- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2011-1-17
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 215سائەت
- جۇغلانما
- 1871
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 296
- تېما
- 71
 
- توردا
- 215سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 13
- يازما
- 296
- تېما
- 71
|
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
سىزنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن تۆككەن ئەجرىڭىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن...
___________________-
ئەمدى سۇئالىڭىزغا كەلسەك مەن ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلىشىچە جاۋاب بېرىپ باقاي،كەم قالغان يەرلىرىنى ئاتامانلار تولۇقلاپ قويار.
1- مۇنبىرىڭلاردا ئىزچىل يولغا قويلىۋاتقان مۇكاپاتلىق پائالىيەت راس پائالىيەتمۇ ياكى مۇنبەر يۈزىدە راس،ئەملىيەتتە يالغان پالىيەتمۇ؟ئەگەر راس ياكى يالغانلىقنى ھەققىدە قانداق چۈشەنچە بىرسىلەر؟
2-مۇكاپاتقا ئىرىشتى دىگەننى مۇنبەر يۈزىدە ئىلان قىپ قۇيۇپ ئەملىيەتتەمۇكاپات بەرمەسلىكنى قانداق چۈشەندۈرسىلەر؟
توربەت قۇرۇش ئاسان لېكىن ئۇنى قانداق تەرەقىي قىلدۇرۇش،تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارنى توسالغۇسىز ھەلقىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.ئىزتورى ئۈزلۈكسىز تېخنىكا يېڭىلاش،باشقۇرغۇچى ئاتامانلارنىڭ تىرىشىش،ئەزالارنىڭ قوللاش نەتىجىسىدە بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ،چاقنىغان يۇلتۇز بولالىدى گەرچە ئەڭ ياخشىسى بولمىسىمۇ لېكىن ئەڭ ياخشىسى بولىشقا تىرىشتى.كونىلاردا تىرىشقان داۋان ئاشار دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزلەر بار.
مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر ئىز تورى پامىر شىركىتىكى تارمىقىدىكى توربەت.شۇنداق بولغانكەن توربەتنىڭ ئىناۋىتى بىۋاستە شىركەتكە تەسىر قىلىدۇ.
مۇكاپاتلىق پائالىيەتنىڭ مەخىسىدى ئىزتورىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئەزالارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە كەڭ قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتىرىپ، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىغان بىر سەينا ھازىرلاپ بېرىش.شۇ سەينادا ئىلىمگە تەشنا يۈرەكلەرنى قاندۇرۇشنى چىقىش قىلغان.
ئاۋال ئۆزۈم مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىزتورىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
كونىلاردا ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دەيدىغان ھېكمەتلىك ئىبارىلەر بار.بۇنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مەنىسىمۇ ئەل ھەممىنى كۆرىپ تۇرىدۇ،ئەلنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن دەيدىغان مەنا چىقىدۇ.
قىسمەنلىكنى ئومۇملىق ئۈستىگە دەسسىتىش بىر بىمەنىلىك.
مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.پەقەت قىسمەن ئەزالار تاپشۇرۇپ ئالالماپتۇ.سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ.بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەب شۇ ئەزالارنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرىسىنى تۇلۇق ئەۋەتىپ بەرمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇقۇشماسلىق بولىشى مۇمكىن.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-25 14:32
|
|