى، مۇنداق بوپ كەتتى دەپ ۋايسىاۋەمەي،ئەشۇ ئۆزىمىز يولدىن چىقارغان ۋەقارغۇلارچە <مەدىنىلىشىپ> كېتىپ بارغان پەقەت بىر قىسىم <ئۇيغۇر قىزى>نىڭ توغۇرا يولىنى تېپىشىغا بىرلىكتە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، قولىمىزدىن قانچىلىك كەلسە ئەمىلى ئىش قىلايلى.يەنە تەكىتلەيمەنكى،ئۇلار پەقەت ناھايتى ئاز بىر قىسمىلا خالاس.چۇنكى ئۇلارمۇ بىز ئەرلەر ئىچىدىكى زوراۋان،ئاڭسىز،نۇمۇسسىز،ۋىژدانسىزۋە<سايىماخۇن> لارنىڭ دەستىدىن شۇ يولغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى.بىز ئۇلارغا كۇيۇنۇپ، مىھىر ئاتا قىلىپ،ياردەم قىلىپ، توغۇرى يول كۆرسۈتۈپ ،يىتىم باللىرىنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇلارنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسەتسەك ئۇلارمۇ بۇ يولدىن قايتقان. پۇشايمان قىلغان.ئۆزىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى.ئىناق جەميىتىمىزدە ھەممىمىزنىڭ بىر قان قېرىنداش،بىر ئائىلە ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلار ئىدى.بىزگەخورلۇق ھىس قىلدۇرۋاتقان ،نەپرەتلىنىۋاتقان <ئۇيغۇر قىزلىرى> مۇ تەدىرىجى ئازىياتتى، شۇنداقلا بىز ئەرلەر ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك سالاپىتىمىز، ئەرلىك غورۇرىمىز
ۋە ۋىژدانىمىز بىلەن،ئەر دىگەن نامىمىزغا لايىق ئىش قىلساق ئۇلارغا ھەقىقى كۆيۇنسەك ئاياللىرىمىز-قىزلىرىمىز مۇ شەرمى-ھايادىن چەتنىمەس ۋە تەربىيە ئالار ئىدى. بەزى قىز-ئاياللىرىمىزغا ھەر جەھەتتىن كاپالەت تولۇق بولسىمۇ،ھامان بىر "ئاچلىق"،"تەشنالىق"سەۋەپلىك ھەرخىل كوي، يوللاردا يۈرۈشى بۇ توسۇپ بولغىنى بولمايدىغان مۇقەرەرلىك. بۇ خىل ئىجدىمائىي ھادىسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشەرگىنى بولدۇكى،
مەڭگۈ،تەلتۇكۈس تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە قىز –ئاياللىرىمىزنى بۇزۇشقا سەۋەپچى بولۇۋاتقان ئەرلەر بولغىنىدەك، ئەرلىرىمىزنىمۇ بۇزۇشقا سەۋەپچى بولۇۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىزمۇ
يوق ئەمەس.ئەلۋەتتە. بەزى قىزلارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئەرلەرگە ئارتىپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەرلىرىمىزنىڭ ۋىژدانى شۇنداق قىزلارنىڭ بولغىنىدىن ئازاپلىنىدۇ. ئۇلانىڭ ئۈنداق بولماسلىقىنى، قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما بەزىدە ئۇلارغىمۇ ئامال يوق.بۇ ھەقىقەتكىمۇ كۆز يۇمۇشقىمۇ بولمايدۇ. نۇرغۇن ئاتىلار ۋە ئانىلار ئۆز قىزلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە، ئەخلاقىغا ئىزچىل كۆڭۇل بۆلۇپ ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، جەميەتكەياراملىق ئادملەردىن قىلىپ چىقىشقا يۇرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز ئەشۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى> ئىچىدىن نۇر غۇنلىغان تىللاردا داستان بولغان ئاماننىسا، نوزۇگۇم، رىزۋانگۇل، ...لەردەك سانسىز قىز-ئاياللار چىققان.ھەم چىقىۋاتىدۇ.جۇملىدىن نۇرغۇن قىز-ئاياللار رىغابەتكە تولغان بۇ جەميەتتە تېرىشىپ ئىلگىرلەپ ھەر قايسى ساھەلەردە بىر قىسىم ئەرلىرىمىز قىلالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارسايەنەنۇرغۇنلىرى داڭلىق كارخانىچى،سودىگەر،مۇتەخەسىس،...بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ جەميەتكە تىگىشلىك ھەسىسىنى قوشۇۋاتىدۇ.ئەنە شۇلارمۇ <ئۇيغۇر قىزلىرى>! نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ دىگىم كىلىۋاتىدۇ: نەزىرە مۇھەمەھ سالىھ نىڭ ‹شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ› ناملىق كىتاۋىدا:
‹‹ بىر ئانا پەرزەنتىنى بۈشۈكتە تەۋرەتكەن ۋاقىتتا ، بىر بالا ئەمەس بەلكى بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تەۋرىتىدۇ ›› دىگەن ئىدى . قىز-ئاياللار- مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى، كەلگۇسىنىڭ ئانىسى!. يولدىن ئازغان قىز-ئاياللار ،سىلەر ئازغىنە، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ئۇچۇن ئۆزەڭلارنىڭ قىممەتلىك ئىپپەت-نۇمۇسۇڭلارنى سېتىش بەدىلىگە ئۆزەڭلارگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا،ئەرلىرىڭلارغا يۈز كىلەلمەيلا قالماي، مىللىتىڭلار نىڭ شەنىگە داغ چۇشەرسەڭلار ۋىژدان سوتى ئالدىدا قانداق جاۋاپ بېرەسىلەر؟سىلەر مۇيۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەن ئاياللارنىڭ رۇھىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىزدەنسەڭلار، تېرىشساڭلار،ئەرلىرىڭلارغا سادىق بولۇپ يار يۆلەكتە بولساڭلار،پەس ئارزۇ –ھەۋەسلەردىن خالى بولساڭلار پاك تەن ۋە رۇھىڭلار بىلەن تۇرمۇش يولۇڭلارنى تېپىپ كىتەلەيتىڭلارغۇ؟ ھەر قانداق ئادەم خەلق نەپىرەتلىنىدىغان يامان يولدا مىڭىپ خەلقنىڭ نەپرىتى ئاستىدا ياشىغۇسى
يوق بولسا كېرەك،ئەلۋەتتە.ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا بەزى تۇرمۇش بېسىملىرى مەجبۇر قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن شۇ كىشىنىڭ روھىيتىدىكى نادانلىق،بىلىمسىزلىك،ئاچكۆزلۈك،شەھۋەتپەرەسلىك..، دەۋەت قىلىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن بەزى غەيۋەتخور،نادان كىشىلىرىمىزنىڭ كەمسىتىشى، غەيۋىتى،ئۇلارنىڭ پاتقاققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىشىغا سەۋەپچى بولۇدۇ. بىز دەۋاتقان "ئۇيغۇر قىزلىرى"
پەقەت بىر قىسىملار،ھەرگىزمۇ بارلىق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئەمەس.شۇڭا بىزدە ئۆز-ئۆزىمىگە، ئائىلىمىزگە، جەميەتكە، مەسئول بولىدىغان مەسئولىيەت تۇيغۇسى بولغاندىلا ،ئاندىن بۇ خىل ناچار ئىللەتلەرنى توسوغىلى، كونتىرول قىلغىنى بولىدۇ. قىسقىسى،بىز مىللەتنىڭ تۇۋرۇگى بولغان ئەرلەرھەممىمىز قىزلىرىمىزنىڭ ساپالىق ئانا بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۇچۇن ئۆز مەسئولىيىتىمىزنى تولۇق تونۇپ تۇل خوتۇن، يېتىم-يىسىرلارغا سەمىمىي ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى،خوتۇن –قىزلىرىمىزغا كۆيۇنۇپ،ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىك، بىلىملىك، دىيانەتلىك ئانىلاردىن بولۇشىغا ئەرلىك مىھرىمىزنى بېرەيلى. مىنىڭ يۇقۇردا دىگەنلىرىم بەلكىم ئەمىلىيەتتىن
چەتنەپ كەتكەندۇ، ياكى ھەممە سەۋەنلىكنى بىز ئەرلەرگە يۈكلەپ قويغاندىمەن. لېكىن دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت. بۇنى ھەمىمىمىز كۈرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئالدىمىزدىن ئۆتۈۋاتىدۇ.گەرچە نۇرغۇنلىغان ساخاۋەتچىلەر: كارخانىچى، سودىگەر، بايلىرىمىز،ھەم جەميەتتىكى
ۋىژدانلىق كىشىلەر، شەپقەت يەتكۈزگۈچى ئانىلار ئويغۇنۇپ بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقان ، ھۆكۈمەتمۇ بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولسىمۇ ، ھەمىمىز تەڭ
قولىمىزدىن كېلىشىچە
ئەشۇنداق تۈيۈق يولغا كىرىپ قالغان نارسىدە قىزلىرىمىز، تۇرمۇشتا قىيىنىلۋاتقان، ئامالسىز
قالغان ئاياللىرىمىز نى توغۇرا يولغا باشلايلى، ئاللاھ ئۇلارغا توغۇرا يول كۆرسىتىدۇ، ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىنساپ، ئىمان ئاتاقىلسۇن.
مەنبە:يازمام
|