گۈزەل ئىلى دىيارىم
گۈل گۈلۈستان ئالمىلىق، گۈزەل ئىلى باغلىرى. دۇنيادىكى جەننەتتۇر، چەكسىز كەتكەن تاغلىرى.
چاخچاق خۇمار خەلقىنىڭ، ئۆتەر ھىيتتەك چاغلىرى. ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاق، يوق ئاداۋەت زاغلىرى.
قەد كۆتۈرۈپ كۆز ئاچقاچ، قايتىلانماس كەچمىشى. باياشاتلىق دەۋراندا، يوقتۇر ئەندى رەنجىشى.
نۇرتاي ...ئوخشاش ئوغلانلار، ئەۋلاتلارنىڭ دىلكىشى. ئېقىپ تۇرغاچ ئاق ئۆستەڭ، روناق تاپتى ھەرئىشى.
قەد كۆتەرگەن يۇرت-يۇرتتا، ئىنىستۇتلار، مەكتەپلەر. قىزغىن بىلىم ئالماقتا ، بىلىم -كۈچ دەپ پەرزەنتلەر.
قاتار كەتكەن بىنالار، كۆككە بېشى تاقاشقان. كەچتە يانسا چىراقلار، كۆزۈڭ ئۇندىن قاماشقان.
چىمەنلىكنىڭ ئۆزىدۇر، مانا ياشلار مەيدانى. ئۇسسۇل ئويناپ قېرى-ياش، ئاۋات قىلار سەينانى.
خەنزۇ بازار، تەشلەپكە، ئاۋات رەستە بازادۇر. نىمە دىسەڭ شۇ تەييار، كۆرۈپ ئەقلىڭ ئازادۇر.
ئەنە ئاۋۇ ھەرەمباغ، بۇ مەدىرس مەسچىتى. دەريا بويى ئوخشاشلا بۇ شەھەرنىڭ بىر چىتى.
كۆۋرۈك سالغان دەرياغا، يىلان كەبى سوزۇلغان. "كىلىڭ يەنە مىھمان! "دەپ، لەۋھە-تەكلىپ يىزىلغان.
ئىلى دەريا بويلىرى، سەيلىگاھدۇر يىل بويى. بارساڭ كەتكىڭ كەلمەيدۇ، نەغمە-ناۋا كۇن بويى.
سورۇن تۈزۈپ قېرى، ياش، تەمبۈر، دۇتار ياڭرىتار. ھىسام بىلەن تۇداخۇن، كۈلكە بىلەن يايرىتار.
تاش كۆۋرۈكتەك سەيلىگاھ، قىززىپ كېتەر ھەر كۈنى. كېرىپ كۆرۈپ،راسمىكىن، ئۆزەڭ چىقار يەكۈننى.
سەھرالارنى بوش دىمەڭ، بۇغداي،قوناق..ئوخشىغان. شەھەر بىلەن ناھىيەلەر، زەنجىرسىمان تۇتاشقان.
كۈنەس دىگەن دىيارنىڭ، سەيلىگاھى ناراتتۇر. كېلىپ سەيلە قىپ كېتىڭ، بەجايىكى جەننەتتۇر.
سەيلىگاھنىڭ كانىدۇر، توققۇزتارا ھەم نىلقا. تاغلىرىدا يايلايدۇ، توپ-توپ قويلار ھەم يىلقا.
جىللىيۈزى ئۈرۈكزار، ئادەملىرى خۇش ئاۋاز. مەشرەپلەردە قىزىزىيدۇ، ناخشا ئۇسسۇل ھەمدە ساز.
قورغاس چىگرا ئېغىزى، مەنپەت بەردى ھەممىگە. كۈرە دىسە داڭقى بار، باردۇر جىياڭجۈن مەھكىمە.
مۇڭغۇلكۈرە چارۋۇدا، روناق تاپقان ھەر كىشى. چاپچال، تىكەس بەك گۈزەل، كەلمەس بارسا كەتكۈسى.
قاش دەرياغا قارىساڭ، دولقۇن ياساپ ئاقىدۇ. بۆك باراقسان بويلىرى، ساپ ھاۋاسى ياقىدۇ.
پويىز ماڭار ۋاقىراپ، ئاپتۇۋۇزلار ئالدىراپ. كان بايلىقى مۇل ئۇندا، تۇرار ئەنە پاقىراپ.
قارا ئالتۇن كانلىرى، ئەسىرلەردىن قېزىلغان. زامانىۋى خاڭلارغا، ماشىنىلار تىزىلغان.....
يازسام-يازسام تۇگىمەس، ئانا يۇرتنىڭ تەرىپى. سىزنى كۈتۈش ھەرقاچان، ئىلىلىقنىڭ شەرىپى.
كەلگىن دوستۇم ئىلىغا، جەننەت دىگەن مەشەدە. دىلىڭ يايرار شاتلىقتىن، ئىلى دىگەن بۇ شەدە. مەنبە:ئىجادىيەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-14 19:10
|