يىغلىما سەھرا
سۇ چاچار زېمىنغا يىغلىغان سەھرا، چايقىلىپ جىم تۇرماس كۆلمۇ قوينۇڭدا، ئاھلىرىڭ دەستىدىن ئىرغاندى قارغاي، بورانغا خار بولغان بىچارە ئانا.
سۇلىرى ئۈستىدە لەيلىگەن چاۋا، كېسىلگەن چاچ كەبى زىننىتىڭ گىياھ،
گۈزەللىك سۇسلىدى باغرىڭدا مانا، قۇتۇرتۇپ ئادەمنى ئالۋاستى گۇناھ.
چىنلىقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئورەكلىرىنى، تولدۇردى ساختىلىق ھەتتا تاغ پەيدا. ئاھ،نېمە بۇزۇلغان بۇزدۇرغان سېنى؟ گۈزەلىك جىسمىڭغا تۇمانلار شەيدا.
سۇنساگەر گۈلۈڭدىن بىرتال يوپۇرماق، ھەتتا قان ئاقىدۇ كۆزدىن ياش تۇرماق. ئەسلەيمەن ئالبومۇم بېتىگە قاراپ،
بالىلىق كۈلدۈرگەن ياپيېشىل يايلاق.
مەنبە:قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا everoll تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-31 20:10
|