- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 234سائەت
- جۇغلانما
- 8625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
- توردا
- 234سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 32
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
|
1.ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ. پاشنىسى بەك ئىگىز ئاياغ كىيىۋالسىڭىز بەدىنىڭىز پۈكلىنىپ قالىدۇ ھەمدە ناھايىتى چاكىنا كۆرىنىپ قالىسىز، بويىڭىز160 نەچچە سانتىمىتىر دىگەندىمۇ ئايىغىڭىزنىڭ پاشنىسى 5-6 سانتىمىتىردىن ئىشىپ كەتمىسۇن.
2.پۇتىڭىزنىڭ بارماقلىرى چىقىپ تۇردىغان ئاياغ، مۇنداق ئاياغ بەلكىم بەك راھەتتۇر . ئەمما، بۇ ئاياغنى كىيىپ قىستاڭ كوچىدا ئايلىنىپ يۈرگەن چىغىڭىزدا چوقۇم باشقىلار پۇتىڭىزغا دەسسىۋىتىدۇ ھەمدە يامغۇر يىغىپ قالسىلا پۇتلىرىڭىز ھۆل بولۇپ كىتىدۇ، ئىلگىرى پۇتىنىڭ بارماقلىرى بىلەن تاپان چىقىپ تۇردىغان تۈز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك ئىدى، كىيىنچە بارماق چىقىپ قالمايدىغان تۇمشىقى پۈتۈن، پەس پاشنىلىق ئاياغلار بازار تاپقىلى تۇردى.
3.پوقاق پاشنىلىق ئاياغ، ئۇرۇش مەزگىللىرىدە خىرۇم كەمچىل بولغاچقا ، ئاياغ زاۋۇتلىرى چەمنى يۇمشاق ياغاچتىن ياكى باشقا ياغاچ ماتىرياللىرىدىن ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان ، فىرانسىيە ئاياللىرى بۇ ئاياقلارنى نائىلاج قوبۇل قىلغان ، لىكىن قاقما پاشنا ھەر قانداق پاشنىدىن ئىغىر ھەم قوپال بولىدۇ، شۇڭا، بۇنداق ئاياغلارنى توي-مەرىكىلەرگە ، ھەر خىل مۇراسىملارغا كىيىپ بىرىشقا مۇۋاپىقك كەلمەيدۇ.
4.تاسمىسى ئوشۇقىغا چىگىۋىلىندىغان ئاياغلار، بۇنداق ئاياغنى كىيىۋالسىڭىز ھەم سەت تۇرىدۇ، ھەم ئەرزان، ناچار ئاياغدەك كۆرىنىدۇ.
5.پۇتىڭىزنىڭ بارماقلىرى مانا مەن دەپلا بىلىنىپ قالىدىغان . ئۇچى بەك ئۇچلۇق، كىيسىڭىز بوشراق بىلىندىغان ھەمدە كىيىپ بولغۇچە تۇمشىقى ئاسمانغا قاراپ قالىدىغان ، چوڭ ئەتتىرگۈل نۇسخىسى ياكى كىپىنەك نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئاياقلار، باشقىچە قىلىپ ئىيىتقاندا ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى زىيادە ئۆزىگە تارتىدىغان ئاياقلار.
6.پاشنىسى ئىسكەتىدىن كەتكەن ئاياغ ئەلۋەتتە بولمايدۇ، بۇ تەرىپىنى چۈشەندۈرمىسەكمۇ بولىدۇ.
ئاخىرىدا سىزگە بىرىدىغان مۇھىم تەكلىپ شۇكى، ھەرگىزمۇ چىرايلىق بولىمەن دەپ ئارامبەخىشلىكنى يوقىتىپ قويماڭ،چۈنكى، ئاياغ بەك چىڭ كەلسە ياكى پۇتىڭىزغا ماس كەلمىسە چوقۇم سىزنى چارچىتىۋىتىدۇ، ھەتتا بەك قىينايدۇ، نازاكەتلىك ، گۈزەل ئايال ھەر ۋاقىت ، ھەر يەردە ھەرگىزمۇ مۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى كىرەك.
مەنبە؛<<خانىم -قىزلارنىڭ گۈزەللىك دەستۇرى>>
|
|