كېلىسەن ھامان!

ياشىدىم ھەسرەتتەكۆپ يىل بەخىىتسىز، ئىزدىدىم بەختىمنى خۇددى مەجنۇندەك. تاپقاندا سۆيگۈمنى يەتكەن مۇرادقا، ئۆتكەنغۇ بىر مەھەل پەرھات-شېرىندەك.
نەسەۋەپ بىلمىدىم، قانداق قىسمەت بۇ؟ كەتتىڭغۇ تۇيۇقسىز مەندىن يۇز ئۆرۇپ. كاژ پەلەك،شۇم تەغدىر چاخچاق قىلغاندەك، بەختىمدىن ئايرىلىپ قالدىم ئاھ ئۇرۇپ.
سۆيگۈدىن ئايرىلىپ تەنھا ئۆتەمسەن؟ تۇرمۇشنىڭ يۈكلىرى باسار يەلكەڭنى. رەھىمسىز كاژ پەلەك، ئېلىپ كەتمەمدۇ؟ بەختىڭنى،سۆيگۈڭنى،خوشال كۈلكەڭنى.
قايمۇقۇپ ئازدىڭمۇياكى قوقتۇڭمۇ ؟ غەيۋەتخور غەيۋىتى،تۆھمەت ئالدىدا. ئاق ئىدىڭ ئاقلىنىش زۆرۈرمۇ يەنە، ۋىجدانىڭ خالىماس قىسمەت ئالدىدا.
بىلەمسەن ؟ مۇھەببەت -بىرئۆچمەس يالقۇن، ئاشىقلار قەلبىدە لاۋۇلداپ تۇرغان. دۇنيادا ئۆزگىگە كامدۇرئىچ ئاغرىپ، سۇيگۈدىن ۋاز كېچىپ ئارسالدا بولغان.
بىلىسەن ،سىنىڭدىن ئايرىلالمايمەن، يۈرۈگۈمنى يېرىپمۇ كۆرسۈتەلمەيمەن. بۇ ھەسرەت، ئازاپلىق كۈتۈشلەر ئۈچۈن، قەلبىمگە تەسسەللى ھەم بېرەلمەيمەن!
بەزىدە ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چىكىمەن، بەزىدە ئازاپتىن نەچچە ئۆلۈمەن. قەلبىمدە سېغىنىش ئوتى كۆيسىمۇ، چاندۇرماي كۈتۈپ يار، كۈلۈپ يۈرۈمەن.
ئىشەنچىم بارساڭا تەشنادۇر كۆڭلۈڭ ، كۈتۈمەن تا ئەبەت، كېلىسەن ھامان! شۇ چاغدا جەم بولۇپ ئايرىلماي مەڭگۈ ، يىتەرمىز مۇراتقا،كۈلىسەن ھامان! 
مەنبە؛يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-14 14:27
|