- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 234سائەت
- جۇغلانما
- 8625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
- توردا
- 234سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 32
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
|
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پاقا بىلەن چايان دوسىت بوپتۇ، ئۇلار يولدا كىتىۋىتىپ، بىر دەرياغا دۇچ كەپتۇ.
_ دەريادىن قانداق ئۆتىمەن؟_ دەپتۇ چايان،
_ مەن تۇرغان يەردە نىمىدىن غەم يەيسەن؟_ دەپتۇ پاقا_ ماڭا ھاپاش بول، ئۆتكۈزۈپ قويىمەن.،
چايان پاقىغا ھاپاش بوپتۇ، پاقا سۇغا كىرىپ ئۈزۈشكە باشلاپتۇ، دەريانىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە چايان توساتتىن دوستى پاقىغا <<تارىس>> قىلىپ نەشتەر ئۇرۇپتۇ.
_ ئاغىنە بۇ نىمە قىلغىنىڭ ؟_ دەپ سوراپتۇ چاياندىن پاقا خاپا بولۇپ.
_ ھىچنىمە قىلمىدىم، دوستۇم، بۇ مىنىڭ ئادىتىم، بىر نەرسىگە يىقىنلاشقاندىن كىيىن چاقمىسام زادىلا تۇرالمايمەن!_ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ چايان.
قاتتىق غەزەپلەنگەن پاقا؛<<خەپ توختا!>> دەپتۇ ئىچىدە ۋە بىر ئازدىن كىيىن ئاستا-ئاستا سۇغا چۆكۈشكە باشلاپتۇ. قورقۇپ كەتكەن چايان ئالدىراپ -تىنەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ؛
_ ۋايجان ، نىمە قىلىۋاتىسەن، دوستۇم؟! سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدىغان بولدۇمغۇ!
_ ۋارقىرىما، ئاغىنە ، سۇغا چۆكۈشمۇ مىنىڭ ئادىتىم ، سۇنى كۆرسەم يايراپ كىتىمەن، بىر چۆمۈلىۋالمىسام، پۇخادىن چىقمايمەن!_ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ پاقا ۋە راستىنلا سۇغا چۆكۈپتۇ، چايان تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ.
مەنبە؛<<ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى>>
|
|