تاتلىق پىغان شېئىرلىرى< 1> ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:مۇنبەر ئەھلى!!!مەن مىسرانىم مۇنبىرىدىكى دون،ماكانىم ۋە باشقا مۇنبەردىكى پىنھان بولىمەن.مەن باشقا توربەتلەردە باشقا نام بىلەن بولغاچقا،ھەرقايسى تور باشقۇرغۇچىلارغا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدىم.شۇڭا ئىسىمىمنى ئوخشاش بىرخىل قىلىش ئۈچۈن <<تاتلىق پىغان>>دەپ ئۆزگەرتتىم.ھەرقايسىڭلارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسام ئەپۇ قىلغايسىلەر!!!! ئېھتىرام بىلەن توردىشىڭلار:تاتلىق پىغان(كونا پىنھان) ئاشىق نىداسى
مەردان ئابدۇللا 
چۈشەپ قويدۇڭ ۋىسال كوچاڭغا
يۈردۈم مىسكىن كىرپىكلىرىم نەم
تىنىقىڭدا چەكسەڭ دىلىمنى
مەندىن يىراق كېتەتتى دەرد-غەم

ھەر ئويۇمدا كەپتەردەك ئەگىپ
سەن يايرىدىڭ ، مەن تارتتىم ئەلەم
بىلەر ئىدىڭ غېرىپ كۆڭلۈمنى
دىلخانەمگە بىر قويساڭ قەدەم

بولساڭمۇ سەن يىراق-يىراقتا
روھىم سەندىن ئايرىلماس بىر دەم
كەپە سالدىم ۋىسال كوچاڭغا
ئارزۇ قىلىپ بولارمىز دەپ جەم

خىيال-ئويۇم، مۇڭلىرىم بىر سەن
توققۇزۇم تەل پەقەت سەنلا كەم
ئەگىپ سېنىڭ ۋىسال كوچاڭنى
يا ھارمىدىم، يا ئۆلمىدىم مەن. 
ئايال ھەققىدە
مەردان ئابدۇللا 
ئەي دوستۇم ئايالنى كۆرگەيسەن ئەزىز،
ئايال دەپ مەنسىتمەي دېمىگىن ئاجىز.
ئايالنىڭ پۇشتى سەن،ئايالغۇ ؟ئاناڭ،
ئۇ بولغاچ كۆمۈلمەس ھاياتتىكى ئىز.

ئۇ سېنى تۇغمىسا سەن نەدە ئىدىڭ؟
سۈت بېرىپ باقمىسا بولامتى جېنىڭ؟
شۇ ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن بولساڭ،
تۇپراققا كۈمۈلۈپ بولاتتى تېنىڭ!

ئوغۇز سۈت قۇۋۋەت بوپ چىقتى قانىتىڭ،
بىر ئەركەك ئاتالدىڭ، كەلدى ئامىتىڭ،
مەن دېگەن ئەركەك دەپ كۆرەڭلەپ كەتمە،
(چاي ئىچسەڭ چېنەڭدە تۇرسا ناۋىتىڭ).

ئايالنى چاغلىما ئاددىي بىر ئىنسان،
ئۇنىڭ بىر قولىدا تەۋرەيدۇ جاھان.
تۆھپىدىن،شەرەپتىن سۆز ئېچىپ قالساڭ،
ئەڭ ئاۋۋال ئايالغا مەنسۇپ شەرەپ-شان. 
قۇيرۇق كەسكەن قويلار مەردان ئابدۇللا 
يايلاقتىكى بىر توپ پادىلار، ئىناق-ئىجىل ياشاپ كەپتۇدەك. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە، قوي ئۆچكىنى دوراپ قاپتۇدەك 
. پاقلانلارنىڭ روھىنى يېدى،
ئۆچكىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى.
ئەجەپ بەكمۇ مودا تۇيۇلدى،
كاسسىسىنىڭ ئوچۇق قېلىشى. 
‹‹ئۆچكىنىڭكى ئەزەلدىن ئوچۇق››،
ھېچكىم ئاڭا قالمايدۇ ھەيران.
ئەمما قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا،
پۈتۈن ئالەم سالغۇسى چوقان.

پاقلانچاقمۇ كەستى قۇيرۇقنى،
رەڭمۇ -رەڭلىك بوياپ قاپاقنى.
قوي ھامىنى ئەمەستۇر ئۆچكە،
ئەمدى بۇلار تاپتى چاتاقنى.

كالتە قۇيرۇق ياپماس كاسىنى،
ساڭگىلىتىپ ئاپئاق كۆكسىنى.
ئاشۇ مۇڭلۇق قوي كۆز قوزىچاق،
جەلىپ قىلدى ئەركەك ئۆچكىنى.

شۇنداق قىلىپ قوي بىلەن ئۆچكە،
بارا-بارا چاڭلىشىپ كەتتى.
چاۋاك چالدى ئىبلىس پادىچى،
‹‹مول-ھوسۇلدىن››شادلىنىپ كەتتى.

خىتاب قىلدى غەززەپتىن قوشقار،
ئەمما ئۇلار پەرۋا قىلمىدى.
قانۇنلۇقكەن يالىڭاچلىنىش،
شۇڭا ئەمدى ئامال بولمىدى.

موماي قويخان كۆرۈپ ئەھۋالنى،
نالە قىلىپ دېدى ئاھ خۇدا.
ئۈستى تامغا نۇمۇس كۈچىدىن،
بۇ دۇنيادىن بولدى ئۇ جۇدا.

ئەمما ئاشۇ ئوغلاقسىمان قوي،
كاسا تولغاپ ماڭار كوچىدا.
ئانا ئۆلسە، قەبرە بېشىدا،
ئەئۇزۇدىن چىقمىدى سادا.
..................
..................
ئەي قوي باشلىق ئوچۇق كاسىلار،
بېشىڭنىمۇ كېسىۋەت!ياكى-
ئۇزۇن قۇيرۇق ياپسۇن ئىپپەتنى،
قىيامەتكە بارغۇچە تاكى.

سەن بەرگەن ھېسلار مەردان ئابدۇللا 
قەھرىتاننىڭ مۇز-سوغۇقىنى، دارغا ئاسقان جۈپ جادۇ كۆزۈڭ. باش باھارنى بەجا كەلتۈردى، دىلدىن چىققان يالقۇنلۇق سۆزۈڭ. 
يازنىڭ تومۇز ھارارىتىدەك، ئۆرۈك قىلدىڭ غورا كۆڭلۈمنى. شېكەر قوشتۇڭ قەھۋە ھېسلارغا، رەڭدار،شىرىن قىلدىڭ ئۆمرۈمنى. 
ساداقەتتە تېرىدىڭ گۈللەر، ئوغۇتلىدىم مەنمۇ مېھرىمدىن. خۇشبۇي پۇراق،يىلتىزى چوڭقۇر، تۇزۇتمىدۇق ھايات قەھرىدىن. 
قەلبىمىزنى پىچىرلار شامال، چىن سۆيگۈنى چۇقان سېپ ھەريان. بىر ئىتىقاد،بىر نىشان ئۈچۈن ، مۈرە تېرەپ ئاشىمىز داۋان. 
قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق مۇھاببەت مەردان ئابدۇللا 
كۈلۈشكەنتۇق ئۇزۇندىن بېرى، كۈيۈشكەنتۇق قىلىپ ۋەدىلەر. ئەخلاق-ھايا ئۆلچەم بولغاچقا، ئەجەپ پاكىزئىدى سۆيگۈلەر. تەڭ رېتىمدا سوققاچ يۈرەكلەر، ئۈزۈلمەيتتى شىرىن كۈلكىلەر. 
بۇ بەختلىك باھارىمىزغا، كېلىپ قالدىتۇيۇقسىز جۇدۇن. ئۇچراپ قاپسەن پۇلدار بىرىگە، نەپسىڭ ئۈچۈن يوقاتتىڭ خۇدۇڭ. قاشتېشىدەك سۈزۈك سۆيگۈگە، دەز كەتكۈزدۈڭ،تاشلاپلا قويدۇڭ. 
سۆيگۈمىزدىن ۋاز كېچەلمىگەچ، كېتەيلى دەپ قولۇڭنى تارتتىم. <<ئىشەنمىدىڭ سۆيگۈمىزگە>>دەپ، يەنە ماڭا گۇناھنى ئارتتىڭ. قالدىڭ ئېسىل رېستۇراندا سەن، لاتا بولۇپ مەن يالغۇز قايتتىم. 
ئەنە شۇنداق باشلاندى سېنىڭ، ھەشەمەتلىك يېڭى ۋىسالىڭ. ماددىي نەرسە چىرماپ روھىڭنى، كۆكتە پەرۋازتېخى خىيالىڭ. شەخسىي ماشنا توشۇيدۇ سېنى، بەلكى شۇدۇر سېنىڭ ئارمانىڭ. 
ئايلار ئۆتۈپ كۈنلەر بىرىدە، تۇيۇقسىزلا ئىزدىدىڭ مېنى. <<-كەچۈر مېنى!ئېزىپتىمەن مەن، ئىشەن ماڭا سۆيىمەن سېنى. ئەمدى بىلدىم بەختىم سەن بىلەن، سۆيەلمىدىم سەندىن باشقىنى>>. 
نېمە قىلغان ئىدىڭ سەن باشتا؟ ئىشلەتمەي شۇ قاپاق كاللاڭنى! قانداق ئۇنتاي قارىتىپ تۇرۇپ، يۈرىكىمگە پىچاق سالغاننى. دەپسەندە قىپ سۆيگۈ غورۇرنى، نومۇس بىلەن جېنىم ئالغاننى. 
يىغ تىلىڭنى ،يۈتكىن كۆزۈمدىن، كۆرمەي سېنى مەڭگۈگە ئەبەت. <<ئېرىشكەننىڭ يوقاتمىقى ھەق!>> ئۆزەڭ پۇلغا سېتىۋالغان دەرت. كۆمىۋەتتىم ئۆتمۈشكە سېنى، قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق مۇھاببەت. 
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم مەردان ئابدۇللا 
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، مەجنۇنتالدەك سالاملىرىڭىدا. خىياللىرىم ئۇچىتى سەرسانە، تىنىقىڭنىڭ شاماللىرىدا. 
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، مېھنەت سۆيگەن ئالقانلىرىڭدا. ئىمان-غورۇردەپ گۈپۈلدىگەن، ئوتلۇق يۈرەك نىدالىرىڭدا. 
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، بۇلاق كۆزۈڭ قايناملىرىدا. تاش-تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ئاقتىم، تاغ ئارىلاپ ئويمانلىرىڭدا. 
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، ئوقيا كىرپىك قارغايلىقىڭدا. سۆيگۈ ئۈچۈن ھەممىگە تەييار، مەرد-غورۇرلۇق قان-قانلىرىڭدا. 
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، <<ئۇيغۇر!>>دېگەن ئارمانلىرىڭدا. ئارمانىڭغا دەرمانىڭ بولاي، جۇت-بورانلىق كارۋانلىرىڭدا. 
مەن ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، سۆيگۈ چۆلى بوستانلىرىڭدا. مەن ئەڭ يارقىن كولمىناتسىيە، بۇ ھاياتلىق داستانلىرىڭدا. 
ھۇرۇننىڭ خىيالى
مەردان ئابدۇللا
قۇياشنىڭ كەپىسى زادى نەدىدۇ؟
ئاي بىلەن شىرىكلىشىپ بىر ئىزدەپ تاپسام.
چويۇندا قوپۇرۇپ دېرىزىسىنى،
ئىشىكىگە يوغان قىلىپ قۇلۇپنى سالسام.

خانەمنى مارالمىسا زەررىچە نۇرى،
مەن يۇمشاق كارۋاتتا قېنىپ ئۇخلىسام.
چۈشىسەم گۆش پولو،مانتا،كاۋاپلار،
ئەجەپ پەيزى ئوڭدا يېتىپ قورساق توقلىسام.

ھورۇننىڭ نالىسى
قېنى!؟
خىيالىمدىكى يۇمشاق كات-ساراي؟
قېنى ؟
چۈشۈمدىكى نازۇ-نېمەت ھاي ھاي.
.........
قۇياش!
تىك چۈشىپتۇ ئۆگزەمنىڭ تۆشۈكلىرىدىن،
تاقىر بېشىمغا رەھىم قىلماي.
ئۈچەي-باغرىم جېدەل قىلىدۇ،
يۈرەكلىرىم دۇمباق چالىدۇ،
قورساقلىرىم كوركىرايدۇ،
كىر يوتقىنىمدا.
شاۋقۇن-سۈرەن!
يەپ كەتتى قۇلاق-مېڭەمنى.
لاپلا قىلىپ ئاچتىم كۆزۈمنى،
ئاستا ياپتىم،
ئويغانماي دەپ مەڭگۈگە ئەمدى،
شىرىن ئۇيقۇغا كەتتىم.
.......
ھۇرۇننىڭ ئاقىۋىتى
چويۇننى چاي قىلىپ قايناتقان قۇياش،
ئوۋمۇ ئوۋلىماي،ئوتمۇ قالىماي،
كاۋاپ قىلدى.
تۆشۈك كەپىدە،
تەييار بولدى ،
چىۋېنلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقى.

قېرىنداشلارغا ئىككى كەلىمە مەردان ئابدۇللا 
بىرنى بىر دەيلى دوستۇم بىر يامان ھەممە ئەمەس، يامان دەپ تىللىماق ئاسان ياخشى نامنى تىكلىمەك تەس. 
بۇ ھايات ئىنسانچىلىقتا خاتالىق بار ھەركىمدە، بىر نۇقسانغا بىر ئۆمۈر گۇناھ ئارتىش ئەرزىمەس. 
سۇندۇرسا قۇرۇيدۇ گۈل،پەرۋىشتىن پۇراق چاچۇر، تىللىغانغا مۇشتلىغانغا يامان ئىللەت تۈزەلمەس. 
ئىلىم ھېكمەت ئۆگىنەيلى ئۆز-ئارا رىغبەت بېرىپ، نادانلىقتىن تالاش-تارتىش قىلىشمايلى ئەمدى بەس! 
قول كۆتۈۈپ ئىنساب تىلەپ دۇئا بېرەيلى ئازغانغا، قارغا ش،تىللاش ياخشى ئەمەس ئەل ئاۋامغا پايدا بەرمەس. 
<<تاتلىق سۆز تاشنى يارا،قاتتىق سۆز باشنى>>دېگەن، ئەجدادلاردىن قالغان ھېكمەت بىزگە زىيان ئېلىپ كەلمەس. 
ئىبرەتلىك سۆيگۈ مەردان ئابدۇللا 
بولمىغانتى ھېچقانچە ئۇزۇن، سېنىڭ بىلەن سىرداشقىلى يار. دېڭىز كەبى سۆيگۈمنى بەرسەم، ئېرىقلىرىڭ ئەجەپ ئىكەن تار. 
شىلدىرلىغان يۈرەك سادايىڭ، تارتقان ئىدى مەيلىمنى جانىم. سىرىڭ بىلىپ، باغرىم ئېزىلىپ، توۋا دېدىم!توۋ خۇدايىم. 
ئىنسان قەلبى ئىدى بىر دېڭىز، سەن قەلبىڭنى ئېرىق قىلىپسەن. ھەر ئېرىقتا ھەرخىل تەم بىلەن، ھەر يۈرەكنى ئوۋلاپ يۈرۈپسەن. 
ئەسلى مەنمۇ بەرسەم بولاركەن، ئېرىقىڭغا چۇشلۇق سۆيگۈمنى. ساڭا بەرگەن دېڭىزچە سۆيگۈم، ئەمدى غەرق قىلدى ئۆزۈمنى. 
ئاچچىق ھېسلار مەردان ئابدۇللا گۈل !
غۇنچە بولدى قۇياش نۇرىدا
ساقلايتى ئاشىقىنى تىمتاس.
بۇلبۇل!
قىلىپ يۈرەر نەلەردە پەرۋاز
كەلمىدى ئۇ غۇنچە يېنىغا.
غۇنچە
پورەكلىدى ئېچىلدى شۇندا
قالمىغاندەك تاقىتى گويا
خۇش ھىدىنى چاچتى ئەتراپقا.
يامغۇر !
كۆرۈپ قالدى ،
قانغا تولغان گۈل يۈرىكىنى
شۇ ھامان،
يىتىپ كەلدى بۇلۇتنى مىنىپ.
يېپىشتى ئۇ گۈل ۋە ياپراققا.
سۈيۈپ ئۆتتى گۈلنىڭ بەرگىگە،
ماڭدى قاراپ گۈل يىلتىزىغا.
گۈل بەرگى !
قالايمىقان بولدى شۇ تاپتا،
خىيالىمۇ چۇۋۇلغان گۈل بەرگىدەك،
ھەر ياق-ھەر ياقتا.
يامغۇر كۆزىگە،
كىرىپ كەتتى سۆيگۈنىڭ قۇمى.
ئېقىپ كەتتى كۆز ياشلىرى،
بۇلدۇق-بۇلدۇقلاپ،
گۈل !
كۈلۈمسىرەپ
ئاچتى قۇچىقىنى سوغۇق يامغۇرغا.
يامغۇر!
گۈلنى قۇچاقلاپ،
يۈرۈپ كەتتى ئانا تۇپراققا.
قېنىپ،بېسىپ سۆيەتتى،
گۈل بەرگىنى،
تۇپراققا چاپلاپ.
......
ئاپتاپ!
ھەممىنى،
ئايلاندۇردى ئاچچىق تارىخقا. ...........
مۇھاببەت!
بۇلبۇل ئاۋازى
ھىجرانغا يۆگەپ ساقلىتار
مۇھاببەت!
گۈلنىڭ پۇراقى
ھىدى بىلەن مەست قىلار،ئازدۇرار
مۇھاببەت!
يامغۇرنىڭ يېشى
تۆكۈلەر سۆيگۈ قەبرىسىگە
ياشنىتار
يېڭى بىر ھاياتنى.
ئىنسان !
مۇھاببەت قۇلى
ھامان بىر كۈنى
قۇل ئىگىسى تاپىدۇ ئۇنى.

بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە قالدى بىر ئارمان مەردان ئابدۇللا 
يانمايدۇ پەيلىدىن بىر پارچە بۇلۇت، نەچچە رەت تارىدى قانلىق ياش تۆكۈپ. ئۆرتەيدۇ بىر ئارمان چېقىپ روھىنى، مەڭگۈلۈك باش باھار پەسلىنى كۈتۈپ. 
تۆكمەكچى ئىدى ئۇ باھار يامغۇرى، شۇ جادۇ-ئىبلىسلار تاراتتى ئۇنى. بېشى يوق يىلاندەك قالدى بىرنىگاھ، قاناتسىز ئارماننىڭ ئاقتى خۇن-قېنى. 
بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە قالدى بۇ ئارمان، ئۇ دىلدىن تولىمۇ،تولىمۇ يىراق. باھارنىڭ يامغۇرى تامچىلانمىسا، قىسمەت شۇ توغراققا يىلتىزدىن قۇرماق. 
تىلەي بەختىڭنى مەردان ئابدۇللا 
باھاردىكى يۇلتۇزلۇق كەچتە،
كۆڭلۈم قاپتۇ دېدىڭ سەن ماڭا.
سەۋەبلىرىڭ چىرايلىق بولغاچ،
بەخت تىلەپ ئۇزاتتىم شۇڭا. 
شەرتلىرىڭگە كۈنەرمۇ ئىدىم،
ئۆتۈنسەممۇ ئۆتۈنەر ئىدىم.
ئەگەر مېنى چىن سۆيگەن بولساڭ،
جان تەسەددۇق مەن ئۆلەر ئىدىم.

ئۆلۈپ بەرسەم بەلكى قەبرەمگە،
گۈل تىزىسەن،ياشلار تۆكىسەن.
ئۆرتەپ سېنى ۋىجدان ئازابى،
قاباھەتلىك چۈشلەر كۆرىسەن.

ئەمما ئۇنداق قىلمايمەن بىلگىن،
سەن بولساڭمۇ كۈلۈپ ياشىغىن.
يىغلاپ تۇرۇپ تىلەي بەختىڭنى،
ئامان بولغىن!بەختىڭنى تاپقىن!

قانداق قىلاي بەخت تىلىمەي،
زورلاپ بولماس كۆڭۈل دېگەننى.
ئۇنتۇپ قالما بىر ئاخماق سەنچۈن،
يىغلاپ تۇرۇپ قۇت تىلىگەننى.

مەنبە:بۇرۇن مۇنبەرگە يوللىغانلىرىم.مىسرانىمغا دون نامى بىلەن،باشقا مۇنبەرلەرگە پىنھان نامى بىلەن يوللىغان.مەردان ئابدۇللا دەپ ئىسمىم بارلىرى ھەممىسى ئۆز قەلىمىم.
بەزىلىرىنى تورداشلارنىڭ پىكىرى بىلەن ئاز-تولا تەھرىرىلەپ،ئۆزگەرتىپ يوللىدىم.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!يىتىم شېئىر قىلىپ كۆچۈرمەڭ.رۇخسىتىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-14 16:32
|