ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز قىزلار مۇھەببەتتە تەشەببۇسكار بولسا بولام ...
كۆرۈش: 2456|ئىنكاس: 45
go

قىزلار مۇھەببەتتە تەشەببۇسكار بولسا بولامدۇ ؟؟  

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
63 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشماقچى ، مۇنبەرداشلارنىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن
ئادەتتە قىز ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتتە كوپىنچە ئەھۋالدا ئوغۇللار تەشەببۇسكار ھالەتتە بولىدۇ . مەسىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ۋە ياكى باشقا جەھەتتە بولسۇن . بۇ مەيلى ئەدەپ -ئەخلاق ،شەرمى ھايا ۋە مەيلى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن پۇتۇنلەي ئورۇنلۇق .ھەم ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىش.
ئەمما ئەگەر بىر قىز شۇنداق بىر يىگىتكە ئۇچراپ قالدى دەيلى ، ئۇ يىگىت ھەر قايسى جەھەتتىن شۇنچىللىك ئىلغار ،مۇنەۋەر . ھەم شۇ قىزدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولسا ،ۋە شۇنداقلا ئۇ قىز ئۇلارنى ئۆز ئارا ماس كېلىدۇ دەپ ئۆزى بىلىپ بىلمەيلا ئۇ يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ،ھەم ئۇنىڭ مۇھەببىتى چىن ھەقىقىي بولسا ئۇنداقتا بۇ قىز قانداق قىلىشى كېرەك ؟ ئۇ يىگىتكە كۆڭلىنى ئىزھار قىلسا بولامدۇ ؟ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ قىز يىگىتنىڭ نەزىرىدە ئەخلاقسىز ،ھاياسىز سانىلامدۇ ؟ۋە ياكى ئۇ يىگىتنىڭ ئۇيۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالامدۇ ؟ ؟
مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم بۇ قانداقتۇر قىزنىڭ ھاياسىزلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ قىز بۇ پۇرسەتنى تۇتۇش كېرەكمۇ ياكى يىگىتنىڭ ئالدىغا كېلىشىنى كۈتۈپ ئۆز بەختىنى تەلەي سىناپ ساقلىسشى كېرەكمۇ ؟
.

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى مۇنازىرە تېمىسىنى يوللاپسىز ... بۇ ھەرقانداق بىر ياشنىڭ بېشىدا بار ئىش ، مىنىڭچە ئۇ ھاياسىزلىق سانالمايدۇ ... بۇنداق بولۇشى شۇ گۈزەل ئىستەك ھىسلىرىدىكى شۇ ئوت يۈرەكنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئىپادە قىلىدۇ ... ھايالىق بىلەن ، ھاياسىزلىقنىڭ ئاسمان - زىمىن پەرىقى بار ، بۇ نىمۇ دىسەك ، ۇەنىلام شۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىدا ، ئەخلاقىدا ، ھەربىر سۆز - ھەركىتىدە ... مەن بۇ يەردە ھەقىقىي كۆڭلىمدىكىنى پەقەتلا چىقىرالماي قالدىم ، قالغىنىنى باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن بولسا ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
63 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش salkin11 نىڭ يازمىسى

رەھمەت سىزگە ...مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن ئەمما شۇ ....

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
64 
يازما
666 
تېما
61 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىز مۇھەببەتتە تەشەببۇسكار راق بولمىسا زادى بولمايدۇ ..ئەللۋەتتە قىزلامۇ ئوغۇللار نى زىكتۇرۋەتمىگەن ئاساستا..

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش ZILALE نىڭ يازمىسى

ساقلاش پەقەتلا شۇ ئىنساننىڭ ئۆمۈرىنى خۇرىتىدۇ ... مەن ئويلايمەن ... ھارقانداق بىر ئەھۋالدا پەيىنى چىڭ تۇتۇش ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك كىرەك . ئىنسانغا ياشلىق پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدۇ . بەخىتمۇ بىرلا قېتىم كۆز ئاچىدۇ ، قايتا نىسىپ بولۇشى پەقەتلا ئەسلىمىدىنلا ئىبارەت ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
63 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش dilram نىڭ يازمىسى

توغرا دەيسىز ...ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق قىزلارنى كوپىنچە ھاللاردا خاتا چۈشىنىۋالىدۇ دە قىزلارنىڭ نىيتى دۇرۇس بولسىمۇ ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ كوڭلىدىكى ئوبرازى خۇنۈكلىشىپ قالىدۇ ..شۇڭا كۆپىنچە قىزلار ۋىسالسىز مۇھەببەتنىڭ دەردىنى بىھۇدە تارتىپ قالىدۇ .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
64 
يازما
666 
تېما
61 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەننمۇ قىزدوستۇمنى تەشەببۇسكار قىلالماي ئاۋارە خازېر. ئەمما قىلغاندىن كىيىن خاتا چۇشىنىۋالىدۇ دەپ ئەنسىرمەڭ ئۇنىڭدىن.[ بۇ يازمىنى dilram تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2011-4-17 16:32 ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش ZILALE نىڭ يازمىسى

بۇ يەردە دىيىلۋاتقان ۋىسال پەقەتلا يەككە يۈرەك ئەمەس ، بەلكىم ، ئىككى يۈرەكنىڭ لاۋۇلداپ سۇقىشىدىن ھاسىل بولىدۇ ... چوقۇم ھەر ئىككىيلەندە تەشەببۇسكارلىق بولۇشى ، ھەر ئىككىيلەندە ئورتاق بىر - بىرىگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياق بولۇشى ، چوقۇم ساختا رەۋىشتىن خالىي بولۇشى كىرەك ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
169 
تېما
121 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە ئالدى قىز ئۇغۇلنى چۈشەنسە شۇنداقلا ئۇغۇلنىڭ شۇ قىزدىن باشقا بىر قىز دوستى بارمۇ يوق شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن ئاندىن كۆڭلىدىكنى ئىپادە قىلىش كىرەك بولمىسا بۇنداق مۇھەببەت پەقەت شىرىن خىيالدىن باشقا بىر نېمە بولماي قالىدۇ.
چۈنكى ئۇغۇلنىڭ بەلكىم باشقا مۇھەببىتى بۇلىشى مومكىن ،ئۇنداق بولغاندا قىز ئۈزى ئويلاپمۇ باقمىغان ئازاپقا مۇپتىلا بۇلىدۇ،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بەختىگە چاڭ سالغان بۇلۇپ قالىدۇ.......
ئەگەر قىز راستىنلا ئۇغۇلنىڭ بويتاق ئىكەنلىكىنى بىلسە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم ئارلىق ساقلىغان ئاساستا ئۆز كۆڭلىنى ئىپادە قىلىپ يىگىتكە ئۆز كۆڭلىنى ئىپادلىسە بۇلىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۇغۇلنىڭ بويتاق ياكى ئەمەسلىكىدە..................بولمىسا سىز دىگەندەك ئۇيۇنچۇققا ئايلىنىپ قىلىش ئىھتىمالىقى يۇقىرى....................لىكىن بۇمۇ شۇ يىگىتنىڭ ۋىجىدان ۋە مەسھۇلىيەت تۇيغۇسنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە باغلىق.................

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
63 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 16:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش salkin11 نىڭ يازمىسى

ەېگىنىڭىز توغرا ...ئەمما شۇ يىگىت قىزنىڭ كوڭلىدىكىنى بىلمىگەن ۋاقىتتا قىزلار تەشەببۇسكار بولسا بۇ چاغدا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ؟؟ كەچۈرۈڭ ،خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .يېقىندا بىر دوستۇم مۇشۇنداق بىر ئىشقا ئۇچراپتىكەن ،مەندىن مەسلىھەت سورىغان .مەنمۇ قانداق مەسلىھەت بېرىشنى ،قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي شۇڭا مۇنبەرداشلاردىن مەسلىھەت سورىماق بولۇپ ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 17:24

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.